-
دىئالۇگ - [شېئىرلىرىم]
2010-08-16
__ نېمىشقا بۇ قەدەر شېرىندۇر ھايات؟
__ ئۆلۈمدىن يىراقلاپ كەتتۇق بىز ئاخىر.
__ بىر تامچە سۇ بىلەن بولىمىز بەربات؟
__ چۈنكى بۇ خۇشاللىق تەقدىردىن ئېغىر!
__ ھاردۇق بىز بىر جۈملە سۆزنى ئېيتالماي
بىر جۈملە ئىچىدە تۇرۇپ نىھايەت؟
__ تۈگىدى... تۈگىدى... ئاسماندىكى ئاي...
تۈگىدى كۈيلىگەن سۆيگۈ مۇھەببەت.
__ گۈل تۇزۇپ، بەرگلەر چۈشتى ئاياغقا؟
__ نالە-زار ئەيلىدى بۇلبۇل تۈن بۇيى.
__ شېئىرنى يېزىپلا يىرتتىم نېمىشقا؟
__ مۇكەممەل تەقلىد قىپ چىقتى ئۇ سېنى.
__ بىر ئايال بىر ۋەتەن چىگرىدىن يىراق؟
__ سېغىنىش ئىچىدە جىلۋىگەر تۈنلەر.
__ جېنىمنى ئالدى ئۇ ئۇرماستىن پىچاق؟
__ قىپ-قىزىل قان ئارا يۇرۇيدۇ سەھەر...
...