• يار كۆڭلى - [شېئىرلىرىم]

    2010-08-02

    يار كۆڭلى

    (شۇ ناملىق ناخشىغا)

     

    سۇنۇپ كەتتى ئەينىكىم

    كۆرسىتەلمەي ئەكسىمنى تولۇق.

    ئۇنى يار تۇتۇپ تۇراتتى

    چاچلىرنى تاراپ

    مېنىڭ گۈللىكىمدە ئۆزىنى ماراپ.

     

    «ئالتۇن تۇپراق ئىدى يار كۆڭلى»

    مېنىڭ شېئىرلىرىمدىكى.

    ئۇرۇق چاچتىم چاچقا ئاق كىردى

    ئۇ ئالتۇن تۇپراق ئىدى...

     

    شۇندىن بىرى شېئىر يازمىدىم

    ئەكسىم سۇندى ئاشۇ ئەينەكتەك.

    بىلدىم ئاخىر ئۇ ئالتۇن تۇپراق

    ئىكەن ئەسلى بىر قۇچاق ھەسرەت.

     

    ئالتۇن تۇپراق ياكى شۇ ئەينەك

    يارنى ئەسكە سالالماس ئەمدى.

    باھاردىكى قار ئۇچقۇنىدەك

    ئۆتۈپ كەتتى مۇھەببەت پەسلى.

     

    باردىم دەريا بۇيىغا

    ئالتۇن تۇپراق ھىدىنى پۇراپ.

    يار ئەينىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپتۇ

    ئاپئاق چاچلىرىنى تاراپ تۇرۇپتۇ...

    2010-يىل

    分享到:

    历史上的今天:

    يانۋار 2010-08-02