-
ئىچىمدىكى قەشقەر - [شېئىرلىرىم]
2009-05-04
ئىچىمدىكى قەشقەر (1)
ئىچىمدىكى قەشقەرگە باردىم
ئۇ زامان بىلەن بۇ زامان ئارىلىقىدىكى يولدا.
يېنىمدا بىر ئايال ئۇخلايتتى
بىر ئايال ئاچ بۆرىدەك كۆزلىرىمگە قارايتتى...
شۇنداق قىلىپ قەشقەرگە باردىم.ھېيتگاھ ئۆيۈمدىكى مىڭ يىللىق كىتابقا ئوخشايتتى
تۇپىسىنى قېقىۋېتىپ بىرىنچى بەتنى ئاچتىم.
بىرىنچى بەت ئاق ئىدى
تۇيۇقسىز تۇپا يېغىپ كەتتى ئىككىنچى بەتتە.
ئاغىينەم: "بولدى قىل، ئۇقۇمايلى" دېدى
ئاندىن بىز سۈرەتكە چۈشتۇق
ئاندىن بىز كوچىلارنى ئايلاندۇق
ئاياللار ياكى دۇغ ساتقۇچىلار
تار كوچىلار ياكى خىياللار
كۆز ئالدىمدا بىر قاراڭغۇلۇق.چىمەنگۈل ئاۋۇت ناخشا ئېيتىۋېتىپ جىمىپ قالىدۇ
مۇتەللىپ شېئىر ئوقۇيدۇ، ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ.
مەن ھېچنېمە دېمەي ھېرىپ كەتكەنلىكىمنى ھېس قىلىمەن
خىيالىمدا بىر تەنھا ئاققۇ...تېشىمدا ئاپتاپ
ئۇسسايمەن تەكلىماكاندەك
يەنە مىڭ يىلدىن كېيىن مەن يوق
يەنە مىڭ يىلدىن كېيىنكى بۇ يەكشەنبىدە
ھېچكىشىگە تەگمەس بىر پاي ئوق.
ئچىمدىكى قەشقەر (2)
كوچىلار بىزنىڭ ئەمەس
دېرىزىلەردە ياۋايى ھەۋەس...
سېنىڭ چۈشۈڭ ياكى مېنىڭكى
ھېيتگاھتىكى شۇ ئەتىرگۈل، بەس!ئايالىم كۆينەك ئالدى
دېڭىزدەك كۆك، تەكلىماكاندەك يوق.
ئاپتاپ ئوينار شامانچە ئۇسۇل
قىيسىق ئۆيلەر گۇيا بىر پاي ئوق.كۆرۈشتۇق تونۇشمايمىز
سۆزلەشتۇق، جىمجىت ھەممە ياق.
ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتتى ئارىدىن
دۇغ ساتقۇچى خېنىمدەك ئاپئاق.دۇغ ساتقۇچى خېنىم ماڭا كۆز قىسقان
بۇ باشقا بىر چۈشتىن كېيىن ئىدى.
ئايالىم قەدىمنى ۋاراقلار
ئارىمىزدا مۇھەببەت ھىدى.شۇنداق قىلىپ تېشىمدىكى قەشقەردىن چىقتۇق
شۇنداق قىلىپ تۈگىدى چۆچەك.
ئىچىمدىكى قەشقەر ئىچىمدە قالدى
بۇ ئىچىمدىكى قەشقەرگە يېزىلغان خەت.2007-يىلى 31-ئىيۇل
ئىزاھات: بىرىنچى شېئىر تەڭرىتاغ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ھەم ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان
历史上的今天:
كەلدىم ئۆزۈمدىن 2009-05-04ئۆلۈم 2009-05-04بىر شائىرغا 2009-05-04يېڭى مىڭ بىر كېچە 2009-05-04باھار پەسلى 2009-05-04