• S60 V3 يانفۇنلىرىنى بىر كۇنۇپكا بىلەن يېشىش - [تەرمىلەر]

    2009-05-05

    tedbirkar

     


    "يانفوننى يېشىش" ئۇقۇمى بىر قىسىم تورداشلارغا تونۇشلۇق بولغان بىلەن، يەنە خېلى كۆپ ساندىكى دوستلارغا ناتونۇش بولۇشى مۇمكىن. ھەقلىق يۇمشاق دېتاللارنى يېشىپ ئىشلەتكەننى ئاڭلىغان، يانفوننىمۇ يەشكىلى بولامدىكىنە؟ قانداق يېشىدىغاندۇ؟ بەلكىم مەزكۇر يازمىنى كۆرگەن بىر قىسىم تورداشلارنىڭ كاللىسىغا مۇشۇ سوئال كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمىلىيەتتە يانفوننى يېشىش ھازىرقى S60v3 سېستىمىسىدىكى يانفون ئىشلىتىۋاتقان دوستلار ئۈچۈن، خېلىلا تونۇش ئۇقۇم بولۇپ قالدى، چۈنكى ھەممىمىز ھەر بىر قېتىم ئامراق يانفونىمىزغا يۇمشاق دېتال قاچىلاش ئۈچۈن، شۇ يۇمشاق دېتالنى يانفونىمىز ئۈچۈن مەخسۇس بېجىرگەن گۇۋاھنامە بىلەن ئىمزا قويۇپ ئاندىن قاچىلايمىز، بولمىسا بۇ يۇمشاق دېتاللار يانفوندا نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ، بەزى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش ھاجەتسىز بولغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ بولسا ئىقتىدارلىرى تولۇق ئەمەس. شۇ سەۋەپتىن يانفوننى يېشىش دەيدىغان ئۇقۇم كېلىپ چىقتى، ناۋادا يانفون يېشىۋېتىلسە، S60v3 يانفون مەشغۇلات سېستىمىسى پۈتۈنلەي بىزنىڭ قولىمىزغا ئۆتىدۇ، بۇنداق بولغاندا يانفوندىكى نۇرغۇن چەكلىمىلەردىن ھالقىپ مەشغۇلات ئېلىپ بارالايمىز دېگەن گەپ.

    ئۇنداقتا يانفوننى قانداق يېشىمىز؟ خېلى كۆپ تورداشلارنىڭ كاللىسىدا بۇ توغرىسىدا ئۇقۇم شەكىللەنگەن بولسىمۇ، تەپسىلىي مەشغۇلاتنى بىلمىگەچكە ياكى يانفوننى بۇزۇپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەچكە تېخى بۇ خىل مەشغۇلاتقا كىرىشىپ باققىنى يوق. ئىلگىرى بىلىك كۇلۇبىدىكى ئالىپ ئەپەندى
    S60 3rd نى يېشىش ئۇسۇلى دېگەن نامدا مەخسۇس بىر يازما ئېلان قىلغان ئىدى، تەدبىركارنىڭ ۋاقتىنچە يانفوننى يېشىپ بېقىش ئويى بولمىغاچ، ھەمدە يۇقارقى يازمىدا تونۇشتۇرۇلغان ئۇسۇل بىر ئاز ئاۋارىچىلىق بىلىنىپ كارىم بولمىغان. كېيىن يانفونۇمغا يۇمشاق دېتال قاچىلاش جەريانىدا يەنە جىق ئاۋارىچىلىق ھېس قىلىپ كەتتىم، تورداشلار تەدبىركارنىڭ سەل ھورۇن بىر كىچىك دوست ئىكەنلىكىنى ئېسىدىن چىقارمىغان بولسا كېرەك؟ شۇنىڭ بىلەن توردىن ماتېرىيال ئاختۇرۇش ئارقىلىق پەقەت بىرلا باسقۇچ بىلەن يانفوننى يېشىشكە بولىدىغانلىقىنى بايقىدىم ۋە سىناپ كۆرۈپ مۇۋاپىقىيەت قازاندىم، مانا ھازىر بۇ يەردە سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

    بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان
    يانفوننى يېشىش بولسا ئاساسلىقى S60v3 يەنى Symbian S60 3rd تىپىدىكى يانفونلارنى يېشىشنى كۆزدە تۇتقان بولۇپ، نەزىرىيە جەھەتتىن تۆۋەندىكى يانفونلارنى تامامەن يېشىشكە بولىدۇ.

    Nokia N96, Nokia N95 8GB, Nokia N95, Nokia N93i, Nokia N93, Nokia N92, Nokia N91,  Nokia N82, Nokia N81, Nokia N80, Nokia N78,Nokia N77, Nokia N76, Nokia N75, Nokia N73, Nokia N71,  Nokia E90, Nokia E71, Nokia E70, Nokia E66, Nokia E65, Nokia E62, NokiaE61i, Nokia E61, Nokia E60, Nokia E50,, Nokia 6290, Nokia 6260, Nokia 6220 Classic, Nokia 6121 Classic, Nokia 6120 Classic, Nokia 6110 Navigator, Nokia 5700, Nokia 5500, Nokia 5320 XpressMusic, Nokia 3250 Nokia 5800

    نېمە؟ Nokia 5800 دېگەن ئەڭ يېڭى S60v5 نەشىردىكى يانفونغۇ؟ شۇنداق، بەزى تورداشلار مۇۋاپىقىيەت قازانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بىراق تەدبىركارنىڭ يانفونى S60v3 تىپىدىكى ئەڭ ئەرزان يانفون NOKIA 6120C بولغاچقا، باشقا يانفونلارنى سىناشقا ئامالسىز قالدىم، ناۋادا سىزنىڭ يانفونىڭىز يۇقارقى يانفونلارغا تەۋە بولسا، سىناش نەتىجىسىنى ماڭا تەمىنلەپ بېرىشنى ئۇنتۇماڭ.

    ئەمەلىي گەپكە كېلەيلى،
    S60v3 نى يېشىش ئۈچۈن بەت ئاستىدىن HelloOX نى چۈشۈرىمىز ۋە يانفونىمىزنىڭ مەخسۇس گۇۋاھنامىسى بىلەن گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، يانفونغا قاچىلايمىز. بەزىلەر يانفونغا گۇۋاھنامە ئىشلىتىش ھاجەتسىز دەۋاتمامتىڭىز دېيىشى مۇمكىن، راست، مەن ئەمدى يانفونغا گۇۋاھنامە ئىشلىتىش ھاجەتسىز دېدىم، يانفونىڭىزنى يېشىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتالنى سىز يەنىلا گۇۋاھنامە ئارقىلىق يۇغۇرۇشىڭىز كېرەك، بولمىسا تېخى يېشىلمىگەن يانفونغا بۇ يۇمشاق دېتال قاچىلانمايدۇ، بىراق ئادەمنى خۇش قىلىدىغىنى، بۇ يۇمشاق دېتالنى قاچىلاپ بولغان شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ يانفونغا يۇمشاق دېتال قاچىلاش ئۈچۈن گۇۋاھنامە ئىشلىتىش ھاجەتسىز، يەنى يانفون يېشىۋېتىلگەن بولىدۇ.
    PS: يانفونغا گۇۋاھنامە لازىم بولسا
    http://61.143.251.83 بۇ ئادرېس ئارقىلىق بېجىرىۋالسىڭىز بولىدۇ، 2 سائەتتە قولىڭىزغا تېگىدۇ

    HelloOX نى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن گۇۋاھنامە ئارقىلىق ئىمزا قويۇپ يانفونغا قاچىلايمىز، ئاندىن يانفون ئىقتىدار تىزىملىكلىك قىسمىدىن مېنىڭ ياردەمچىم مۇندەرىجىسىگە كىرىپ HelloOX نى قوزغىتىمىز.


    HelloOX قوزغالغاندىن كېيىن ئاپتوماتىك ھالدا بىر قاتار مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ، بارلىق مەشغۇلاتلار تۈگىگەندىن كېيىن يانفونىڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا يېشىلدى دېگەن ئۇچۇر چىقىدۇ، ناۋادا سىز بۇ ئۇچۇرنى كۆرەلىگەن بولسىڭىز سىزنى تەبرىكلەيمەن، يانفونىڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك يېشىلىپتۇ!
    ئەسكەرتىش: ناۋادا HelloOX نى قوزغاتقاندىن كېيىن ئىزچىل ھالدا قوللىنىشچان ياماقلار(应用补丁) قىسمىدىن ئۆتمەي تۇرىۋالسا، مەجبۇرى ھالدا ۋاز كېچىش(取消) نى بېسىپ چېكىنىپ چىقىپ HelloOX نى قايتا ئىجرا قىلساقلا بولىدۇ.

    HelloOX نى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئاپتوماتىك ھالدا ROMpatcher نى قاچىلايدۇ، ھەمدە قوشۇمچە Modo ھۆججەت باشقۇرغۇچىسىنىمۇ قاچىلاپ قويىدۇ. HelloOX نى ئىجرا قىلىپ يانفوننى يېشىش تاماملانغاندىن كېيىن HelloOX نى ئۆچۈرىۋەتسەك بولىدۇ(ناۋادا ئۆچۈرۈش مەغلۇب بولۇپ قالسا، يانفوننى قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن ئۆچۈرىۋەتسەك بولىدۇ). X-Plore بايلىق باشقۇرغۇچىسى ئارقىلىق Bin ۋە Private ھۆججەت قىسقۇچىنى كۆرۈپ ياكى تەھرىرلەپ باقساق بولىدۇ، بۇ يانفوننىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك يېشىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

    ھازىر بىزدە يانفوندىكى ئەڭ ئالى ھوقۇق بار بولدى، ئەمدى يانفونغا باشقا يۇمشاق دېتاللارنى گۇۋاھنامە ئارقىلىق گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ قاچىلاپ كۆرۈپ باقساق بولىدۇ، يەنە بىر قولايلىق يېرى شۇكى HelloOX ئاپتوماتىك ھالدا قاچىلاپ قويغان ROMpatcher ئارقىلىق ھوقۇقنى يۈرگۈزگىلى ۋە توختاتقىلى بولىدۇ، يەنە تېخى يانفون قوزغالغاندا ھوقۇق ئاپتوماتىك ئېچىلىدىغان قىلىپ تەڭشەشكە بولىدۇ.

    يانفونۇمنى يېشىپ بولغاندىن كېيىن، كۈمۈش ئوق بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكرەم ئەپەندى S60v3 ئەپەندى تۈزگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى سىناق تەرىقىسىدە قاچىلاپ كۆرۈپ باقتىم، ئاڭلىشىمچە بۇ كىرگۈزگۈچ سېستىمىدىكى ئەڭ ئالىي ھوقۇققا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، يانفوننى يەشكەندىلا ئاندىن قاچىلاشقا بولىدىكەن.
    بۇ يۇمشاق دېتالنى مەنبەدىن چۈشۈرۈڭ:
    ماقالە تەدبىركار بلۇگىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى.