-
يېڭى مىڭ بىر كېچە - [شېئىرلىرىم]
2009-05-04
قاخشال زامانلاردىن كەلدىم
قېلىچىمدا بىر تامچە قان.
مىڭبىر كېچەمدە لەپىلدەر بايراق
كېسىلگەن باشلاردا ئاخىرقى چۇقان.ئاتلار توپا تۇزىتىپ سىياھلارغا ئايلاندى
مەن ئۇنى سۆيەلمىدىم، ئايرىلدىم لېكىن
خەۋەرچى قۇش ماي ئايلىرىدا،
يېزىلمىغان خەتلىرىمدە پايانسىز ئېقىن.ناخشىلىرىڭنى ئاڭلايمەن، ئېيتالمايمەن
چۆچەكلىرىڭگە يۇشۇرنىمەن.
قىرىق قاراقچى يوق، ئوتتۇز ئەر
ئىشىكىڭنى چېكىمەن سۇنغان قوللىرىم بىلەن.历史上的今天:
ئىچىمدىكى قەشقەر 2009-05-04كەلدىم ئۆزۈمدىن 2009-05-04ئۆلۈم 2009-05-04بىر شائىرغا 2009-05-04باھار پەسلى 2009-05-04