• بىر شائىرغا - [شېئىرلىرىم]

    2009-05-04

     ــــ ئايتۇغدىغا

    aytugdi
       سېنىڭ بىلەن مېنىڭ ئارامدا
    ۋەتەن سۇزۇلۇپ ياتار.
    ۋەتەن گەرچە ئۇزۇن بولسىمۇ
    پەقەت بەش تال ھەرپكە پاتار.

    سەن سۆزلەرنى ئويناپ ئولتۇرۇپ
    نەزەر تاشلايسەن چەكسىز يوقلۇققا
    دېڭىز ئۇخلار، تاغلار يۈكسىلەر
    سەن كۆكسۈڭنى تۇتىسەن ئوققا.

    ئوق سېنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ
    قان سېنى ئېچىلدۇرىدۇ.
    كىرىپ كېتىسەن تۆت تام ئىچىگە
    قالار بۇندا بىر يورۇق تۇيغۇ.

    تەكلىماكان سېنى چاقىرار
    قۇملار ئاۋازىدا.
    دېڭىز سېنى يۇيار
    لەۋلىرىڭدە قاتقان بىر نىدا...

    ئەي بېدە كۆكى
    ئەي جىگدە چېچىكى...
    مەن سۆزلىدىم پەقەت ئۆزۈمگە
    پىشانەمدە ئوغلۇمنىڭ قۇلى.