-
دىلمۇرات - [شېئىرلىرىم]
2009-05-26
دىلمۇرات ئالتە ياشتا
ئالتە ياشتا قېرىپ كەتتى تەكلىماكاندەك.
قېرىپ كەتتى دادىسى گۇيا
قولىدىكى بىر پارچە ناندەك.
بىر پارچە نان
يىيىلگەن
يېرىم بولغان.
بىر پارچە نان
يۇلتۇزغا لىق تولغان بىر پارچە ئاسمان.
...
共1页 1
دىلمۇرات - [شېئىرلىرىم] | 2009-05-26 |