• بۈگۈن جۈمە - [شېئىرلىرىم]

    2009-05-02

    خەتكۈچ :جۈمە

     

    بۈگۈن جۈمە
    مەن ئازابلىنىدىغان كۈن.
    بىر توپ جامائەت يانار مەسچىتتىن
    مەن يۇشۇرنىمەن ئۆزۈمگە بىردىن.

    ئۇلار جەڭدىن يانغان پالۋانلار
    قېلىچسىز، ئارغىماقسىز.
    ئۇلار بىر يۇتۇم سۇ
    ئۇسساپ ياتار بۇندا ...