• ئاسمان - [شېئىرلىرىم]

    2009-05-10

    ئاسمان ئەسلى ئاسمان ئىدى
    ئاسمان بولۇشتىن ئىلگىرى.
    بىلىمەن، ئۇ بۈگۈنمۇ يەنە-
    زەڭگەر رەڭگە كىرمەكتە ئەنە.

    زەڭگەر رەڭ قىزاردى
    يايرىمنىڭ مەڭزىدەك.
    ئەتىيازدىكى بۇ چىڭقىچۈشتە
    ئىنتىلىدۇ قۇياشقا يۈرەك.

    قۇياش ياكى ئاسمان
    ئاسمان ياكى زەڭگەر رەڭ
    مەن ئۇنى كۈتتۈم
    كۈتتۈم ئۆزۈمنى، ھەتتەڭ...

    ئاسمان
    قۇياش
    يار
    زەڭگەر رەڭدە ھەممە بىر تۇتاش.

    2009-يىلى 26-فېۋرال





    • 评论

    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئابدۇرشىتكا منى ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز .http://bure.blogbus.com/
      ئابدۇرېشىت ئېلى回复bure说:
      بلۇگىڭىزنى ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم.
      2009-05-13 22:50:08