-
ئۆلۈپ كەتكۈچىگە - [شېئىرلىرىم]
2009-04-25
ئۆلۈپ كەتتىڭ كۆز ئالدىمدىلا
ئاپئاق رەڭدە.
تۇپراق سېنى باغرىغا باستى
پەقەت شۇ بىر مېتىر تۇپراق.
ئۆلۈپ كەتتىڭ. ئىككىمىز ئارىسىدا
مېڭىپ يۈرەر يازنىڭ ئاپتىپى.
نۇرغۇن سۆزلىرىڭنى ئاڭلىدىم (ماڭا دېيىلگەن)
چۈشتىن كېيى... -
ئونبەش مىنۇتلۇق شېئىر - [شېئىرلىرىم]
2009-04-25
ـــــــــ سېنىڭ خاتىرەڭ
بۇ شېئىرنىڭ بېشىدا
تۈن ئولتۇرار بېشىمنى سىلاپ.
سېنىڭ خەتلىرىڭنى ئۇقۇيمەن
يۇلتۇزلىرىمنى ساناپ.
يۇلتۇزۇم بار ئىدى ئاشۇ ئاسماندا
ئىشقىم كۈيلىنەر ئىدى داستاندا.
شېئىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا... -
كېچىنىڭ كۆزى ئوچۇق - [شېئىرلىرىم]
2009-04-25
كېچىنىڭ كۆزى قارا
قارا كۆزلەر قاتىلدۇر.
كېچىنىڭ ئاۋازى دېرىزىلەردە
ئالقىنىمدا بىر تامچە يامغۇر.
مەن يولۇچى ئۆزىدىن چىققان
ۋە ئۆزىگە قاراپ يول ئالغان.
تامدىكى جىمجىتلىق ـــ رەڭسىز رەسىمدۇر... -
ئەلۋىدا ئاچا - [شېئىرلىرىم]
2009-04-25
ـــ ئاچام بۈۋىخەدىچخاننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن
كۆمۈردەك قارا ئىدى ئاچام
لېكىن مېھرى ئىسسىق.
ھەر قېتىم مۇدھىش سوغۇقتىن تىترەپ ئالدىغا بارسام
مېنى باغرىغا باساتتى ۋە بېرەتتى ئوتتىن ... -
يالغۇزلۇق ۋە ئاققۇ - [شېئىرلىرىم]
2009-04-25
تۈن بىر پارچە سالام خەت
بىر تالمۇ سۆز يوق.
ئۇنى ئۇقۇپ ئولتۇرار
دېرىزىنىڭ سىرتىدا يوقلۇق.
ئۇ بىر تال سۆز ئەسلى ئېيتىمىغان
ياكى سۈرەتتىكى زەڭگەر ئاسمان.
شۇنداق، ئۇ كۆز ئالدىمىزدىلا
جىمجىتقىنا سالىدۇ چۇقان.... -
كېچە ناخشىسى - [شېئىرلىرىم]
2009-04-25
كېچىنىڭ كۆزى قارا
قارا كۆزلەر قاتىلدۇر.
كېچىنىڭ ئاۋازى دېرىزىلەردە
ئالقىنىمدا بىر تامچە يامغۇر.
مەن يولۇچى ئۆزىدىن چىققان
ۋە ئۆزىگە قاراپ يول ئالغان.
تامدىكى جىمجىتلىق ـــ رەڭسىز رەسىمدۇر
جىمجىتلىقتا قارا ھايا... -
مەپىچى.ھازىر - [شېئىرلىرىم]
2009-04-25
ـــ غۇلجا تەسىراتلىرىدىن
ئاسىمجان مەپە ھەيدەپ كەلدى
يەرلىرىنى تاشلاپ قويۇپ
مەپىچى تارىخنىڭ بىر ۋارىقى ئىدى
بارىمىز بىز ئۇنى كۆزلەرگە سۈرۈپ.
كۆزلىرىمىز ئېچىلدى
چاپاق باسقان كۆزلىرىمىز.
بېشىمىز يېرىلدى... -
توي قىلىۋاتقان قىز - [شېئىرلىرىم]
2009-04-25
ـــ غۇلجا تەسىراتلىرىدىن
بىر قىز توي قىلىۋاتقان باغدىن ئۆتتۇق
تويى بولىدىغان قىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ.
مەن ئۇ قىزنى بىر تال يوپۇرماق دەپ ئويلىدىم
شاختىن بالدۇرلا چۈشكەن سىيرىلىپ.
ئۇ شاختىن سىيرىلىۋاتقاندا
قۇياش ئۆزىنى ... -
كاككۇك - [شېئىرلىرىم]
2009-04-25
(كاككۇك ناملىق ناخشىغا بېغىشلايمەن)
كاككۇك قىچقىرىدۇ
يۇپۇرماقلار جىم.
نۇرغۇن ئاۋازلارنىڭ قارشى تەرىپىدە
يۈرىكىمنى تىلار بىر ئىسىم.
قۇلۇمدىكى قەدەھ ـــ مېنىڭ ھاياتىم
مېنىڭ ھاياتىم ـــ ئېقىۋاتقان سۇ.
قار... -
ئۆلۈم - [نەسىر-خاتىرىلىرىم]
2009-04-25
مەن ھاياتىمنىڭ بۈگۈنگىچە ئۇلاشقان مۇساپىسىدە ئۆلۈمنى كۆپ ئۇچراتتىم. ھەر قېتىملىق ئۆلۈم بىر-بىرسىگە ئوخشىمايتتى، كېيىنكىسى ئالدىنقىسىدىن ئۇلۇغۋار تۇيۇلۇپ دائىم كۆڭلۈم پەرىشان بولاتتى. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق ئۆلۈم ئېسىمدىن ...