• يالغۇزلۇق ۋە ئاققۇ - [شېئىرلىرىم]

    2009-04-25

    تۈن بىر پارچە سالام خەت
    بىر تالمۇ سۆز يوق.
    ئۇنى ئۇقۇپ ئولتۇرار
    دېرىزىنىڭ سىرتىدا يوقلۇق.

    ئۇ بىر تال سۆز ئەسلى ئېيتىمىغان
    ياكى سۈرەتتىكى زەڭگەر ئاسمان.
    شۇنداق، ئۇ  كۆز ئالدىمىزدىلا
    جىمجىتقىنا سالىدۇ چۇقان.

    ئۇنى كۆرىمەن
    قۇرلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا
    ئۇنى كۈزىتىمەن
    ئۆزۈمنىڭ باشقا بىر ئاۋازى ئارا.

    چېقىلىپ كەتتى ئۇ ـــ
    ئەينەكتەك
    تىرىۋالالمىدىم بىر پارچىسىنىمۇ.
    مۇشۇنداق باشلىنار سەن ئېيتقان چۆچەك
    ئۇچۇپ كەتتى يىگانە ئاققۇ...

    2008.10.19