• كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمە - [شېئىرلىرىم]

    2009-04-25

     
     
     غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ  "كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ" ناملىق شېئىرىغا

    كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرسە
    ئادەم ئۆزىگە قايتقىلى بولىدۇ.

    سەن كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ
    ئاستا-ئاستا كەتتىڭسەن ئېرىپ.
    يىغلايمەن دوستۇم ئادىل ئۈچۈن،
    ئادىل-
    نەچچە رەت تۇزىدى يەنە ئېچىلىپ.

    ئادىل بىر بالا ئىدى
    ئۇنىڭ ۋەتىنى بار ئىدى قۇياش ئاستىدا.
    ئۇ ناخشىلار توۋلاپ مەكتىپىدىن ياناتتى
    ۋە چوڭ بولاتتى ئاشۇ ناخشىدا.

    ئادىل تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ
    تاپشۇرۇق تۈگىمەيدۇ.
    سەن ھېلىمۇ كۆڭۈلنىڭ كەينىدە
    ئۆزۈڭنى قوغلاپ
    ھېلىقى ناخشىنى ئاڭلاپ
    قالىسەن توختاپ.

    دوستۇم،
    كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمە
    كۆڭۈلنىڭ كەينىدە بىر گۈللۈك ھويلا
    ئۈزگىلى بولمايدۇ بىر تال گۈل ئەسلا!

    2008-7-10