• كېچىنىڭ كۆزى ئوچۇق - [شېئىرلىرىم]

    2009-04-25

     
     
     كېچىنىڭ كۆزى قارا
    قارا كۆزلەر قاتىلدۇر.
    كېچىنىڭ ئاۋازى دېرىزىلەردە
    ئالقىنىمدا بىر تامچە يامغۇر.

    مەن يولۇچى ئۆزىدىن چىققان
    ۋە ئۆزىگە قاراپ يول ئالغان.
    تامدىكى جىمجىتلىق ـــ رەڭسىز رەسىمدۇر
    جىمجىتلىقتا قارا ھاياجان.

    ئۆلتۈرگىلى بولمايدۇ
    ئۆلۈۋالغىلى ھەم.
    ئاشۇ قارا كۆزۈڭنىڭ ئىچكىرىسىدە
    ئايدەك غۇۋا چاقنايدۇ ئەتەم.

    كېچىنىڭ كۆزى ئوچۇق
    دېرىزەمدە ئاجىز يورۇقلۇق.
    ياپتىم يېزىلمىغان خاتىرەمنى
    ياپتىم كۆكسۈمنى ـــ
    كۆكسۈمدە بىر پاي ئوق.

    2008.8.15