• تۈن بىر پارچە سالام خەت
    بىر تالمۇ سۆز يوق.
    ئۇنى ئۇقۇپ ئولتۇرار
    دېرىزىنىڭ سىرتىدا يوقلۇق.

    ئۇ بىر تال سۆز ئەسلى ئېيتىمىغان
    ياكى سۈرەتتىكى زەڭگەر ئاسمان.
    شۇنداق، ئۇ  كۆز ئالدىمىزدىلا
    جىمجىتقىنا سالىدۇ چۇقان....