تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ئەرلەر كېسەللىكىگە كۆپ ئىشلىتىدىغان يەككە دورىلار1 ئاقىرقەرھا تەبىئىتى؛ ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق؛ خۇسۇسىيىتى: يەڭگىل دەرىجىدە سەزمەس قىلىپ ، توسالغۇلارنى ئېچىش، مېڭىدىكى ئارتۇق ماددىلارنى تازىلاش، بەلغەمنى يوقىتىش، قىزىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ئېغىزدىن شۆلگەي ئاقتۇرۇش، نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىقلار. ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: پالەچ، لەقۋا، ئىستىرخا، تارتىشىش ، قېتىپ قېلىش، باش ئاغرىقى، تىترىمە كېسەل، باھ ئاجىزلىقى، چىش ئاغرىقى، بەلغەملىك يۆتەل قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. مۇرەككەپ دورا ياسالمىلىرى: ھەببى [...]

سۈت ئازلىقنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ بولۇپ بۇ يەردە ئۇنى سۆزلەپ ئولتۇرمايمىز بەلكى پايدىلىق دورىلارنىلا سۆزلەپ ئۇنى باشقا ۋاقىتقا قالدۇرىمىز. ھەر قانداق مەنى كۆپەيتىدىغان دورا سۈتنىمۇ كۆپەيتىدۇ،مەسىلەن :لوبوبى سەغىر،مەجۈنى سۆئلەپكە ئوخشاش. كالا،ئۆچكە،قوي سۈتلىرى سۈت كۆپەيتىشتە تەجرىبىدىن ئۆتكەن،ئۇلارنى ئازغىنە شىكەر بىلەن بەدىيان بىلەن ئىچسە بولىدۇ. توخۇ شورپىسى ھەم سۈت كۆپەيتىدۇ. ئەنجۈر،سەۋزە،چامغۇر ،بادام،ياڭاق مۇراببالىرى سۈت كۆپەيتىدۇ. سۈت كۆپەيتكۈچى يەككە دورىلار: بەدىيان،نۇقۇت،سېرىقچىچەك،شاقاقۇل،كۈنجۈت،زىرە،سەۋزە ئۇرۇقى، ئەنجۈر،بادام،تۇدرى،خەشخەش ئۇرۇقى،پىياز،چامغۇر،تۇرۇپ [...]

بۇ كېسەلنىڭ ئالامىتى شۇكى : چۈچۈمەل كېكىرىدۇ ۋە يەپ تويمايدۇ،چىرايى كۈكۈشكە مايىلراق ،كۆز نۇرى سۇستراق بولىدۇ ،ئەگەر ئاشكازاندا مەددە قۇرت بولسا كىندىك ئەتراپىدا مىدىرلايدۇ ۋە ئۇسسۇزلۇق بولىدۇ. سەۋەبى: سەۋدا ماددىسى ئاشقازان ئېغىزىنى چىشلىگەنلىكى ياكى مېڭىدىن ئۆتكۈر خىلىت ئاشقازانغا قۇيۇلغانلىقىدىن ۋە ياكى ئاشقازان ئېغىزىدا چوڭ مەددە بولغانلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ،بەزىدە ھەددىدىن زىيادە سوغۇقلۇقتىنمۇ بولىدۇ. ئىلاجى : ياغلىق غىزالارنى يەپ بېرىش كىرەك،ئاچچىق ،چۈچۈمەل [...]

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال

تېرە قۇرغاقلىشىپ قالغاندا تىرىدە يىرىكلىك پەيدا بولىدۇ ،كىپەكلەشكەندە بولسا بەدەن تېرىلىرى ئاجراپ چۈشىدۇ داۋالاشتا بەدەننى بۇزۇق خىلىتلاردىن تازىلىغاندىن كېيىن ،ئۇمۇمى بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى ياغلاردىن توخۇ يېغى، قاپاق يېغى،بىنەپشە يېغى،بادام يېغى قاتارلىقلارنى سۇۋاش كىرەك. بەدەننى مەتبۇخى ئەپتىمۇن بىلەن تازىلاپ كىيىن بىنەپشە ۋە نىلۇپەر شەربەتلىرىنى ئىچۈرسە تىز مەنپەئەت قىلىدۇ.

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال

نۇرغۇن تورداشلار بۇ بلوگدىن ئەر -ئاياللاردىكى جىنسى كىسەللىكلەرگە ئىشلىتىدىغان دورىلىرىمىزنى تاپالمىغانلىقىنى ، بولسا شۇنى تولۇقلاپ قويۇشىمىزنى ئېيتقان ئىدى. بۈگۈن شۇ دورىلارنىڭ ئاساسلىقىنى ۋە ئاساسلىق تەسىرلىرىنى قىسقىچە قالدۇرۇپ قوياي. لوبوبى كەبىر ئەسرارۇل ئەتىببا بۇسۆئلەپ مىسرى،ئاقىرقەرھا ھىندى،مەرۋايىت، ياقۇت،كەھرىبا،مارجان، سەقەنقۇر،قۇشقاچ مىڭىسى، بۇقا چۈيىسى ،قۇم بىلىقى،زەپەر،ئىپار ،ئەنبەر قاتارلىق 70خىل دورىدىن تۈجۈپىلەپ تەييارلانغان دورا بولۇپ ،بۆرەك،يۈرەك،مىڭە،جىگەر ئاجىزلىقلىرى ۋە شۇسەۋەبلەردىن بولغان جىنسى ئاجىزلىقنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىنى [...]