تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ئەرلەر كېسەللىكىگە كۆپ ئىشلىتىدىغان يەككە دورىلار1

ئاقىرقەرھا

تەبىئىتى؛ ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق؛

خۇسۇسىيىتى: يەڭگىل دەرىجىدە سەزمەس قىلىپ ، توسالغۇلارنى ئېچىش، مېڭىدىكى ئارتۇق ماددىلارنى تازىلاش، بەلغەمنى يوقىتىش، قىزىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ئېغىزدىن شۆلگەي ئاقتۇرۇش، نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىقلار.

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: پالەچ، لەقۋا، ئىستىرخا، تارتىشىش ، قېتىپ قېلىش، باش ئاغرىقى، تىترىمە كېسەل، باھ ئاجىزلىقى، چىش ئاغرىقى، بەلغەملىك يۆتەل قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

مۇرەككەپ دورا ياسالمىلىرى: ھەببى ئىمساك، مەجۈنى سۆئلەپ، ھەببى ئىمساك قابىز، مەجۈنى ئاقىرقەرھا، رەۋغىنى ئاقىرقەرھا قاتارلىقلار بار.

ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى

تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى: يەلنى پەسەيتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي پەيدا قىلىش، ئاغرىق توختىتىش، سۈيدۈك ماڭدۇرۇش قاتارلىقلار.

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: باھ ئاجىزلىق مەنىي يۈرۈپ كېتىش، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىقلار…

مۇرەككەپ دورا ياسالمىلىرى: لوبوبى كەبىر، لوبوبى سەغىر قاتارلىقلار….

شاقاقۇل مىسرى:

تەبىئىتى : بىرىنچى دەرىجىدە ئىسسىق،ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل.

خۇسۇسىيىتى: بەدەننى ، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي پەيدا قىلىش ۋە قۇيۇلدۇرۇش، سۈت پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : باھ ئاجىزلىقى، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، مەنىي يۈرۈپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

 پىششىق دورا ياسالمىسى: ھەببى ئىمساك، لوبوبى كەبىر، مۇراببائى شاقاقۇل.

بەسباسە

تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق؛

خۇسۇسىيىتى: مېڭە، ئاشقازان ، جىگەر باھنى قۇۋۋەتلەش، ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، قىزىتىش، يەڭگىل دەرىجىدە يەلنى ھەيدەش، تۇتۇش قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ؛

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: يۈرەك ئاجىزلىق، ھۆللۈك سەۋەبىدىن بولغان ئۆپكە كېسەللىكلىرى، ھۆللۈكنىڭ ئارتۇقلىقى، ھەزىم ئاجىزلىقى، ئاشقازان كېسەللىكلىرى، كونا ئىچ ئۆتكۈ، ئاشقازان-ئۈچەي جاراھەتلىرى، تال كېسەللىكلىرى، سۈيدۈك تېمىپ كېلىش، مەنىي كۆپەيتىش ، سۇغۇق مىجەزلەرنىڭ مىجەزىنى تەڭشەش ، ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىش، ئېغىزدىن قان كېلىشلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: جىگەر كېسەللىكلىرىگە بېرىشكە توغرا كەلگەندە ئەرەب يىلىمى بىلەن قوشۇپ بېرىش كېرەك.تۇتقاقلىق كېسەللىكلىرىگە بېرىش توغرا كەلگەندە ئەرقى گۇلاپ بىلەن بېرىش كېرەك.

پىششىق دورا ياسالمىلىرى: مەجۈنى نانىخا ، جاۋارىش ئەنبەر، جاۋارىش بەسباسە، جاۋارىش زەرئۇنى، جاۋارىش سەقەنقۇر، ھەببى ئىمساك، مەجۈنى ئىمساك قاتارلىقلار؛

بەھمەن

تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە ئىسسىق

تەبىئىتى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار بار.

خۇسۇسىيىتى: باھ ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش، كۆڭۈلنى ئېچىش ۋە مەنىي كۆپەيتىش؛

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:

يۈرەك تىترەش،  يۈرەك ئاجىزلىق، يەرقان ، بىئاراملىق، مەنىي تۇتالماسلىق، كۆپ ئېھتىلام بولۇش قاتارلىقلار ؛

ئەسكەرتىش، مەقئەتكە زىيان قىلماسلىقى ئۈچۈن رۇم بەدىيان، كەتىرا ، چىلانلارنى قوشۇپ ئىشلىتىدۇ.

پىششىق دورا ياسالمىسى: لوبوبى كەبىر ، مەجۈنى سۆئلەپ، شەربىتى مائۇللەھمى،ھالۋايى بەيزە،مادەتۇل ھايات قاتارلىقلار…

جۇيۇز

ئىكىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيتى: كۆڭۈلنى ئېچىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، يەڭگىل دەرىجىدە تۇتۇش، تەبىئىي ھارارەتنى ساقلاش، يەل تارقىتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئىچ ئۆتكۈنى توختىتىش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش..

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : يۈرەك ئاجىزلىقى، ئاشقازان ئاجىزلىقى،باھ ئاجىزلىقى، مەنىي تىز يۈرۈپ كىتىش، باش ئاغرىقى، رىماتىزىم، پالەچ، ئىچ ئۆتكۈ قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

ئۆپكە، جىگەر ۋە ئىسسىق مىزاقلارغا زىيان قىلغاندا يۇمغاقسۈت، بىنەپشە، نىلۇپەر، ھەسەل قاتارلىقلارنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

پىششىق دورا ياسالمىسى: مەجۈنى پولات،مەجۈنى ئازاراقى، مەجۈنى شىپا،لوبوبى كەبىر ، لوبوبى ئەكبەر قاتارلىقلار

                     تۇدرى

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق .

خۇسۇسىيىتى: باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي ۋە سۈت كۆپەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: باھ ئاجىزلىقى، مەنىي تىز يۈرۈپ كىتىش، كۆپ ئېھتىلام بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: 10-15گرام.

ئەسكەرتىش: تېرىدە ئېچىشىش پەيدا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاينىتىلغان سۈيىدە تەرلەندۈرۈش كېرەك.

پىششىق دورا ياسالمىسى: مەجۈنى پولات، مەجۈنى سۆئلەپ، لوبوبى كەبىر ،مەجۈنى زەرئۇنى قاتارلىقلار…….

                جەدۋارچىنى

قۇرۇق ئىسسىق؛

خۇسۇسىيىتى: ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، جىنسىي قابىلىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. ئىششىق قايتۇرۇش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: باھ ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق،مېڭە، يۈرەك، جىگەر ، قاتارلىق رەئىس ئەزالارنىڭ ئاجىزلىقى، ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى، ئۇمۇمىي بەدەن بوشىشىپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى : قايناتمىسى: 3-10 مىللىغىچە.

پىششىق دورا ياسالمىسى: ھەببى جەدۋار تىللايى.

            چىگىت مېغىزى

ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق

خۇسۇسىيىتى : بەدەننى سەمرىتىش، باھ ۋە بەدەننى قۇۋۋەتلەش،مەنىي پەيدا قىلىش، سۈيدۈك ھەيدەش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:  بۆرەكنىڭ ئۆتكۈر ۋە سۇزۇلما ياللۇغلىنىشلىرى: بەدەن ئاجىزلىقى ، باھ ئاجىزلىقى ، مەنىي يۈرۈپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

مۇرەككەپ ياسالمىلىرى: لوبوبى كەبىر، مەجۈنى ئاقىرقەرھا قاتارلىقلار.

               توشقان زەدىكى

ھۆل ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى: بۆرەكنى قىزىتىش، ئۇمۇمىي بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، ئۈچەينى نەملەشتۈرۈش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى، بۆرەك سۇۋۇپ كېتىش، قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئىسسىق تەبىئەتلىك كىشىلەرگە ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە قەنت ياكى سۈت بىلەن ئىشلىتىش كېرەك.

پىششىق دورا ياسالمىسى: مەجۈنى ئىمساك قاتارلىقلار….

             ياڭاق مېغىزى

يېڭىسىنىڭ ھۆل ئىسسىق ، كونىسىنىڭ قۇرۇق ئىسسىق. ئىبىنسىنا ياڭاقنى ئۈچىنچى دەرىجىدە ئىسسىقئىككىنچى دەرىجىنىڭ ئاۋۋىلىدا قۇرۇق ، قۇرۇقلىقى ئىسسىقلىقىدىن كەمرەك،بۇنىڭدا قۇيۇق نەملىك بولۇپ كونىرىغاندا يوقىلىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.

خۇسۇسىيىتى: باھنى ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، ھېسسىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، ئىچىنى يۇمشىتىش، ئىششىق تارقىتىش، پارقىرىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: باھ ئاجىىزلىقى، مېڭە ئاجىزلىقى، مەنى يۈرۈپ كېتىش، ھەزىمنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە يۆتەلگە ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: 10-15گرامغىچە.

مۇرەككەپ ياسالمىلىرىدىن لوبوبى كەبىر ۋە سەغىر، مەجۈنى سۆئلەپ، ياڭاق مۇرابباسى قاتارلىقلار



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....