تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
شىنجاڭ دولان ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى

شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت كەسپىدىكى تۆھپىكار كارخانا ـــ شىنجاڭ دولان ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى

شىنجاڭ دولان ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى 2003-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئويۇن تەشكىللەش، كىنو-فىلىم ئىشلەش، ئۈن-سىن بويۇملىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ تارقىتىش، كىنو قويۇش ۋە يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيەت-سەنئەت كەسپى كارخانىسىدۇر. دولان  شىركىتى شىنجاڭ بويىچە كۈچلۈك بولغان سەنئەتكارلار ۋە ئىجادىيەتچىلەر قوشۇنى، پىلانلىغۇچىلار ۋە باشقۇرغۇچىلار قوشۇنىغا ئىگە بولۇپ، شىركەت قۇرۇلغان 10 يىلدىن بېرى كۆپلىگەن نادىر سەھنە ئەسەرلىرى ۋە ئۈن-سىن ئەسەرلىرىنى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك ھەسسىلەرنى قوشۇپ كەلمەكتە.  دولان شىركىتى 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مەدەنىيەت كەسپلىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى» قىلىپ بېكىتىلدى.

دولان شىركىتى قارىمىقىدا «دولان ئويۇن قويۇش مەركىزى»،  «دولان ئۈن-سىن بويۇملىرى مەركىزى»، «فىلىم ئىشلەش مەركىزى»، «مۇزىكا ئىشلەش-ئاۋاز ئېلىش مەركىزى»، «دولان يانفون بازىرى»، «خانساراي كىنو-تىياتىرخانىسى»، «ھايات غىزالىق چايخانىسى» قاتارلىق تارماقلار بار بولۇپ، ئومۇمىي خىزمەت رايونىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 6000 كۋادىرات مېتىر، خىزمەتچى خادىملار 160 نەپەر. دولان شىركىتى باشقۇرىشىدىكى «خانساراي كىنو –تىياتىرخانىسى» ئۈرۈمچىدىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر تىلىدا كىنو قويۇلىدىغان ئورۇن بولۇپ، شىركەت قارىمىقىدىكى تىياتىر زالىدا ھەر ھەپتە دېگۈدەك ئۇيغۇر، قازاق تىللىرىدىكى سەنئەت كېچىلىكلىرى ئورۇنلىنىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىدىغان مەدەنىيەت ئوچاقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

 دولان شىركىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، خەلق ئارىسىدىكى بىباھا سەنئەت بايلىقلىرىنى قېزىپ،  ھەر يىلى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ياقتۇرىدىغان 5-10 غىچە چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكى تەييارلاپ، ئۈرۈمچى ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 100 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويۇپ،  كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلدى. دولان شىركىتى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى داڭلىق سەنئەت ئۆمەكلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ۋە  خەلق ياقتۇرىدىغان  20 گە يېقىن داڭلىق چولپان بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق توختىمى ئىمزالىغان بولۇپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ سەنئەت بايلىقلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش جەھەتتا ئۈلگە يارىتىپ، نۇرغۇنلىغان نادىر سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ۋە ئەل سۆيگەن داڭلىق چولپانلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ھەمدە تونۇلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناپ كەلدى. 

  دولان شىركىتى قۇرۇلغان 10 يىلدا  150 دىن ئارتۇق تۈردىكى ئۈن-سىن  بويۇمىنى نەشىر قىلدۇرۇپ 8 مىليون پارچىدىن ئارتۇق تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت تارقىتىش ساھەسىدىكى تۆھپىكار كارخانىغا ئايلاندى. نۆۋەتتە دولان شىركىتى كىنوخانىلاردا قويۇلىدىغان جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ كاتتا فىلىملىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ۋە رەقەملىك كىنو ئىشلەش ساھەسىگە جىددىي تۇتۇش قىلماقتا.

ئادرېسى : شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەر ئىتتىپاق يولى 505 - قۇرۇ

ئالاقىلىشىش نومۇرى :8565005 (0991) 86 + فاكىس : 2894815 (0991) 86 +


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز