نامراتلاردا قىزغىنلىق بىردەملىك بولىدۇ، بايلاردا ئىنتلىش تۈگىمەس بولىدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( بىرىنچى كىتاپ )
6-باپ 8-پارىگىراپ
نامراتلاردا قىزغىنلىق بىردەملىك بولىدۇ، بايلاردا ئىنتلىش تۈگىمەس بولىدۇ
«فرانسوزتىلى ناھايىتى چىرايلىق ئاڭلىنىدىكەن! ئەينى ۋاقىتتا مەن ئاتايىتەن كۇرسقا قاتنىشىپ ئۆگەنگەن، بىراق ئوزۇن داۋاملاشتۇرمىغاچقا ئۆگىنەلمىدىم...»
«ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن مېنىڭچە بوغالتىرلىقتىن ئاسان خىزمەت تاپقىلى بولىدۇ، شۇڭا مەن بوغالتىرلىق ئىمتھانىغا قاتنىشىمەن، كىتابنىمۇ تەييار قىلىپ قويدۇم. بىراق نەچچە كۈن ئۆگەنگەندىن كىيىنلا بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قالدىم. ھازىر ئۇ بىر نەچچە پارچە كىتاب ئىشكاپتا تۇرىدۇ.»
«شىركەتنىڭ بۇ يىلقى يىللىق يىغىنىدا، مەن ئەسلى بىر يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل ئورۇنلىماقچىدىم.بىراق نەچچە كۈن مەشىق قىلىپلا قىزىقىشىم يوقالغاچقا مەشىق قىلغۇم كەلمىدى،نەتىجىدە بۇ سەۋەبلىك خىزمەتداشلىرىم بىلەن قىزىرىشىپ قالدىم.»
...
رېئال تۇرمۇشتا بىز بۇنداق دېئالوگلارنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. قىزىقىش پىسخىكىسى سەۋەبلىك،نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى نەرسىلەرگە ناھايىتى قىزىقىدۇ، بىراق يېڭى نەرسىلەربىلەن ئۇچرىشىپ چۈشەنگەندىن كىيىنلا، كۆپ قىسىم كىشىلەر ناھايىتى تىزلا ئەسلىدىكى قىزغىنلىق ۋە ئىنتىلىشنى يوقىتىپ قويىدۇ، ياكى خۇشياقمىغاندەك قىلىدۇ، ياكى پۈتۈنلەي تاشلىۋىتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر كىشىلەر دائىم دەيدىغان «ئوتتەك قىزىپ،پوقتەك سوۋۇيدىغان» كىشىلەر دەل شۇ، ئۇلار ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئىشلارنى ئاخىرىغا ئېلىپ چىقالمايدۇ، ئۇلار ئاخىرىدا ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەي، مەڭگۈ بايلىققا يېقىن كېلەلمەيدۇ.
ئەمما ئۆزىنىڭ ئىنتىلىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالايدىغان ئادەملەر ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئەسلىدىكى قىزغىنلىقى ۋە قىزىقىشىنى يوقىتىپ قويمايدۇ. ئۇلار قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ، بىر ئىشقا قىزىققان ھامان ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مەخسىتىگە يەتمىگۈچە توختىمايدۇ.
بايلىق قوغلىشىش يولىمۇ دەل شۇنداق. ئەگەر نامراتلارنى ناھايىتى ئاسان قىزىپ ،تىزلا سوۋۇيدۇ دىسەك، ئۇنداقتا بايلار ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئىنتىلىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالايدۇ.
قىزغىنلىق بىر خىل ئېسىل پەزىلەت. قەدىمدىن – ھازىرغىچە ئۆتكەن بايلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ياپونىيەدىكى ئون چوڭ باينىڭ بىرى،داڭلىق «زۇچۈەن راۋان توشۇش» گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى زۇچۈەنچىڭ دەل ئۆزىنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرالايدىغان ئادەم.
زۇچۈەنچىڭ 1922 – يىلى ياپونىيەدىكى بىر پومشىچىك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، كىچىكىدىن باشلاپلا ناھايىتى دۆلەتمەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. ھالبۇكى، ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ،زۇچۈەنچىڭ سەككىز ياش ۋاقتىدا ئانىسى كېسەل سەۋەبلىك ئالەمدىن ئۆتكەن، ئوزۇن ئۆتمەستىن دادىسى قايتا ئۆيلەنگەن.
ئۆگەي ئانىسىنىڭ كېلىشى زۇچۈەنچىڭنىڭ ھاياتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن. خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان زۇچۈەنچىڭ ئۆگەي ئانىسىغا قارىشى تۇرۇپ، ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارىغان، ئۆگەي ئانىسىمۇ ئاماللارنى قىلىپ ئۇنى خورلاپ، ئۇنىڭغا يەيدىغان تاماق بەرمىگەن.
زۇچۈەنچىڭ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ناھايىتى كەپسىز بولۇپ كەتكەن، گەرچە ياخشى ئۆگەنمىگەن بولسىمۇ ئەقىللىق بولغاچقا، ناھىيىدىكى داڭلىق مەكتەپكە ئىمتھان بېرىپ كىرگەن.مەكتەپنىڭ ناھايىتى قاتتىق تۈزۈلمىسىدىن رازى بولمىغاچقا، 15 ياشلىق زۇچۈەنچىڭ مەكتەپتىن چېكىنگەن، ھەمدە ئۆيىدىن ئايرىلىپ ئۆزى پۇل تېپىپ تۇرمۇشىنى قامدىماقچى بولغان.
باشتىن –ئاخىرى ئۆزىنى كۈچلۈك ھېس قىلىدىغان زۇچۈەنچىڭ ۋەنيۈەن توشۇش شىركىتىگە كىرىپ ھاممال بولۇپ ئىشلىگەن، زۇچۈەنچىڭنىڭ تۇنجى قېتىم مال توشۇيدىغان بۇ خىزمەتنى قىلىشى بولغاچقا ناھايىتى تىزلا ھامماللىقنى ياخشى كۆرۈپ قالغان. زۇچۈەنچىڭنىڭ بۇخىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقى ھەرگىزمۇ بىردەملىك ئەمەس ئىدى، ئۇ بىر خىل ئىزچىل داۋاملىشىدىغان قىزغىنلىق بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ھاياتلىق يۇلىنى بەلگىلىگەن.
گەرچە خىزمەت جاپالىق بولسىمۇ، بىراق قىزغىنلقى ئۇرغۇپ تۇرغان زۇچۈەنچىڭ ھېچقانداق ھارغىنلىق ھېس قىلمىغان. ئۇ خۇددى دېڭىزدىكى شورىغۇچىلارغا ئوخشاش ئەتراپىدىكى بىلىملەرنى قوبۇل قىلىپ ماڭغان، يەنە بۇ ئارقىلىق خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنىڭ بىركارخانىنىڭ جان ساقلىشىدىكى ئاساس ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن.
ۋەنيۈەن توشۇش شىركىتىدە ئىككى يىل خىزمەت قىلغاندىن كىيىن، زۇچۈەنچىڭ ئۆيىگە قايىتقان. ھالبۇكى ئوزۇن ئۆتمەستىن، ئۇنىڭ بىلەن ئۆگەي ئاپىسىنىڭ زىددىيىتى يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈرلىشىپ يەنە يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئائىلىسىدىن ئايرىلغان زۇچۈەنچىڭ ھەرقايسى جايلاردا كىشىلەرگە مال توشۇپ بېرىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدىغان.
ئۇنىڭدىن كىيىن، زۇچۈەنچىڭ يەنە پالوبا ئىشچىسى، ياغاچچى، ئىش بېشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلغان، ھەمدە خىزمەتتىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان. ھالبۇكى، ئۇ دائىم باش كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۆزىگە تەۋە ئىشلارنى قىلىشنى ئويلايىتتى، شۇنداق قىلىپ ئۇ ھامماللىقتىن ئىبارەت بۇ كونا كەسپىدە ئۆزىنىڭ بايرىقىنى تىكلەش قارارىغا كەپتۇ.
1957 –يىلى، پۈتۈن ۋۇجۇدى قىزغىنلىققا تولغان زۇچۈەنچىڭ ئۆزىنىڭ ساغلام بەدىنى ۋە مول تەجىرىبىسىگە تايىنىپ «زۇچۈەن راۋان توشۇش» ئورنىنى قۇرۇپ چىققان. ئىگىلىك يارىتىشنىڭ دەسلىپىدە زۇچۈەنچىڭنىڭ خېرىدارلىرى ناھايىتى ئاز ئىدى، كەسىپنى كېڭەيتىش ئۈچۈن،ئۇ توكيو بىلەن دابەن ئارلىقىدا قاتناپ، ھەرقايسى توپ سېتىش سودىگەرلىرىدىن ھاممال لازىم ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغان، بىراق ئارقا – ئارقىدىن رەت قىلىنغان.
بۇنىڭلىق بىلەن زۇچۈەنچىڭنىڭ ئىگىلىك يارىتىش قىزغىنلىقى سوۋۇپ قالمىغان، ئۇپەقەت تىرىشسىلا، چوقۇم ئۆزىنىڭ سەمىمىيلىكى بىلەن توپ ساتقۇچى سودىگەرلەرنى تەسىرلەندۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دىگەندەك، 45 كۈنلۈك تىرىشىش ئارقىلىق زۇچۈەنچىڭ ئۆزىنىڭ تۇنجى سودىسىنى قولغا كەلتۈرگەن، يەنى دابەن چىيەنتىيەن سودا جەمئىيىتىنىڭ خوجايىنى ئۈچۈن رەسىم تارتىش ئاپپاراتى توشۇپ بەرمەكچى بولغان.
تۇنجى قېتىملىقى بولغان ئىكەن، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىككىنچى قېتىملىقىمۇ بولغان. زۇچۈەنچىڭ قوبۇل قىلغان سودا مىقدارى كۆپىيىپ، ئۇنىڭ تىجارىتىدىمۇ ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن.زۇچۈەنچىڭ ھەر قېتىملىق سودا پۇرسىتىنى قەدىرلىگەن، باشقىلار قىلىشنى خالىمىغان ئىش بولسىمۇ ئۇ قوبۇل قىلغان.
بىر قېتىم،«گۇاڭياڭ ئوق قازانلىرى» دەپ ئاتالغان ماشىنىسازلىق سودىگىرى زۇچەنچىڭنىڭ ئورنى ئارقىلىق ئوق قازانلارنى توكيوغا توشۇتماقچى بولغان. بۇ خىلدىكى ئوق قازانلار ناھايىتى ئېغىربولۇپ، ھەربىرى 50 كلوگرامدىن ئاشاتتى، باشقا تۇشۇش سودىگەرلىرى بۇنى توشۇشنى خالىمىغان بولۇپ، پەقەت زۇچەنچىڭلا بۇلارنى قوبۇل قىلىپ، ۋاقتىدا ھەم بىخەتەرھالدا نىشانغا يەتكۈزگەن. «گۇاڭياڭ ئوق قازانلىرى» نىڭ خوجايىنى ئۇنىڭ جاپادىن قورقمايدىغان روھىدىن تەسىرلىنىپ، نەق مەيداندا ئۇنى ئۆزىنىڭ مەخسۇس توشۇش سودىگىرى قىلىپ بېكىتكەن.
زۇچۈەنچىڭنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تىجارەت قىلىشى ئارقىسىدا، ئۇنىڭ سودىسى بارغانسىرى يۈكسىلىپتۇ. 1960 –يىلى، زۇچۈەن توشۇش شىركىتى رەسمىي قۇرۇلۇپتۇ، ھەمدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ناھايىتى تىز تەرەققىي قىلىپ ياپونىيەنىڭ توشۇش كەسپىنى مونوپول قىپتۇ، يىللىق تىجارەت سوممىسى ئۈچ مىڭ مىليارد ياپونىيە يىنىغا يىتىپ، ياپونىيە بۇيىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتۈپتۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، بۇ شىركەت ياپونىيەدە 20 مىڭدىن كۆپرەك ماشىنىغا ئىگە بولۇپ، يىللىق يۈك توشۇش مىقدارى 12 مىليارد قېتىمغا يېتىدۇ، يىللىق تىجارەت سوممىسىمۇ سەككىز مىڭ مىليارد ياپونىيە يىنىغا يەتكەن، ھەمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارماق ئورگانلارنى تەسىس قىلىپ، دۇنيا توشۇش بازىرىدىكى زور كۈچكە ئايلانغان.
مەيلى ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈشىدىن، دەۋرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، زۇچۈەنچىڭ ئىزچىل ئۆزىنىڭ قىزغىنلىقىنى ساقلاپ، «ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىش» نى تەشەشببۇس قىلغان، ھەمدە ئىگىلىك يارىتىشنىڭ دەسلىپىدىكى قىزغىنلىقى ۋە جاپا – مۇشەققەتكە چىداش روھىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى يېڭىپ، ھامماللىقتىن ئىبارەت بۇ كەسىپنى ناھايىتى ياخشى قىلغان؛ دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ئۇ كۆپ قېتىم مەغلۇبىيەتكە يولۇققاندىن كىيىنمۇ ئۆزىنىڭ قىزغىنلىقىنى بوشاشتۇرۇپ قويماي، ئەسلىدىكى ئىنتىلىشنى ساقلىغان؛ دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ئۇ بىر ئادەتتىكى ھاممالدىن ياپونىيەگە، ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق بايغا ئايلىنالىغان.
ئويلاپ باقايلى، ئەگەر زۇچۈەنچىڭ تىز قىزىپ ئاسانلا سوۋۇپ كەتسە، ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتا ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرالمىسا، ئۇ يەنە ئۆز كەسپىنى ياخشى قىلالامتى؟ ئۆزىنىڭ بايلىق چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالامتى؟
جاۋابى ئەلۋەتتە «ياق.» ئىش قىلىشتا تىز قىزىپ، ئاسان سوۋۇيدىغان، قىزغىنلىقىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغان، ئوزۇن مەزگىللىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالىمايدىغان ئادەم بايلىق يولىدا مەڭگۈ غەلبە قازىنالمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، باي بولۇشنى ئويلاۋاتقان دوستلار، ئۆزىمىزدە چوقۇم ئىزچىل داۋاملاشتۇرالايدىغان كۈچ ۋە داۋاملاشتۇرۇش روھى يىتىلدۈرۈشىمىز كېرەك، پەقەت قىزغىنلىق ۋە سەۋرچانلىقنى ئۇزۇن مەزگىل ساقلىيالىساقلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇش يولىدا ئوزۇنغا بارالايمىز.
ئېسىڭىزدە بولسۇن: پەقەت ئاخىرىغىچە كۈلەلىسىڭىزلا، ئەڭ ياخشى كۈلگەن بولىسىز!
بايلىقنىڭ بايانى:
ئوزۇن داۋاملىشىدىغان قىزغىنلىق بولمىغاندا،ئۆزىمىزنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، خىزمەتكە ئاكتىپلىق بىلەن كىرىشىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىمىزنى جارى قىلدۇرالىشىمىز تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس، جانلىق تەپەككۇرىمىزنى ئوزۇن داۋاملاشتۇرالىشىمىز ۋە بايلىققا ئېرىشىشتىكى شىجائىتىمىزنى ساقلىيالىشىمىز ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. بايلىق يارىتىش ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىدىغان ئىنتىلىشكە،قىزغىنلىققا مۇھتاج. بايلار دەل مۇشۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇلار ئىزچىل داۋاملىشىدىغان چىدامچانلىق روھىغا ئىگە بولغاچقا، ۋاقىت ۋە قىيىنچىلىقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدۇ.
*************************************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى