A-A+

نامراتلار باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى تەنقىد قىلىدۇ، بايلار ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 308 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( بىرىنچى كىتاپ )

 

29781515515736

6-باپ 7-پارىگىراپ

نامراتلار باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى تەنقىد قىلىدۇ، بايلار ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ

نامراتلارھەمىشە ئۆزىنىڭ نەزىرىنى باشقىلارنىڭ كەمچىلىكى ۋە يىتەرسىزلىكىگە قويۇپ تۇرۋالىدۇ، باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى تەنقىدلەيدۇ، بىراق ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ كەمچىلكىنى ھېس قىلالمايدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئاساسلىق زېھنى ۋە ۋاقتىنى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئىشلىتىشنى بىلمەيدۇ، ھاياتىنى مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىقتۇرغاچقا، نامراتلار ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئېڭىنى بوغۇپ، ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماس بولۇپ قالىدۇ.

ئەمما بايلار پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشنى،ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار دائىم ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى ئىزدەپ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

بۇ دەل نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقى: نامراتلار باشقىلارغا باھا بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بايلار ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

شۇنداق،ھاياتلىقنىڭ سىرى دەل ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتا،بايلىق يولىمۇ دەل شۇنداق.

سىبادا گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى لىيۇ يىمىياۋ دەل شۇنداق ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا ماھىر ئادەم.

لىيۇ يىمىياۋ 1993 – يىلى خاربىن گۈزەل – سەنئەت مەكتىپىنىڭ گۈزەل – سەنئەت كەسپىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. ھالبۇكى ئۇگۈزەل – سەنئەت كەسپىنى ياخشى كۆرمەيىتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دائىم دەرس تاشلاپ، ھەرخىل يوللار بىلەن ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىنى ئىسراپ قىلىدۇ.

بۇنداق خامۇش ھالەت بىر مەزگىل داۋاملاشقاندىن كىيىن لىيۇ يىمىياۋ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئائىلىسىگە قايىتپ دادىسىغا ئۆزىنىڭ ئوقۇشتىن چېكىنىش خىيالىنى ئېيتىدۇ. دادىسىنىڭ ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە قاتتىق ئۇسۇللار بىلەن تەربىيە قىلىشى ئارقىسىدا، لىيۇيىمىياۋ ئامالسىزلىقتىن مەكتەپكە قايتىپ ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

بىرقېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، لىيىمىياۋ ساۋاقدىشى بىلەن بىرلىكتە سۇغۇرتا شىركىتىگە بېرىپ يوشۇرۇن كۈچنى قانداق جارى قىلدۇرۇش ھەققىدىكى بىر سائەتلىك دەرس ئاڭلايدۇ. دەرسخانىدا، ئوقۇتقۇچى مول مەزمۇنلۇق نۇتۇقى بىلەن لىيۇيىمىياۋنى ناھايىتى تەسىرلەندۈرىدۇ، بۇنىڭدىن «يۇقۇملانغان» لىيۇيىمىياۋنىڭ ھەربىر ھۈجەيرىسى دىگۈدەك قوزغىلىش ھالىتىگە ئۆتىدۇ، ئۇ توختىماستىن سۇئال سورايدۇ. شاڭگاڭدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ يوشۇرۇن كۈچنى ئاچقۇچى بولۇشقا ناھايىتى باب كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق لىيۇيىمىياۋ بىردەمدىلا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقايدۇ – دە، شۇ جايدىلا بىر لاياقەتلىك يوشۇرۇن كۈچنى ئاچقۇچى بولۇشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ.

دىگىنىنى قىلىدىغان لىيۇيىمىياۋ ئۆزىنىڭ بارلىق پۇلىنى سەرپ قىلىپ نۇتۇق تالانتى،مۇۋەپپەقىيەت ئىلمى، پىسخىكا قاتارلىقلارغا ئائىت كىتابلارنى سېتىۋالىدۇ، ھەمدە كېچە – كۈندۈز دېمەستىن بۇ كىتابلاردىكى بىلىملەرنى بېرىلىپ ئۆگىنىدۇ، ھەتتا قەرزئېلىپ ھەرخىل تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتنىشىدۇ.  ئاتىسى يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۇنىڭغا رەسىم قەغىزى ۋە رەڭ ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يىغقان 1500 يۈەن پۇلغا لىيۇيىمىياۋ بىر داڭلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسلىك بېلىتىنى سېتىۋالىدۇ.

دادىسى بۇنى بىلگەندىن كىيىن ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ، ئۇنى يارىماس دەپ ئەيىپلەپ، ئەگەر ئۇ يەنە داۋاملىق مۇشۇنداق قىلسا ئۇنىڭ بىلەن ئاتا – بالىلىقتىن كىچىشىدىغانلىقىنى ئېيىتقان. بىراق لىيۇيىمىياۋ ئاتىسىنىڭ قورقۇتۇشلىرى ئالدىدا تىز پۈكمىگەن، ئۇ ناھايىتى قەتئىيلىك بىلەن ئاتىسىغا: «كىشىلىك ھاياتنىڭ قىممىتى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشتا، مۇشۇنداق قىلغاندىلا قىممىتىمىزنى ئاشۇرالايمىز،ئۇنداق بولمايدىكەن چوقۇم پاخاللىشىپ كېتىمىز. مەن گۈزەل – سەنئەتنى چۈشەنمەيمەن،<ئالتۇننىڭ قەدىرىنى زەگا بىلىدۇ.>» دىگەن.

ئاتىسىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا قارىماستىن، لىيۇيىمىياۋ ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يولىدا ماڭغان. ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگىنىش جەريانىدا، كارخانا ۋە مەكتەپلەرگە بېرىپ دەرس سۆزلىگەن. «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دىگەندەك، قىسقىغىنە ئىككى يىل ۋاقىتتىن كىيىن، لىيۇيىمىياۋ ئۆز كەسپىدە داڭقى بار يوشۇرۇن كۈچ مۇتەخەسسىسىگە ئايلىنىپ، كارخانا ۋە مەكتەپلەردە قارىشى ئېلىندىغان شەخىسكە ئايلانغان، ھەر قېتىملىق دەرسىنىڭ باھاسى نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈردىغان ۋاقىتتا، نۇرغۇنلىغان كارخانىلار يۇقىرى مائاش بىلەن لىيۇ يىمىياۋنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولغان، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ئارخىپلىرىنى كۆتۈرۈپ تەرەپ – تەرەپتىن خىزمەت ئىزدەۋاتاتتى. لىيۇ يىمىياۋ خىزمەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ باشقىلار بىلەن پىكىرلىشىشكە ئۇستا ئىكەنلىكىنى، ناھايىتى راۋان ھالدا باشقىلار بىلەن ئالاقە ئېلىپ بارالايدىغانلىقىنى بايقىغان، ئۇ بۇ ئارتۇقچىلىقى سەۋەبلىك خىزمەتداشلىرى ۋە خېرىدارلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 1998 – يىلى لىيۇيىمىياۋ 48يۈەن پۇلنى ئېلىپ جاھاندارچىلىق قىلىشنى باشلىغان. ئۇ ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ كىيىم– كىچەك، گىرىم بويۇملىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، كىتاب قاتارلىقلارنى سېتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. سېتىشتىن ئىبارەت بۇ خىزمەتتە، لىيۇيىمىياۋ ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلانغان، ئۇ ھەرخىل ئاماللار بىلەن خېرىدارلارنىڭ قوللىشى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن.

ئۇ ھەمىشە يېنىغا نەچچە مىڭ پارچە ئىسىم كارتوچكىسىنى سېلىۋېلىپ، ئۇچرىغانلا ئادەمگە بېرەتتى، باشقىلار ئالغىلى ئۇنمىسا، ئۇلارنى ئېلىشقا قايىل قىلاتتى. بىر قېتىم، ئۇ بىر بايغا ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا 10 نەچچە قېتىم بارغان، بىراق  ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىگەن. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بۇ خېرىدارنىڭ ئالدىغا بارغاندا، ئۇ لىيۇ يىمىياۋنىڭ ئالدىدىلا ئۇنىڭ ئۆزىگە سۇنغان ئىسىم كارتوچكىسىنى يىرتىۋەتكەن.بۇنداق تۇيۇقسىز ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندىمۇ، لىيۇيىمىياۋ سوغۇققانلىق بىلەن خېرىدارغا: «ئەپەندىم، سىزنىڭ يىرتىۋەتكىنىڭىز ھەرگىزمۇ بىر ئىسىم كارتوچكىسى ئەمەس، بەلكى بىر ياشنىڭ غايىسى.» دىگەن. خېرىدار بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن دەماللىققا تۇرۇپ قالغان، ئارقىدىنلا سەمىمىيلىك بىلەن لىيۇ يىمىياۋدىن كەچۈرۈم سوراپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭ خېرىدارىغا ئايلانغان.

لىيۇ يىمىياۋدا ئەزەلدىنلا خىېرىدارلارنى قايىل قىلالايدىغان ئىقتىداربولۇپ، ئۇ ۋەزىيەتنى ناھايىتى تىزلا ئوڭشىيالايىتتى. بىر قېتىم، ئۇ بىر ناتونۇش ئادەمنىڭ ئىشىكىنى چەككەن، ئۆيدىكى ئوتتۇرا ياشلىق ئەرنىڭ پوزىتسىيىسى ناھايىتى قوپال بولۇپ، لىيۇ يىمىياۋنى تىزدىن كېتىشكە بۇيرۇغان. بىراق لىيۇيىمىياۋ چىرايىنىمۇ ئۆزگەرتمەستىن: «ئەپەندىم سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ؟ مەن سىزگە يۇمۇرئېيتىپ بېرەي، سىزنى كۈلدۈرۈپ بولۇپلا كېتەي.» دىگەن. ئاخىرىدا بۇ ئەر لىيۇ يىمىياۋ ئېيىتقان يۇمۇردىن قاقاقلاپ كۈلۈپلا قالماستىن، يەنە ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ ھاراق ئىچكەچ پاراڭلاشقان.

لىيۇ يىمىياۋ ھەمىشە ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرىدۇ، ئۇ باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا ماھىر بولۇپ، باشقىلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قەلبىنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدىن قېزىپ چىقالايدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايانغان لىيۇ يىمىياۋ بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا مىليونىرغا ئايلانغان.

بۈگۈنكى كۈندە، لىيۇ يىمىياۋنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى كۆپ بولۇپ، سىبادا گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى،يەنە دۆلەت ساپا مائارىپى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش نازارەتچىسى، شىنجىن شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى مەنبەسى تەتقىقات مەركىزنىڭ باش كاتىپى، زېدا سۈرۈشتۈرۈش ئورنىنىڭ باش دەرس سۆزلىگۈچىسى. ئۇ يەنە «رەھبەرلىك قىلىشنىڭ كۈچى»، «تۈرتكىلىك مۇۋەپپەقىيەت ئىلمى» قاتارلىق كىتابلارنى يازغان.

لىيۇ يىمىياۋنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرگە ئىگە بولۇشى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. دەل ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاشقا ماھىر بولغاچقا، لىيۇيىمىياۋ خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن؛ دەل ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا ماھىربولغاچقا، لىيۇيىمىياۋ داڭلىق ئادەملەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش  مۇتەخەسسىسىگە ئايلانغان؛ دەل ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا ماھىر بولغاچقا، لىيۇ يىمىياۋ ئۆزىنىڭ بايلىق چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان.

ئەگەرلىيۇ يىمىياۋ پەقەت باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىگە باھا بېرىپ، ئۆزىنىڭ بارلىق زېھنىنى باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىگە قويۇۋالسا، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقىيالمىسا، ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىلمىسە، ئۇنىڭ بايلار قاتارىغا ئۆتۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش بايلىق رىقابىتىدە ناھايىتى مۇھىم. شۇنىڭ ئۈچۈن باي بولۇشنى ئويلايدىغان دوستلار، چوقۇم بايلاردىن ئۆگىنىپ باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى ئاز باھالاڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆپرەك جارى قىلدۇرۇڭلار.

بايلىقنىڭ بايانى:

مەسىلىگە ياكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا، نامراتلار ئاۋۋال باشقىلارنى تەنقىدلەيدۇ، بۇ ناھايىتى خاتا بولغان ئىدىيە. ئادەمنىڭ ھاياتى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇردىغان، ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەرەققىي قىلدۇردىغان ھايات بولۇشى كېرەك.بايلار بۇ نۇقتىنى ناھايىتى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى باھالاشقا ۋاقىت سەرپ قىلمايدۇ، ئەكسىچە تىرىشچانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى ئىزدەيدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرىدۇ، پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن بايلىق يولىدا غەلبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

 

 ******************************************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ