ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى ئېنىق بىلىش كېرەك
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
2-باب 3-پارگىراف
نامراتلار: مەن ئۆزۈمنىڭ نېمە قىلغۇم بارلىقىنى ئېنىق بىلمەيدىغان تۇرسام، مۇنداق ئەھۋالدا نېمە قىلالايمەن؟ سودا دۇنياسىدىكى كۈچلۈكلەرنىڭ كۆپلىكى مېنىڭ ئىش باشلىماي تۇرۇپلا ئاللىبۇرۇن يېرىم مەغلۇپ بولغانلىقىمنى كۆرسەتمەمدۇ؟
ۋىنجۇلىقلار: سودا دۇنياسى دېمەك ئۇرۇش مەيدانى دىمەكتۇر، بۇ جەڭگاھتا مەن ئۆزۈمنىڭ نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى ئېنىق
بىلىشىم كېرەك، كۆز ئالدىمدىكى ۋەزىيەتنى ئوبدان كۆزەتسەملا توغرا ئۇسۇل بىلەن ئەڭ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەيمەن.
نۇرغۇن كىشلەر ئىگىلىك تىكلەشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئەسلا بىلمەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئۇلار ئاللىبۇرۇن مەغلۇبىيەتكە قەدەم بېسىپ بولغان بولىدۇ.
رىقابەت كەسكىن سودا دۇنياسىدا چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە سەۋىيەسىنى ئېنىق بىلگەندە، بازارنىڭ ئەھۋالىنى ۋە
رىقابەتچىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىق چۈشەنگەندىلا ئاندىن كۈچلۈك رىقابەتچىلەر بىلەن تولغان بازاردىن ئۆزىمىزنىڭ نىسىۋىمىزنى
تاپالايمىز.
داليەن بەينىيەن شەھەرچىسى گوروھى چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى ۋۇ يۈنچيەن ئۆي- مۈلۈك سودىسىغا قەدەم قويغاندا ئىنتايىن قاراملىق بىلەن قارار چىقارغان ئىدى ، ئەنە شۇ قارار ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا سەۋەپچى بولدى.
داليەندە ئۆي-مۈلۈك سودىسى بىر مەزگىل ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تاتقان قىزىق نوقتا بولدى. داليەن ئۆي-مۈلۈكچىلىكىدە « قىسمەن قىزىش مەسىلىسى» يۈز بەرگەندە ۋۇ يۈنچيەن بۇ يېڭى كەسىپكە قەدەم قويغانىدى.
دالىيەندىكى ئەڭ ئاۋات، رىقابەت ئەڭ كۈچلۈك چىڭنىۋا كۆۋرۈكىدە ۋۇ يۈنچيەن ئۆزىنىڭ تۇنجى ئۆي-مۈلۈك تۈرى بولغان بەينىيەن شەھەرچىسىنى قۇرۇشنى باشلىدى.
« دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلارنى كۆرۈپ مەن قەيەردىن ئىش باشلاشنى بىلەلمەي قالدىم. مەخسۇس سېتىش دۇكىنىمنى شانگىرىلا ۋە فۇلى خۇادەك ئىسىل سارايلاردا ئاچقىنىمدىلا مەن ئاندىن پۇرسەتنى كۆرۈپ يەتتىم» دەيدۇ، نەزىرىنى ئىستىمال سەۋىيىسى يۇقىرى كىشلەرگە قاراتقان ۋۇ يۈنچيەن.
ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي بەينىيەن شەھەرچىسى گوروھى 7-فىۋرال مەيدانىدا ۋىنجۇ شەھەرچىسىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ قېتىم ۋۇ يۈنچيەن ئۆز نەزىرىنى ئادەتتىكى پۇقرالارغا قاراتقانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئەمەلىيەت ۋۇ يۈن چيەننىڭ قارارىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ ئىككىلا تۈر ئوڭۇشلۇق بولدى. ئۇ داليەندىكى بارماق بىلەن سانىغۇدەك ئۆي-مۈلۈك سودىسىدا پايدا ئالغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
« مەن ئۆزۈمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىمنى ئىنتايىن ئېنىق بىلىمەن » دېدى ۋۇ يۈنچيەن ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە باھا بېرىپ. ئۇ يەنە :« دالىيەندىكى بەزى ئۆي-مۈلۈك سودلىرىنىڭ مەغلۇب بولشىدىكى سەۋەب ، ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ نېمە قىلغۇسى بارلىقىنى بىلمەيدۇ.» دېدى.
ۋۇ يۈنچيەن بۇرۇن 50 مىليون چىقىرىپ بىر تاماقخانىنى سېتىۋالغان بولۇپ ،تاماقخانىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى ئەتراپلىق ،بېزىلىشى چىرايلىق ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ نۇرغۇن كىلشلەرنى پىلان تۈزۈشكە ياردەمگە چاقىرغان ،ھەرقايسى تەرەپتىن ئەتراپلىق تەييارلىق
قىلغان بولسىمۇ لېكىن،ئاخىرىدا يەنىلا مەغلۇپ بولدى. « مەغلۇب بولۇشنىڭ سەۋەبى شۇكى ،ئەينى ۋاقىتتا داليەنگە بۇنداق تاماقخانا ئېچىش ماس كەلمەيتتى، بىز بەلكىم بەك ئالدىراپ كەتكەن بولۇشىمىز مۇمكىن،شۇڭا مەغلۇب بولدۇق» دېدى ۋۇ يۈنچيەن.
بىزدە ‹‹ ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ بىلگەن دانىشمەن بولۇر›› دېگەن گەپ بار . سودىنىڭ ئۆزى بىر جەڭ ، بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىمىزنى ئېنىق بىلىشىمىز، ۋەزىيەتنى ياخشى كۆزۈتۈپ ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىشىمىز لازىم .شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى قوللىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.
نۇرغۇن كىشلەر ۋىنجۇلىقلارنىڭ يېڭىلا باشلىغان ئۇششاق تىجارىتىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇلارنى پەس ، ئىستىقبالى يوق ئادەملەر دەپ قارايدۇ. بىراق ۋىنجۇلىقلار ئۇنداق ئويلىمايدۇ. ئۇلار ئۆزىدە مەبلەغ يوق، بىلىم-تېخنىكا يوق بولغاچقا چوقۇم ئۇششاق
تىجارەتتىن ئىش باشلىشىم كېرەك ،دەپ قارايدۇ. ئۇششاق تىجارەتتە مەلۇم مىقداردا پايدىغا ئېرىشكىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە سودىگەرچىلىكنىڭ يولىنى ئۆگەنگىلى بولىدىغان بولۇپ ، بۇ بىر قەدەم ئارقىلىق مۇندىن كېيىنكى ئىگىلىك ئۈچۈن چوڭقۇر ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
ۋىنجۇلىقلارنىڭ مۇنداق ئۆزىنى دەڭسەپ ئىش قىلىشى نۇرغۇن كىشلەرنىڭ باشقىلار ئۈچۈن ئىشلىشىدىن كۆپ ياخشى، ھېچ بولمىغاندا ۋىنجۇلىقلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ ۋە بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن غەلبىگە قاراپ يېقىنلىشىدۇ. ھالبۇكى
باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئىشلەپ كۆنۈپ قالغانلارچۇ؟ ئۇلار پەقەت كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنلا ھەر كۈنى ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش ئىشلەپ ئۆزىنىڭ بۇ ئۆمرىدە زادى نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ئامرىكا ئاپتوموبىل شاھى ھېنرى. فورت :« ئەگەر سەن مەڭگۈ جىسمانى ئەمگەككە قانائەت قىلىپ ئولتۇرساڭ ئۇنداقتا ئىشتىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىنغان ھامان سەن ئازاد بولغان بولىسەن . بىراق ئەگەر سەن يەنىمۇ تېرىشىپ بىرەر ئىشقا تۇتۇنساڭ، ئۇنداقتا ئىشتىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى سېنىڭ تەپەككۇر يۈرگۈزىشىڭگە بېرىلگەن سىگنال بولۇپ قالغۇسى » دېگەنىدى.
ھالبۇكى تەپەككۇرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى دەل ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلماقچى بولغانلىقى، قانداق قىلماقچى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئويلىنىشتۇر.
ئادەم ئەگەر كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ كويدىلا بولسا ئۇنداقتا ئۇ پەقەت تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدۇ. پەقەت ئەستايىدىللىق بىلەن كەلگۈسى توغرىسىدا، ئۆزىنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكى، قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئويلانغاندا ئاندىن ئادەم ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ
يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ بېيىش يولىغا قاراپ ئاتلىنالايدۇ.
2006-يىلى 5-ئايدا قىزىل يىڭناغۇچ گوروھىنىڭ لېدىرى چيەن جىنبو مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى :« بۇ يىل 5-ئاي قىزىل يىڭناغۇچ گوروھى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10يىللىق خاتىرە كۈنى، ئالاھىدە تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان، كېشىنى نۇرغۇن ئويغا سالىدىغان
كۈن . ئەينى چاغدا مەن ئويلىغان ئەڭ چوڭ مەسىلە - ئىگىلىك تىكلەشنىڭ جاپاسى، كېيىنكى ئىشلارنى قانداق راۋاج تاپقۇزۇش بولماستىن بەلكى ئۆزۈمنىڭ نېمە قىلىشقا ئامراقلىقىم توغرىسىدا ئويلىنىش بولدى. ئاخىرىدا مەن يەنىلا بەتىنكە ئىشلەپچىقرىشقا ئەڭ ئامراق ئىكەنلىكىمنى مۇئەييەنلەشتۈردۈم.گەرچە مەن ھازىر ئۆي- مۈلۈك، بانكا، مەكتەپلەرگە مەبلەغ سېلىۋاتقان بولساممۇ بۇلارنى پەقەت پۇل تېپىش ئۈچۈنلا قىلىمەن بۇنىڭغا قىزىقىشىم كۆپ ئارلاشمىغان. ھالبۇكى بەتىنكە سودىسى مېنىڭ بالىلىق ۋاقتىمدىكى ئارزۇيىمنى ،قىزىقىش-ھەۋىسىمنى ئاساس قىلغان كەسىپ.»
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ :« تىجارەتتە كەسىپلىشىش ياكى كۆپ مەنبەلىشىشنى قانداق تاللاشنىڭ مۇھىم فورمۇلاسى بولمايدۇ. بىراق مېنىڭچە كارخانىچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قايسى ئىشقا ئەڭ مېرىھرىمىز بارلىقىنى، يەنى پۇل بىلەن مەھسۇلاتقا نىسپەتەن قايسىسىغا مېھرىمىزنىڭ كۈچلۈكرەك ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك. بەتىنكە سودىسى ماڭا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ دەپ ئويلايمەن، چۈنكى كېيىم- كېچەكلەر خېرىدارلارنىڭ ئىتراپ قىلىشىدىن ئۆتۈشى، كىشلەرنى ئۆزىگە جەلىب قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك. مەن گەرچە ئادەتتىكى بىر سودىگەر بولساممۇ، مەدەنىيەت بىلەن تاۋارنىڭ ئارلىقىنى يېقىنلاشتۇرالىغان سودىگەر بولۇشنى بەكرەك خالايمەن. مۇشۇ نوقتىدىن ئالغاندا داڭلىق مەن ماركا يارىتىشقا، بولۇپمۇ بەتىنكە ماركىسى يارىتىشقا بەكرەك ماس كېلىمەن. باشقا سودىلار بولسا پەقەت مەبلەغ جۇغلاش ئۈچۈنلا قىلىنغان››.
چيەن جىن بونىڭ بۇ سالماق پىكىرلىرى ئۇنىڭ ئاقىلانىلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.
ئىگىلىك تىكلەشتە توختىماستىن يېڭىلىق يارىتىپ تۇرۇش، توختىماستىن يېڭى شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇش كېرەك. رىقابەتچىمىزنى چۈشىنىۋالساق، ئۇ توغرۇلۇق تولۇق تونۇش ھاسىل قىلساقلا جاھاندا قورقۇنچلۇق، قىلغىلى بولمادىغان ئىش بولمايدۇ. ئىگىلىك تىكلىگەن
ۋاقىتتا بولسۇن ۋە ياكى ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۋاتقان ۋاقىتتا بولسۇن ۋىنجۇلىقلار ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكى، ئۆزىنىڭ قايسى خىل كەسىپكە تېخىمۇ ماس كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىزدىنىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار نۇرغۇن قېتىملىق تاللاش ئىچىدە ئالغا
ئىلگىرلەيدۇ.
ۋېنجۇ ئۈزۈندىسى :
مەن ئۆزۈمنىڭ نېمە قىلۋاتقانلىقىمنى ئىنتايىن ئېنىق بىلىمەن! .........ھازىر داليەندىكى بەزى سودىلارنىڭ شەخسەن ئۆي-مۈلۈك
تۈرلىرىنىڭ مەغلۇب بولۇشىنىڭ سەۋەبى- ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى، نېمە قىلغۇسى بار ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
ـــــ داليەن بەينىيەن شەھەرچىسى گورۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى ۋۇ يۈنچيەن
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى