A-A+

خەتەر بىلەن پۇرسەت بىر تۇققان

2015-يىل 31-ماي تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 437 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

 2-باب 2-پارگىراف

w0200707133487108540484

بېيىش تەپەككۈرى:

نامراتلار: تىجارەتتە ئىھتىياتچان بولۇش كېرەك، تولۇق ئىشەنچىسى بولمىغان ئىشتا چوقۇم قايتا-قايتا ئويلىنىپ بېقىش لازىم، خەتىرى بەك چوڭ بولسا  زىيان تارتسام قانداق قىلىمەن؟

ۋىنجۇلىقلار: خەتىرى بولمىسا قانداق كۆپ پۇل تاپقىلى بولسۇن؟ پۇرسەت بىلەن خەتەر بىللە مەۋجۇت، خەتەر قانچە چوڭ بولسا پايدىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.خەتىرى بولماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ خەتەر، سەن بىرەر ئىشتا تولۇق ئىشەنچىگە كەلگەن چېغىڭدا ئايىغى

چاققان بىرى ئۇ ئىشنى ئاللىقاچان ئىگىلەپ بولغان بولىدۇ.


قولۋاق ماھىرى ئوناسىس : « خەتەر قانچە چوڭ بولسا پۇلنىمۇ شۇنچە كۆپ تاپقىلى بولىدۇ.باشقىلار ياراتمىغان يەرلەرگە بارساڭ چوقۇم ساناپ تۈگەتكۈسىز جىق پۇل تاپالايسەن» دېگەنىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ پايدا بىلەن خەتەر ئوڭ تاناسىپ بولۇپ ،بەزى تىجارەتلەرنىڭ  خەتىرى

 چوڭ بولغان بىلەن  پايدىسىمۇ شۇنچىلىك چوڭ بولىدۇ. كىشىلىك ھاياتتا ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلشتىن قورقۇش ئاجىزلىقنىڭ ئپادىسى. ھالبۇكى سودا دۇنياسىدا ئاجىز كىشلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ.

ۋىنجۇلىقلارنىڭ نەزىرىدە خەتەر قورقۇنۇچلۇق ئەمەس، قورقۇنۇچلىقى ئازراقمۇ خەتەرنىڭ بولماسلىقىدۇر. ئۇلار ‹ خەتىرى يوق ئىش ھەممىدىن خەتەرلىك ئىش بولىدۇ › دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خەتىرى يوق ئىشنى قىلغاندا چوقۇم ئەستايىدىل ئويلىنىش كېرەك. چۈنكى دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىش بولامدۇ، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بۇ پۇرسەتتىن باشقىلار پايدىلانماي ئۇلارغا ئېشىپ قالىدۇ؟ 2002-يىلىنىڭ بېشىدا شاڭخەي ئۆي- مۈلۈك بازىرى پەسىيىپ قالدى. بىراق دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ۋىنجۇ پالۋان (巨人 ) تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى چېن سوڭنەن بىراقلا 80 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ۋۇنىڭ يولىدىكى خۇشى ئىشچىلار پەن-مەدەنىيەت

سارىيىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان  يىنگوڭ سودا سارىيىنىڭ 6 قەۋەتلىك بىناسىنى سېتىۋالدى. نۇرغۇن كىشلەر چېن سوڭنەننى قارا بېسىپتۇ، چوقۇم چوڭ زىيان تارتىدۇ دەپ ئويلىدى.

ئەمەلىيەتتە چېن سوڭنەن ئاللىبۇرۇن بازار ئىھتىاجىنى  ئەتراپلىق تەھلىل قىلغان بولۇپ ، ئۇ  شەھەر قۇرۇلىشىنىڭ كېڭىيىشىگە ۋە نوپۇسنىڭ شىددەت بىلەن ئېقىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ خۇشى سودا سارىيىنىڭ بارا-بارا ئاۋاتلىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغانىدى. چۈنكى

 خۇشىلىقلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بىر كۆڭۈل ئېچىش ئارامگاھى قۇرسا يىنگوڭ سودا سارىيى چوقۇم يېڭى سودا رايونىغا ئايلىناتتى. شۇڭلاشقا ئۇ « غەربى قوۋۇق دۇكىنى» دېگەن نام بىلەن مودا كېيىم- كېچەك ، ئاياغ، باش كېيىمى، سومكا-چامادان، ئويۇنچۇق، سوۋغات بويۇملىرى قاتارلىقلارنى ئاساس، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە يېمەك- ئىچمەك، بەدەن چېنىقتۇرۇش ، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلارنى قوشۇمچە قىلغان لۇشى مودا ئېقىم سودا مەيدانى بارلىققا كەلدى.

ئۈچ يىلدىن كېيىن دۇكانلارغا قايتىدىن ئورۇن بېكىتىش ۋە بېزەش ئارقىلىق يىنگوڭ سودا سارىيىنىڭ سودىگەر چاقىرىش خىزمتى ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى. پەقەت بىرىنچى قەۋەتتىن تۆتىنچى قەۋەتكىچىلا 14مىڭ كۋادىرات مېتىر دائىرىدىكى 400 دىن كۆپرەك دۇكان 150 مىليون يۈەنگە سېتىلدى. ئېشىپ قالغان بەشىنچى ۋە ئالتىنچە قەۋىتى ئاخىرىدا شىركەتنىڭ ئىشخانىسى بولۇپ بېكىتىلدى.

چېن سوڭنەن ‹ خەتەرنى مەلۇم دەرىجىدە  كونترول قىلىپ يېتەرلىك بازار تەكشۈرىشى قىلساق ۋە بازارنىڭ ئىھتىياجىغا قاراپ توغرا قارار چىقارساق، مۇۋاپىق خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشمۇ غەلبىنىڭ مۇھىم ھالىقىسىدۇر › دەيدۇ. بۇنداق ۋىنجۇلىقلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشمۇ ۋىنجۇلىقلارنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان يەنە

بىر ئالاھىدىلىكىدۇر.  كىشلەر:« بەزىلەر  يۈزدە توقسان پىرسەنت ئىشەنچ قىلالىغاندىن كېيىن ئاندىن ئىش قىلىش كېرەك دەيدۇ، ئۇ چوقۇم ۋىنجۇلىق ئەمەس.»  دېيىشىدۇ. بۇ گەپ ئازراق مۇبالىغە قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ۋىنجۇلىقلارنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ئېڭىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. بىز دائىم خەۋەرلەردىن ‹ ۋىنجۇلىقلار  ئادەمنى ھەيراق قالدۇرىدىغان مۇنداق ئىشنى قىلدى، ۋىنجۇلىقلار ئادەم خىيالىغا كەلتۈرەلمەيدىغان بايلىققا ئېرىشتى ...› دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلايمىز. بۇ خەۋەرلەر ۋىنجۇلىقلارنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ئېڭى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن.

2006-يىلى ئاخبارات ۋاستىلىرى يەنە بىر ۋىنجۇلىقنىڭ تەۋەككۈلچىلىك ھېكايىسىنى ئېلان قىلدى. ۋىنجۇلىق سودىگەر ۋاڭ ۋېيشىڭ ۋە ئۇنىڭ شېرىكى غايەت زور مەبلەغ سېلىپ ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىگى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تېلىۋېزىيە ئىستانسى ئالادىر قانىلىنى سېتىۋالدى ۋە ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئەرەب ئالى بابا سودا قانىلى دەپ ئۆزگەرتتى. ۋاڭ ۋېيشىڭ

قانالنىڭ لېدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.

2006-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى دۇبەي شۇ يەر ۋاقتى 12:35 دە ئەرەب ئالى بابا سودا قانىلى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا تېلىۋېزىيە پروگىراممىلىرىنى تارقىتىشنى باشلىدى. ئالى بابا سودا قانىلى ئاساسلىقى مەملىكەت ئىچىدىكى تاۋارلانى كېڭەيتىدىغان، جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان كۆزنەك بولۇپلا قالماستىن ، يەنە تېخى بەزىدە جۇڭگو مەدەنىيىتى، ساياھەت  قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرىدىغان مەخسۇس پىروگراممىلارمۇ قويۇلىدىغان قانال بولۇپ ،بۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى تۇنجى جۇڭگولىقلار سېتىۋالغان تېلىۋىزىيە قانىلى بولۇپ قالدى.

ۋاڭ ۋېيشىڭ « جەنۇب شەھەر گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ :« تېلىۋىزىيە قانىلىنى سېتىۋالىدىغان ۋاقىتتا كۆپ ئىشلارنى ئويلاپ كەتمىدىم، مېنىڭ پەقەت بۇ ئىشنى بەكمۇ  قىلغۇم كەلدى » دېدى. ئەلۋەتتە، ۋاڭ ۋېيشىڭمۇ تولۇق تەييارلىق قىلغان بولۇپ ئۇ :« بۇ چىقىم ئاز ئەمەس، قانداقمۇ يېنىكلىك قىلىپ بۇنداق چوڭ ئىشنى قىلاي؟ مەن  تولۇق تەييارلىق قىلىپ قويغان» دېدى. تېلىۋېزىيە ئىستانسىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ۋاڭ ۋېيشىڭ ئىشەنچكە تولغان ھالدا:« مەن كۆڭلۈمگە پۈكۈپ  قويغان ئىشىمنى ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي ئۇدۇللا قىلىمەن، مەغلۇب

بولساممۇ ئوغۇل بالا مەن.» دېدى.

«مەغلۇب بولساممۇ ئوغۇل بالا مەن» ، ۋىنجۇلىقلاردا مەغلۇب بولۇش دەيدىغان گەپ يوق ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى مەغلۇبىيەت دەل ئۆزى بۇرۇن باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان سودا تەجىربىسى ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى بۇنداق تەجىربە دەل بىر خىل ئىستىراتىگىيە ۋە پەلسەپە بولۇپ بۇلارنى پۇل خەجلەپ سېتىۋالغىلى بولمايدۇ.

سۇ ترانسپورتى گىگانىتى دوڭ خاۋيۈن :« تېخنىكا پۈتۈنلەي پىشىپ يېتىلگەندە ئىشلىتىمىز دېسەك بىزنىڭ بۇ خىل تېخنىكىدىكى ئەۋزەللىكىمىز يوق بولىدۇ دېگەن گەپ، كەينىدە قالدىم دەپ قارىما، يېتىشىۋالساڭلا سەن يامان، شۇڭا بۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلشقا ئەرزىيدۇ .» دېگەنىدى. ئوخشاشلا تەۋەككۈلچى ۋىنجۇلىقلارمۇ مەلۇم بىر سودىنى قىلىش ياكى  قىلماسلىقنى ئويلاشقاندا ‹‹ بۇ سودىنىڭ خەتىرى بارمۇ يوق ،دىگەن مەسىلىنى ئەمەس  بەلكى،بۇ سودا تۈرى قىلىشقا ئەرزىمدۇ يوق  ›› دىگەن مەسىلىنى چىقىش قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ.

ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قىلىشقا ئەرزىيدىغان سودا تۈرى بولسىلا ،  بۇ تۈردە  ساقلانغان بەزى خېيىمخەتەرلەرنى يەڭگەندە بۇ سودىدا چوقۇم پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەگەر دائىملا خېيىمخەتەرگە ئېسىلىۋالساق سودىنى  ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشقا ئامالسىز قالىمىز.

كونكىرىت تۈرگە مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلغاندا ۋىنجۇلىقالار كەلگۈسىدە تاپماقچى بولغان پايدىسى ئۇلارنى  شۇنچە ھاياجانغا سالسىمۇ  بىراق ،ئاۋۋال قانچە پۇل تېپىشنى ئويلاپ كەتمەيدۇ. ئۇلار دائىم ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ شۇ تۈرگە قانچىلىك مەبلەغ سالالايدىغانلىقىنى

 ئويلىشىدۇ ئاندىن ۋاقىت ۋە مەبلەغدە ئۆزى بەرداشلىق بىرەلەيدىغان ئەڭ يۇقىرى چەكنى بېكىتىدۇ. ئاخىرىدا ئۇلار گۈزەل ئارزۇ بىلەن ئەڭ يامان ئاقىۋەتكە تەڭ  تەييارلىق قىلىپ ھەر تەرەپتىن تەڭ كۈچ چىقىرىپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، خېيىمخەتەر سودىدا دائىم ساقلىنىپ تۇرىدىغان ئىلمىنتلارنىڭ بىرى. ئەگەر ئىستىراتىگىيەدە خېيىمخەتەرنى ئويلىماي، تاكتىكىدا خېيىمخەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، ساقلانغىلى بولمايدىغان خىيىم - خەتەرنى تىرىشىپ يەڭسەك، ئۇنداقتا بىزگە قالغىنى دەل

پايدا ئالىدىغان پۇرسەت بولغۇسى. دۇنيادا ھەرگىز يۈز پىرسەنت ئىشەنچىلىك ئىش بولمايدۇ، شەرت-شارائىت مەلۇم دەرجىدە  پىشىپ يېتىلگەن ھامان دەرھال دادىل ئاتلىنىش كېرەك. ئىككىلىنىش ، ‹ ياقسام پىشامۇ، كۆمسەم پىشامۇ › دەپ  سۆرەلمىلىك قىلىش غەلبە پۇرسىتىنى ئېلىپ كېتىدۇ خالاس.

ۋېنجۇ ئۈزۈندىسى:

سودا دۇنياسىدا خېيىم -خەتەرنى ئويلىشىش كېرەك، بىراق قورقۇپ ھىچقانداق ئىش قىلماي تۈگۈلىۋېلىشقا  بولمايدۇ .تەييارلىق 

 خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ ،پىلاننى ئەتراپلىق تۈزۈپ جايىدا ئىجرا قىلساڭ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش بولمايدۇ، قورقماي سىناققىلىدىغان  روھنى  ساقلاپ قالالىساڭ شۇنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى.

            ــــ ‹ جې فۇ بيەن ماۋ › سۇ مەھسۇلاتلىرى شەھەرچىسىنىڭ لېدىرى     شۈ ۋىنشۇ

 بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ۋېنجونىڭ تەرەققىياتىنى  بىر قەدەر تېز دېيىشكە بولىدۇ، بىراق يەنە نۇرغۇن نۇقتىلاردا ئىشلارنى بۇنىڭدىنمۇ

ياخشى قىلغىلى بولاتتى، ئەمما  شەھەر باشلىقىنىڭ يۈرىكى چوڭ ئەمەس.

                       ــــ جۇاڭ جى گوروھى لېدىرى

جىڭ يۈەنجوڭ


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى 

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى 

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ