A-A+

سىياسەتنىڭ ئالدىدا مېڭىش كېرەك

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

 2-باب 4-پارگىراف

w0200707133487108540484

نامراتلار: سىياسەتنىڭ ئالدىدا مېڭىش دېمەككە ئاسان بولغىنى بىلەن قىلماققا قىيىن، تاسادىبىي سىياسەت ئۆزگىرىپ قالسا قانداق قىلىمەن؟

ۋىنجۇلىقلار: ئەگەر دائىم سىياسەتكە دىققەت قىلساڭ ۋە ئۇنىڭ يۆنىلىشىنى چۈشەنسەڭ دەل ۋاقتىدا سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۆز قۇلۇڭدا تۇتىۋالالايسەندە، سىياسەتنىڭ ئالدىدا ماڭىسەن.


2006- يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭى «شىركەت قانۇنى» رەسمى يولغا قويۇلۇپ يەككە ئىگىلىك ئۈچۈن يەنە بىر يول ئېچىلدى. شۇ

كۈنى ۋىنجۇ شەھرى ئاھالىسى ۋاڭ ئەپەندى تۇنجى بولۇپ تىجارەت كېنىشكىسىگە تىزىملىتىپ مەملىكەت بويىچە تۇنجى « بىر كىشلىك شىركەت»(一人公司)  نى قۇرۇپ چىقتى. 2006-يىلىغا كەلگەندە ۋىنجۇدىكى «بىر كىشلىك شىركەت» 239 غا يەتتى.

سىياسى بىلەن ئىقتىسادنىڭ مۇناسىۋىتىدە  ئىقتىسادىي ئاساس سىياسەتنى بەلگىلەيدۇ، سىياسەت يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئىقتىسادنى چەكلەيدۇ. ئەگەر سىياسەتكە دىققەت قىلىپ  سىياسەتنىڭ يۆلىنىشىنى بىلۋالساق دەل ۋاقتىدا سىياسەتتىكى ئۆزگىرىشىنى بايقىيالايمىز  ۋە

سىياسەتنىڭ ئالدىدا ماڭالايمىز.

بەزىلەر ۋىنجۇلىقلار پەقەت سودا قىلىشنىلا بىلىدۇ دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ۋىنجۇلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاددىي ئىشلاردىمۇ تىجارەتچىلەرگە خاس  كاللىسى بىلەن تەپەككۇر قىلىدۇ.

1999-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا ۋىنجۇلىق سودىگەر جۇ شىڭزىڭ  بىر نەچچە دوسىتى ۋە ۋىنجۇ خەلقئارالىق ھاۋالە شىركىتى بىلەن بىرلىكتە 300مىليون يۈەن خەلق پۇلى چىقىرىپ پۇدۇڭ كاڭچياۋ تەرەققىيات رايونىدا شاڭخەي جيەن چياۋ(建桥) ئۇنۋېرسىتىتىنى قۇرماقچى بولدى.

بۇ شاڭخەيدىكى  تۇنجى سرتتىن كەلگەنلەر قۇرغان خەلق باشقۇرىشىدىكى  ئالىي مەكتەپ بولۇپ ، كۆلىمى 438 مو  .

قۇرۇلۇش كۆلىمى 200مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ 8000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان. 1999-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇل سېلىنىپ بىر يىلغا بارمايلا بىرىنچى باسقۇچلۇق 40 مىڭ كىۋادىرات مېتىردىن كۆپرەك ئوقۇتۇش بىناسى ئاساسى قۇرۇلىشى ۋە

ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، ئۇنۋېرسال مۇلازىمەت بىناسى قاتارلىق قوشۇمچە ئەسلىھە قۇرۇلىشى پۈتتى ۋە تۇنجى قېتىملىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلاندى. بۇ جۇڭگو تارىخىدىكى مۆجىزە بولۇپ قالدى.

جۇ شىڭزېڭ 1983-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ گۈيجۇ تېخنىكا ئىنىستىتوتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. كېيىن يۇرتى ۋىنجۇ ئۇنۋېرسىتىتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا يۆتكەلگەن .1992-يىلى ئۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ سودا دۇنياسىغا شۇڭغۇدى.1999- يىلى سودىدىن ۋاز كېچىپ يەنە مەكتەپ ئېچىشنى قارار قىلدى ۋە شاڭخەيگە بېرىپ بىر ئالىي مەكتەپ ئاچتى.

ئەينى ۋاقىتتا، جۇ شىڭزېڭ ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمىگەن بولۇپ، پەقەت يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن بىر مۇددىئانامە تۈزۈپلا ئوقۇتۇش بىناسى قۇرۇلىشىنى باشلىۋەتكەن. بۇنداق قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەركەت نۇرغۇن كىشلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويغان، بىراق جۇ شىڭزېڭنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى بار ئىدى.  تۆۋەن بېسىملىق ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ياساش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جۇ شىڭزىڭ ، دۆلەتنىڭ تۆۋەن بېسىملىق ئىلىكتىر بۇيۇملىرى ئىجازەتنامىسىنى قاتتىق باشقۇرىدىغانلىقىنى، ئىجازەتنامە بولمىسا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغىلى  بولمايدىغانلىقىنى؛ بىراق ئىجازەتنامە ئېلىش ئۈچۈن ئىشلەپچىقرىش بازىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا مەڭگۈ ئىجازەتنامە ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى.

شۇڭا چېچەن جۇ شىڭزېڭ ئالىي مەكتەپ قۇرۇشتا بۇ قائىدىدىن پايدىلىنىپ، ھۈكۈمەت خۇسۇسىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ قۇرۇشىغا يول قۇيامدۇ قويمامدۇ ،دىگەن مەسىلەبىلەن ھېسابلاشماي ئاۋۋال يەر سېتىۋېلىپ، ئۇل سېلىش، بىنا سېلىش قاتارلىق ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئاساسى شارائىتلارنىڭ ھەممىنى ياخشى قىلىپ بولۇپ ، ئاندىن شاڭخەي شەھەرلىك مائارىپ كومېتېتىغا بېرىپ تەستىقلاتتى.

« ئاۋۋال مەكتەپنىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك شارائىتلىرىنى ھازىرلىمىغان بولسام مەكتەپ قۇرۇش چۈشكە ئايلانغان بولاتتى» دەيدۇ، جۇ شىڭزېڭ. مەكتەپ قۇرۇشنىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك قانداق شارائىتلىرى بار؟

بىرىنچىسى، مەلۇم كۆلەم بولۇشى كېرەك .جۇ شىڭزېڭ بىر يولىلا 200مو يەرنى سېتىۋالدى. بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى 50 مىڭ كىۋادىرات مېتىرغا يەتتى.

ئىككىنچىسى، يېتەرلىك مەبلەغ بولۇشى كېرەك .جۇ شىڭزېڭ نەنخۈي كاڭچياۋ تەرەققىيات رايونى بىلەن 250 مىليون يۈەنلىك مەكتەپ ئېچىش كىلىشىمى تۈزدى ۋە 5 مىليون يۈەننى دەرھال شاڭخەي مائارىپ كومتېتىنىڭ بەلىگىلەنگەن بانكا كارتىسىغا ئۇرىۋەتتى، قالغان

نەچچە يۈزمىڭ يۈەننى يەر سېتىۋېلىپ قۇرۇلۇش قىلىشقا ئىشلەتتى.

ئۈچىنچىسى ، مۇنەۋۋەر مەكتەپ مۇدىرى بولۇشى كېرەك. جۇ شىڭزېڭ ئەمدىلا شاڭخەي رادىئو-تېلىۋېزىيە ئۇنۋېرسىتىتىدىن پىنسىيىگە چىققان سابىق مەكتەپ مۇدىرى، مائارىپ باشقۇرۇش مۇتەخسىىسى خۇاڭ چىڭيۈننى مەكتەپ مۇدىرلىقىغا تەكلىپ قىلدى.

شاڭخەي شەھەرلىك پارتىكومنىڭ  مۇئاۋېن شۇجىسى گوڭ شۆپىڭ بىر ۋىنجۇلىقنىڭ شاڭخەيدە ئالىي مەكتەپ قۇرغانلىقىنى  ئاڭلىغىنىدا ھەيران قالغان ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى بىر نەچچە رەھبەرلەر بىلەن بىرلىكتە نەخ مەيدانغا كۆزدىن كەچۈرۈشكە بارغان.

گوڭ شۆپىڭ :« سىز تەستىق ئالماي تۇرۇپلا ئىش باشلاپسىز، ئەگەر تەستىقلانماي قالسا نەچچە يۈز مىليون دېگەن ئوينىشىدىغان  ئىش ئەمەستۇ ؟» دەپ سورىغان.

جۇ شىڭزېڭ:« تەستىقلانماي قالغىنى چوقۇم مېنىڭ مەلۇم بىر تەرەپنى ياخشى قىلالمىغىنىمنى بىلدۈرىدۇ، مەن  تۈزەتسەملا   بولمىدىمۇ، مەن شاڭخەينىڭ رەھبەرلىرىنىڭ غەرەز ئۇقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېگەن.

گوڭ شۆپىڭ :« تۇنجى يىلى قانچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، جۇ شىڭزېڭ :« 1000 ئوقۇغۇچى قوبول قىلىش پىلانىمىز بار» دەيدۇ.

گوڭ شۆپىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ :« جوڭگۇدا  خەلق باشقۇرىشىدىكى   ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە تۇنجى يىلى قوبۇل  قىلغان ئوقۇغۇچى سانى 1000دىن ئېشىپ باققانلار يوق، شاڭخەيدە 300 دىن ئېشىپ باققانلار يوق» دېگەن.

جۇ شىڭزېڭ :« بىزنىڭ مەكتەپ قۇبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىنىڭ سانىنى 1000دىن  ئاشۇرغاندا     سىزنىڭ كېلىپ تەبرىكلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن» دېگەن.

گوڭ شۆپىڭ بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتىن ئىنتايىن رازى بولغان.

نەتىجىدە جۇ شىڭزېڭ بىر يىلغا بارمايلا 40 مىڭ كىۋادىرات مېتىردىن ئاشىدىغان ئوقۇتۇش بىناسى، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى ۋە ئۇنۋېرسال مۇلازىمەت بىناسى، 400 مېتېرلىق ئۆلچەملىك تەنھەركەت مەيدانى قاتارلىق ئەسلىھەلەرگە ئىگە كەڭ كۆلەمدىكى ئالىي مەكتەپنى

قۇرۇپ چىقتى.2000-يىلى 9-ئايدا تۇنجى قېتىملىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشى چىقىرىلغاندا   ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقانلاردىن  5300 نەپەر ئوقۇغۇچى بۇ مەكتەپكە تىزىملاتتى ۋە تۇنجى قاراردا بۇ مەكتەپكە 1352 ئادەم قوبۇل قىلىندى.

2001-يىلى 4-ئايدا جيەن چياۋ ئۇنۋېرسىتىتى شاڭخەي مائارىپ كومېتېتى ۋە شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ  دەرىجە ھالقىپ دۆلەت پىلانى بويىچە  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەر دائىرىسىگە  كىرگۈزۈلدى .شۇنداق قىلىپ جۇ شىڭزىڭ قۇرۇپ

چىققان بۇ مەكتەپ  شاڭخەيدىكى  پىلانغا كىرگۈزۈلگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئالىي مەكتەپ ئىلمىي ئۇنۋانى تارقىتىش ھوقۇقىغا ئېگە پۇقرالار ئاچقان تۆتىنچى ئالىي مەكتەپكە ئايلاندى. 2003-يىلى 7-ئايدا مەكتەپنىڭ تۇنجى قارارلىق ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولۇپ ،ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %91 كە يەتتى. ھازىر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى سانى 7000 دىن ئاشتى.

شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شاڭخەي شەھەرلىك مائارىپ كومىتىتى كۆپ قېتىم جۇ شىڭزېڭنى :« خەلق باشقۇرىشىدىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ باشلامچىسى» دەپ ماختىدى.

يالوڭ گوروھىنىڭ لېدىرى جاڭ ۋىنروڭ :« ۋىنجۇلىقلار خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا، سىياسەتتىن بۇرۇن مېڭىشقا ئامراق» دېدى، ۋىنجۇلىقلاردىن پەخىرلەنگەن ھالدا.

ئەمەلىيەتتە، بازاردا دائىم ھۆكۈمنىڭ خاتا چىقىپ قالىدىغان ۋاقىتلىرىغا دۇچ كېلىمىز. ئەگەر مەغلۇب بولۇشتىن قورقۇپلا ئۆتسەك تىجارەتنى كۆڭۈل قويۇپ خاتىرجەم قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت پۇرسەتنى ماھىرلىق بىلەن بايقاپ ، ئالدىن بىر قەدەم باسقاندىلا ئەڭ ياخشى

پۇرسەتنى تۇتىۋالغىلى بولىدۇ.

جاڭ ۋىنروڭ كىچىكىدىن ۋىنجۇدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. كىچىكىدىنلا ۋىنجۇلىقلارنىڭ :« ئوغۇل بالا كىچىكىدىنلا ئىقتىسادى جەھەتتە  مۇستەقىل بولۇشى كېرەك» دېگەن ئېدىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. 14 ياش ۋاقتىدا جاڭ ۋېنروڭ باشقىلارنىڭ ياردىمى  ئارقىلىق كوچىدا چوكا مۇز سېتىشقا باشلىغان، دەل مۇشۇ ئەرزىمەيدىغان ئۇششاق تىجارەت ئۇنىڭغا تۇنجى تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخنى سوۋغا قىلغان.

17 ياش ۋاقتىدا جاڭ ۋېنروڭ ھەقىقى بىر سودىگەرگە ئايلانغان  ۋە   ئۆزىنىڭ بازاردىكى تەجىربىسى ، بالىلىقىدا يېتىلدۈرگەن غەيرىتىگە تايىنىپ بازاردىن سودا پۇرسىتى ئىزدىگەن.

20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى جۇڭگو دەل پىلانلىق ئىقتىساد مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ ، بۇ خىل ئالاھىدە ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ماددىي ئەشيالار كەمچىل بولۇشنى ۋە ئۇچۇر بېكىنمىچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. چېچەن جاڭ ۋىنروڭ بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ سودا پۇرسىتى بارلىقىنى بايقىدى.

بىر قېتىم جاڭ ۋىنروڭ تۇيۇقسىز فۇجيەننىڭ دېڭىز بۇيى رايونىدىكى بىر يەردە ھازىر بازاردا ئىنتايىن مودا بولۇۋاتقان ‹‹مونتىجۇ ›› ماركىلىق كۆينەك  ساتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسىنىڭ ئىنتايىن ئەرزان ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن  ئۇ دەرھال فۇجيەنگە كېلىدۇ ۋە كېيىم-كېچەك سودىسىنى باشلايدۇ.

ئۈچ ئايدىن كېيىن جاڭ ۋېنروڭ 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساپ پايدىغا ئېرىشىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگودا نەچچە يۈزمىڭ يۈەن پۇلى بار ئادەملەر باي ئادەملەر سانىلاتتى.

سودا پۇرسىتى كەلگەندە زېرەك جاڭ ۋېنروڭ ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايدۇ.

بىر قېتىم ياپونىيەدىكى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت مال تەمىنلەشنى توختاتقاچقا، ۋىنجۇدىكى خوندا موتسىكىلىتنىڭ باھاسى بىراقلا ئون نەچچە مىڭ يۈەنگە ئۆسۈپ كېتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا جاڭ ۋېنروڭ خېيلوڭجياڭدا سودىگەرچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ ،بۇ جايدا خوندا

موتسىكىلىتىنىڭ ئەرزان باھادا سېتىلىۋاتقانلىقىنى، بىراق پەقەت بەش ئالتىسىلا قالغانلىقىنى بايقايدۇ ۋە بۇ موتسېكىلىتلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالىدۇ . كەينىدىن ئۇ كۆپ مىقداردا نەخ پۇلنى ئېلىپ خېيلوڭجياڭ بازارلىرىنى ئايلىنىدۇ ھەم  خوندا موتسىكىلىتىنى مىنىپ كىتىۋاتقانلارنى   كۆرگەن ھامان ئالدىنى توسىدۇ ۋە ئەسلى باھاسى بويىچە سېتىۋالىدۇ.

     ئۈچ ئايدىن كېيىن جاڭ ۋېنروڭنىڭ كوچا ئايلىنىپ يۈرۈپلا سېتىۋالغان موتسىكىلىتى 600 دانىگە يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ  بۇ كونا موتسىكىلىتلارنى ئۆزگەرتىپ يېڭىلاپ ۋىنجۇغا ئاپىرىپ ساتىدۇ، نەتىجىدە ھەر بىر موتسىكىلىتتىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10000 يۈەن پايدا

ئالىدۇ.

     21 ياشلىق جاڭ ۋېنروڭ نەزىرىنى يىراقلارغا قاراتقان بولۇپ ئۇ شاڭخەيگە بېرىپ تەرەققى قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ ۋە 1986-يىلى شاڭخەيگە كېلىدۇ.

جاڭ ۋېنروڭ شاڭخەيگە كېلىپلا كوچىدا مىس پارچىلىرىنىڭ چېچىلىپ ياتقانلىقىنى بايقايدۇ، ھالبۇكى مىس ۋىنجۇدا ئىنتايىن كەمچىل ئېدى. ئۇ تۇيۇقسىزلا سودا پۇرسىتىنى تېپىۋالىدۇ ۋە كېرەكسىز مىس تىجارىتىنى باشلىۋېتىدۇ. ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ۋە شاڭخەي ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ جاڭ ۋېنروڭنىڭ ئىشلىرى بارا-بارا زورىيىشقا باشلايدۇ.

1988-يىلى جاڭ ۋېنروڭ بازار تەرەققىياتىنىڭ توك سىمىغا بولغان ئىھتىياجىنى كۆرۈپ يېتىپ شاڭخەي توك سىمى ئىشلەش    زاۋۇتىنى ھەمكارلاشقۇچى قىلىپ تاللايدۇ ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ شاڭخەيدە ئاز تولا نامى بار « توك سىمى پادىشاھى»( 电缆大王)غا ئايلىنىدۇ.

1997-يىلى 10 مىليون مەبلەغ چىقىرىپ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا ــ پۇدۇڭ توك سىمى  زاۋۇتىنى سېتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ خۇسۇسى   شىركىتىگە ئىگە بولىدۇ. ھازىر جاڭ ۋېنروڭنىڭ يالوڭ گورۇھىنىڭ تىجارەت دائىرىسى مىسچىلىق، توك سىمى، مائارىپ، داۋالاش،

يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلىشى، ئۆي-مۈلۈكچىلىك قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ ئومىمىي مەبلىغى 600 مىليوندىن ئاشىدۇ.

يەنە مۇنداق بىر ھېكايە بار:

1991-يىلى شاڭخەي پۇدۇڭ تەرەققىيات رايونىنىڭ يەنە بىر قىسىم رايونلىرى تېخى ئېچىلمىغان بولۇپ زېرەك شاڭخەيلىكلەر سىياسەتنىڭ تېخىمۇ كەڭ يولغا قويۇلىشىنى سەۋېرچانلىق بىلەن ساقلاۋاتقانىدى.

دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئېتىزدىكى كىچىك يولدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان ياڭ گاۋ يولىدا شاڭخەيلىكلەر چۈشەنمەيدىغان ۋىنجۇ تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان ئىككى ياش پەيدا بولدى .ئۇلار تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ خادىملىرىغا ئوخشاش ئۇياق-بۇياققا قاراپ، بىر نېمىلەرنى سىزىپ 5 كۈن سەرپ قىلىپ ياڭگاۋ يۇلىنىڭ ئەڭ جەنۇبىي قىسىمدىن ئەڭ شىمالىي قىسىمدىكى گاۋچياڭغىچە ئۆلچەپ چىقتى. ئاندىن ئۇلار ئۈن-تىنسىز ھالدا پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ۋىنجۇغا قايتىپ كەلدى.

ئىككى كۈندىن كېيىن بۇ ئىككىيلەن 650 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى  كۆتۈرگەن ھالدا شاڭخەيگە قايتىپ كىلىپ ئىشقا كىرىشتى.

شاڭخەيلىكلەرنى ئەجەبلەندۈرگىنى ،بۇ ئىككى ۋىنجۇلۇق تىجارەت قىلىش ئۈچۈن يول بويىدىكى دۇكانلارنى تاللىماستىن ئەكسىچە پۇدۇڭ يەنچياۋدىكى ياڭگاۋ يولىغا 30 نەچچە مېتىر كېلىدىغان بىر ئامبارنى تاللىدى. زېرەك شاڭخەيلىكلەر بۇ ئىككى ۋىنجۇلىق ئەخمەقنى مەسخىرە قىلىشتى.

بىراق ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە سان بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئېگەللىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا بىر بولسا ياڭ گاۋ يولى ئۆزگەرتىلمەيدۇ، ئەگەر ئۆزگەرتىلىپ قالسا  6 مېتىردىن 8 مېتىرگىچە ماشىنا يولى ياسىلىدۇ. شۇنداق بولۇپ قالسا بۇ جاي ۋاقتى كەلگەندە بۇ بىر تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخكە ئايلىنىدۇ.

سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇلار ئامبارنىڭ ئىگىسى بىلەن  مۇنداق كېلىشىم ئىمزالىدى: a تەرەپ يەرنى مەبلەغ سالىدۇ، b تەرەپ مەبلەغ چىقىرىپ ئامبارنى پائالىيەت ئۆيى ياكى دۇكان قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ،شۇنداقلا باشقۇرۇشقا ھەم سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. كىرىم 2/8 ئۈلۈش قىلىپ بەلگىلىنىدۇ، بۇ توختام بەش يىلغىچە ئۆزگەرمەيدۇ.

ئىشنىڭ تەرەققىياتى دەل بۇ ئىككى ۋېنجۇلىقنىڭ ئويلىغىنىدەك بولدى. 1992-يىلى باھار بايرىمىدا  دېڭ شياۋپىڭ جەنۇپنى كۆزدىن كەچۈرگەندە  ياڭ گاۋغا قەدەم باستى. شۇنىڭ بىلەن  800 مىليوندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان ياڭ گاۋ يولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلىشى شاڭخەينىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

بۇ ئىككى ۋىنجۇلىق دەل چىن فامىلىلىك  ئاكا-ئۇكىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق سودىدا ئاز دېگەندە ئىككى ئۈچ يۈزمىڭ يۈەن تاپالىشى ئېنىق ئىدى.

ۋېنجۇلىقلارنىڭ ئىقتىسادى سېزىمى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، سىياسەت ئۆزگەرگەن ھامان ۋىنجۇلىقلار دەرھال ئۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

1979-يىلى ۋىنجۇ جىنشياڭدىكى  كىچىككىنە دۇكىنىدا  بەش خىل مىتال سودىسى قىلىدىغان يې خوجايىن «مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرىلىدىغانلىقى» نى ئاڭلاپ بۇنىڭدىن دەرھال سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ يەتكەن. ئۇ  مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەكتەپلەرگە ئۇچۇر يوللاپ ،ئۆزىنىڭ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ ئىزنىكىنى لايھىلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن زاكاسلارنى  تاپشۇرىۋالغان. ئەنە شۇ ۋەجىدىن بۈگۈنكى كۈندە ۋىنجۇ جىنشياڭ «خاتىرە ئىزنەكلىرى ماكانى» غا ئايلاندى.

1985-يىلىنىڭ بىر كۈنى دۆلەتنىڭ يەككە تىجارەتچىلەر زاۋۇت قۇرسا بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى  ئۇقتۇرىشى چۈشتى. جېڭ شيۇكاڭ چۈشتىن بۇرۇن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ چۈشتىن كېيىنلا خوڭشىڭ بەتىنكە زاۋۇتىنى ئەنگە ئالدۇردى ۋە خوڭشىڭ ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇردى. شۇڭا خوڭشىڭ بەتىنكىسى ناھايىتى تېزلا خاڭجۇ، شاڭخەي بازارلىرىغا تارقالدى.

بۈگۈنكى ۋىنجۇدا، شەھەرلىك ئورگان گېزىتى بولغان « ۋىنجۇ گېزىتى» شۇ يەردىكى سېتىلىشى ئەڭ ياخشى ئورۇندا تۇرىدىغان ئاخبارات ۋاستىسىغا ئايلانغان بولۇپ ،ئاساسلىقى خەلق ئىگىلىكى كارخانىلىرىنىڭ خوجايىنلىرى سېتىۋالىدۇ. ۋىنجۇلىقلار سودا پۇرسىتىنى تالىشىشتا چاققان، ھەركەتچان بولۇپ ،ئۇلار دائىم قارىماققا ئاددىي تۇيۇلىدىغان ئىشلاردىن سودا پۇرسىتى تاپالايدۇ.

مەسىلەن : مائارىپ مېنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلىق گۇۋاھنامىسى تارقاتماقچى بولسا ۋىنجۇلىقلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىدۇ، پوچتا ئېدارىسى ئالاھىدە تېز خەت يوللانمىسى چىقارماقچى بولسا ۋىنجۇلىقلار تەرىپىدىن ئىگەللىۋېلىنىدۇ، شىياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ ساقچىلار ئىزنەك ئالماشتۇرغاندا بۇمۇ ۋىنجۇلىقلار تەرىپىدىن ئىگەللىنىۋېلىنىدۇ.ئامرىكا دېڭىز، قۇرۇقلۇق ،ھاۋا ئارمىيەلىرى فورمىسىغا ئىزنەك ئورناتماقچى بولغىنىدىمۇ ۋىنجۇلىقلار تەرىپىدىن ئىگەللىۋېلىنىدۇ....

دەل مۇشۇنداق سىياسەتكە بولغان ھوشيارلىق ۋە ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىدىغان جاسارەت ۋىنجۇلىقلارنى سودا دۇنياسىدا بايلىققا ئىگە قىلىدى.

ۋىنجۇ ئۈزۈندىسى:

ۋىنجۇلىقلار خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا، سىياسەتنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىدۇ.

         ـــ يالوڭ گورۇھى لېدىرى   جاڭ ۋېن روڭ


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى 

 ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ