A-A+
لوشۈن قاشلىرى罗旬玉 (خوتەن قاشلىرى جەمگاھى 23)
خوتەن قاشلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ يېڭى ئەزاسى -لوشۈن قاشلىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
لوشۈن قاشلىرى _______________ گۈيجۇغا قاراشلىق لوشۈن ناھىيەسىدىن يېڭىدىن بايقالغان بىر تۈرلۈك قاش بولۇپ ، ئاساسى تەركىبى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرى خوتەن قاشلىرىغا ئوخشىغاچقا خوتەن قاشلىرى دەپ سانىلىپ خوتەن قاش چوڭ ئائىلىسىگە يېڭى ئەزا بولۇپ قوشۇلدى.
بۇ قاش لوشۈن ناھىيەسى لوشۈن تېغىدىن بايقالغاچقا لوشۈن قاشلىرى دەپ ئاتالغان . ھازىر لوشۈن ناھىيەسىنىڭ ئۆزىدە بۇ خىل قاشنىڭ ھەر كىلوسى 200~ 1000 يۈەنگىچە بولىۋاتىدۇ .
لوشۈن قاشلىرى << 罗旬玉 >> ئاساسەن كان قاشلارنى ئاساس قىلىدۇ ، ھازىرغىچە زىرە قاش بايقالمىدى . بۇ ھەقتە تەتقىقاتچىلار داۋاملىق چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىۋاتىدۇ .
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى