رىقابەتچىنىڭ يامان گېپىنى ھەرگىز قىلماسلىق كېرەك
مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى
ئون بىرىنچى دەرس 4-پارىگىراپ
رىقابەتچىنىڭ يامان گېپىنى ھەرگىز قىلماسلىق كېرەك
ئالى بابا تور بېكىتىنىڭ ئېكىسپورت كارخانا مۇنبىرى ئەزالىرى ئىلگىرى مۇنداق بىر پارچە نامسىز خەت تاپشۇرىۋالغان: ئامېرىكا «ساختىلىققا قارىشى تۇرۇش ئۇيۇشمىسى» ئاللىقاچان ئالى بابانى «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساختا مال تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر ۋە توپ تارقىتىش سودىگەرلىرى توپلاشقان جاي» دەپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ ئېنىقكى «مەلۇم رىقابەتچى شىركەت پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ كونترول قىلىۋاتقان نامۇۋاپىق رىقابەت ۋاستىسى» ئىدى.
ئالى بابانىڭ باياناتچىسى جىن جيەنكاڭ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ھەر قانداق كارخانا رىقابەت جەريانىدا سودىدىكى ئاساسلىق پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىشى، ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ رىقابەتلىشىشى كېرەك، بولۇپمۇ خەلقئارالىق كارخانىلار ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمىتى ۋە كارخانىلىرىنى تېخىمۇ ھۆرمەتلىشى كېرەك. ئالى بابا شىركىتى كەلگۈسىدە جۇڭگو ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى كارخانىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئىسپاتلايدۇ.»
ئالى بابانىڭ بۇ ھەرىكىتى كەسپ دۇنياسىدىكىلەرنى يەنە بىر قېتىم لەرزىگە كەلتۈرگەن. ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلىپىدىلا، ئالى بابا ئۆزى ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك قائىدە بەلگىلىگەن ئىدى: بىرىنچى، خېرىدارلاردىن مەڭگۈ شېرىنكانە ئالماسلىق، ئەگەر ئالغانلار بايقىلىپلا قالسا دەرھال خىزمەتتىن ھەيدىلىش، چۈنكى ئۇنداق بولغاندا خېرىدارلار ئالى باباغا بولغان ئىشەنچىنى يوقىتاتتى. ئىككىنچى، ھەرگىزمۇ رىقابەتچىلەرنىڭ يامان گېپىنى قىلماسلىق، بۇ بىر كارخانىنىڭ سودا ئەخلاقىغا بېرىپ تاقىلاتتى. مايۈن ئالى بابا تور بېكىتىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى مەخسۇس تەھرىرلىكتىن ئۆتكۈزۈشتە ۋە تاللاشتا چىڭ تۇرغان.
ۋەنتۇڭ مەبلەغ سېلىش ۋە پاي كونترول قىلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى خۇڭلۈن مۇنداق دېگەن: «كارخانىنىڭ قىممەت قارىشى خۇددى ئابىدىگە ئوخشايدۇ، ئۇنى تىكلەشكە 20 يىل، ھەتتا 40 يىلمۇ يەتمەيدۇ، ئەمما ئۇنى تەبئىي تىكلىگەندە كىشىلەر قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ، بۇ ئالى بابانىڭ كەلگۈسىدىكى چىقىش يولى.» ئالى بابا قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بۇ خىل قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرغان ھەمدە بۇندىن كېيىنمۇ بۇ خىل قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇشقا ئىرادە باغلىغان.
ھالبۇكى بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ھەمىشە ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىش ئۈچۈن، ۋاستە تاللىماستىن رىقابەتچىسىنى يوقاتماقچى بولىدۇ. ئەگەر بۇ كارخانىدىكى ئايرىم كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى بولۇپ، كارخانا بۇنى توسمىسا، ئۇنداقتا بۇ كارخانا شۇ كىشىلەرنىڭ قولىدا ۋەيران بولۇشى مۇمكىن؛ ئەگەر كارخانا رىقابەت جەريانىدىكى ئەۋزەللىكنى ئىگىلەش ئۈچۈن باشقىلارغا بېسىم قىلىپ ئۆزىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولسا، بۇنداق كارخانا ۋاقىتلىق تەرەققىي قىلالىسىمۇ، ئەمما ياخشى كۈنلەرنى ئۇزۇن داۋاملاشتۇرالمايدۇ. رېئال تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي مىساللاردىن بىز بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ چىقالايمىز: ئەگەر بىر خېرىدار ئاپتوموبىل سېتىۋالماقچى بولسا، ئۇ كىرگەن بىرىنچى ئاپتوموبىل دۇكىنىدىكى ساتقۇچى ئۇنىڭغا ئاپتوموبىلنىڭ ماركا ئەۋزەللىكى، تىپى، سۈپىتى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئارقىدىنلا: «سىز ياندىكى ئاپتوموبىل دۇكىنىنى بىلەمسىز؟ ئۇلارنىڭ ماركىسىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ گاز چىقىرىش سىستېمىسى ياخشى ئەمەس. نەچچە يىل بۇرۇن، ئۇلارنىڭ مەلۇم تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ گاز چىقىرىش سىستېمىسىدىن چوڭ مەسىلە چىققان» دېسە...
گەرچە خېرىدار بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىسىمۇ، كۆڭلىدە ئاللىقاچان بۇ ئاپتوموبىل دۇكىنىنى ئىنكار قىلىپ بولغان بولىدۇ. چۈنكى بۇ ساتقۇچى خادىم باشقىلارنىڭ ئەيبىنى ئېچىش ئارقىلىق ئۆزىنى كۆتۈرمەكچى بولغان، ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنى ھەرگىزمۇ خېرىدارنىڭ قايسى ئاپتوموبىلنىڭ تىپى ۋە سەپلىمىسى بۇ خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ قاتارلىق ئېھتىياجى ئەمەس، بەلكى بۇ سودىنى تېزرەك پۈتتۈرۈش. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش خېرىدارنىڭ رازىمەنلىكى ۋە ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە پايدىسىز، ھەتتا خېرىدارنى بۇ ئاپتوموبىل دۇكىنىنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتىدىن گۇمانلاندۇرۇپ قويىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەڭگۈ رىقابەتچىنىڭ يامان گېپىنى قىلماسلىق كېرەك. رىقابەتچىگە يامان غەرەزدە زەربە بېرىش خېرىدارغا ۋاكالىتەن شۇنداق دېگەنگە باراۋەر: سەن ئۆچمەنلىككە، ئاچچىققا تويۇنۇپسەن، ھەتتا تېخىمۇ قەبىھلىشىشىڭ مۇمكىن، بۇ دائىم سىزنىڭ رىقابەتچىڭىزنى ئۈستۈن ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ.
بولۇپمۇ كارخانىنىڭ رەھبىرى خىزمەتچىلەرنىڭ «باشقىلارنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنى كۆتۈرۈش» ئارقىلىق مەھسۇلات سېتىشىنى چەكلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە بىز سېتىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، باشقا ئۇسۇللارنى قوللانساق بولىدۇ، مەسىلەن: سىز دەسلەپتە قۇرۇلغان شىركەت، سىزنىڭ رىقابەتچىڭىز بولسا چوڭ تىپتىكى، مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقان شىركەت. سىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق رىقابەتچىڭىزنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمىتىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى، خىزمەتچىلەرنىڭ خېرىدارلارغا ناھايىتى چوڭچىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بايقىدىڭىز؛ ئەكسىچە سىزنىڭ شىركىتىڭىز خېرىدارلارغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، سىز خېرىدارلارغا ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرغان ۋاقىتتا، چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئەۋزەللىكىنى مۇمكىن بولغان دائىرىدە كۆرسىتىپ بېرىشىڭىز، رىقابەتچىڭىزگە يامان غەرەزدە زەربە بەرمەستىن، ئەكسىچە خېرىدارغا ئۆزى تاللاش پۇرسىتى بېرىشىڭىز كېرەك.
مەسىلەن: سىز يەنە خېرىدارنى ئويلىنىشقا يېتەكلەيدىغان سۇئاللارنى سورىسىڭىز بولىدۇ: «تاۋارغا دائىر ئاساسى مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەشتىن سىرت، بىز يەنە پۈتۈنلەي ھەقسىز مۇلازىمەت تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلالامدۇق ياكى خېرىدار ئاللىقاچان باشقا تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنى تېپىپ بولدى؟»
خېرىدار: «بىز ئاللىقاچان مەلۇم شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىپ بولدۇق.»
ساتقۇچى خادىم: «ئۇلار ناھايىتى چوڭ شىركەت، سىز ئۇلارنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى بىلەن مۇلازىمەت ئۇسۇللىرىنى دېيىشىپ بولدىڭىزمۇ؟»
خېرىدار: «ياق، بۇنى نېمىشقا دېيىشىشىمىز كېرەك؟»
ساتقۇچى خادىم: «مەن ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئىش قىلىش ئۇسۇلى بار دەپ ئاڭلىغان، سىز ئېھتىمال ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت مەدەنىيىتىنىڭ سىزنىڭ تەلپىڭىزگە ماس كېلىشىنى ئۈمىد قىلىسىز.»
دېققەت قىلىڭ، سىز رىقابەتچىڭىزگە پايدىسىز ھەر قانداق گەپنى قىلمىدىڭىز. ئەكسىچە سىز ئۇلارنى ماختاۋاتىسىز. خېرىدار رىقابەتچىڭىزدىن مەھسۇلات سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن قانداقلا مەسىلىەە يولۇقسا چوقۇم بىرىنچى بولۇپ سىزنى ئويلايدۇ. چۈنكى چۈنكى ئۇ ئۇچرىغان مەسىلە ئېھتىمال سىز ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرغان مەسىلە بولۇشى مۇمكىن.
بۇلارنى قىلىش ئۈچۈن، سىزنىڭ كۆڭلى-كۆكسىڭىز كەڭ بولۇشى كېرەك. رىقابەتچى بىلەن كۈچ ئېلىشقان ۋاقىتتا مەغلۇب بولغان تەغدىردىمۇ ئۆچمەنلىك ساقلىماسلىقىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ يېتەرلىك كۈچىمىگەنلىكىڭىزدىن ئاغرىنىشىڭىز لازىم، بۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى تاۋلاپ، رىقابەتچىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئۆزىڭىزدە يېتەرلىك ئەمەلىي كۈچ بولغاندىن كېيىن قايتا سىناپ بېقىشىڭىز لازىم. بۇ دەل ساغلام رىقابەت بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ تەرەققىياتىڭىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.
**************
مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى– ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى