ياخشى رىقابەتچىنى تېپىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگىنىش كېرەك
مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى
ئون بىرىنچى دەرس 3-پارىگىراپ
ياخشى رىقابەتچىنى تېپىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگىنىش كېرەك
كىشىلەر دائىم «رىقابەتچى ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۈلگىسى» دېيىشىدۇ. بىراق «ئوخشاش كەسپتىكىلەر ئوت بىلەن سۇغا ئوخشىشىدۇ»، «رىقابەتچى-دۈشمەندۇر» دېگەندەك قاراشلارنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك، كىشىلەر دائىم رىقابەتچىسىگە دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدۇ-دە، رىقابەتچىدىن ئۆگىنىشتىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ.
بۈگۈنكى سودا دۇنياسىدا شۇنداق بىر قىسىم مەغلۇب بولغۇچىلار بار، ئۇلار ياكى رىقابەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ ياكى رىقابەتچىگە سەل قارايدۇ، ئۇلارنىڭ مەغلۇب بولۇشىدىكى ھەتتا ھالاك بولۇشىدىكى سەۋەب: ئۇلار ساددىلىق بىلەن رىقابەتچىگە سەل قاراپ، رىقابەتچىنىڭ ياخشى تەرىپىدىن پايدىلىنىشنى بىلمەيدۇ، رىقابەتچىسىدىن ئۆگىنىشنى تېخىمۇ خالىمايدۇ.
خۇددى چەۋەندازلار ھەققىدە يېزىلغان ھېكايىلەردە تەسۋىرلەنگىنىگە ئوخشاش، بىر لاياقەتلىك ئادەم ئارقىمۇ-ئارقا ئېلىشىش ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. بۇنداق لاياقەتلىك كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن شۇنداق بىر خىل ئالاھىدىلىكنى تاپقىلى بولىدۇ، يەنى ئۇلار ياخشى رىقابەتچىنى تېپىشقا ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە ماھىر. شۇڭا سودا مەيدانلىرىدا رىقابەتچى دائىم ئەڭ ياخشى ئۇستازغا ئايىنالايدۇ، ياخشى رىقابەتچىنى تېپىشمۇ ناھايىتى مۇھىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مايۈن بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «رىقابەتچى سىزنىڭ بىلەي تېشىڭىزغا ئوخشايدۇ، سىزنى قانچە بىلىگەنسىرى سىز شۇنچە پارقىرايسىز.» مايۈننىڭ قارىشىچە، رىقابەتنىڭ ئەڭ چوڭ قىممىتى رىقابەتچىگە زەربە بېرىشتە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن ئۆگىنىش ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا.
eBay نىڭ دۇنيا C2C بازىرىدىكى ئەمەلىي كۈچى ۋە جۇڭگو بازىرىغا كۈچلۈك ئەھمىيەت بېرىشى مايۈننى eBay بىلەن رىقابەتلىشىشكە دالالەت قىلغان. تاۋباۋ تور بېكىتىنىڭ باش لىدىرى سۈن دەنيۈنىڭ قارىشىچە، eBay ناھايىتى ياخشى «يۈگۈرەش ھەمراھى» ئىدى. سۈن دەنيۈ مۇنداق دېگەن: «كىچىك ۋاقتىمدىكى تەنتەربىيە ئىمتىھانلىرىدا 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش ئادەمگە باشقىچە ھېسىيات بېغىشلايىتتى، ئوقۇغۇچىلار ئىككى-ئىككىدىن ئىمتىھان بېرەتتى، مەن ئۆزۈمدىن ئاستا يۈگۈرىدىغان ساۋاقدىشىمنى تاللايىتتىم، مەن ئۇنىڭدىن تېز يۈگۈرگەچكە ناھايىتى ھوزۇرلىناتتىم. كېيىن مەن بۇنىڭ خاتالىقىنى ھېس قىلدىم، مەن ئۆزۈمدىن تېز يۈگۈرەيدىغان ئادەمنى تېپىشىم كېرەك ئىدى، بۇ ئۆزۈمدىن تېز يۈگۈرەيدىغان كىشى بىلەن يۈگۈرسەم ئاندىن ئەسلىدىكىدىن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيىتتىم، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا يۈگۈرىۋاتقان بولغاچقا، مەن ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىشنى ئويلايىتتىم، بۇ (يۈگۈرەش ھەمراھى) نىڭ مەسئۇلىيىتى ئىدى. كارخانىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بۇ ئېھتىمال شەخسىيەتچىلىك بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر يېنىڭىزدا سىزدىن ئاستا يۈگۈرەيدىغان ئادەم بولسا سىز چوقۇم ناھايىتى خۇشال بولىسىز، بولۇپمۇ ئۇ سىزنىڭ ئىنتايىن ئارقىڭىزدا قالغان ۋاقىتتا، سىز توختىماستىن ئارقىڭىزغا قارايسىز، ھەتتا جايىڭىزدا توختاپ ئۇنىڭغا نەزەر سېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن، ھەتتا بىر-ئىككى تال تاماكا چېكىۋېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزدىن تېز يۈگۈرەيدىغان ئادەمنى تېپىشىمىز كېرەك.»
مايۈن رىقابەتنى بىر خىل ئويۇن، ھەرگىزمۇ ھايات-ماماتلىق جەڭ ئەمەس دەپ قارايدۇ. تور سودىسى كەسپىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى كۆپلىگەن ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پەقەت رىقابەت بولغاندىلا ئاندىن تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ.
مايۈن مۇنداق دەيدۇ: «مەن ۋاقتى كەلگەندە (بارچە گۈللەر تەڭ ئېچىلىش) تەك مەنزىرىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئالى بابا باشقا شىركەتلەر ئۈچۈن تەجرىبە-ساۋاق ۋە بايلىق مەنبەسى تەمىنلىدى، باشقا شىركەتلەر تەرەققىي قىلسا ئالى باباغا تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.»
كارخانا ياكى كارخانىدىكى خىزمەتچىلەردە بولسۇن، رىقابەت پىسخىكىسىنىڭ بولۇشى ناھايىتى ئاكتىپ پوزىتسىيە. رىقابەت بولغاندىلا ئاندىن تۈرتكىلىك كۈچنى جارى قىلدۇرغىلى، ئاكتىپلىقنى ئاشۇرغىلى، كارخانا ۋە شەخسلەرنى تېخىمۇ تىرىشىشقا يېتەكلەپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا، بولۇپمۇ سودا مەيدانلىرىدا رىقابەت ھەممىلا جايدا ھەر ۋاقىت مەۋجۇت. بەزىلەر رىقابەتچىنى ئۆزىنىڭ ئۈلگىسى قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. ئەمما بەزىلەر رىقابەتچىنى «زەھەرلىك يىلان» قاتارىدا، ھەتتا ئۆلسىمۇ بىر يەرگە كېلەلمەيدىغان دۈشمەن قاتارىدا كۆرىدۇ-دە، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن رىقابەتچىنى يوقىتىشنى ۋە ۋاستە تاللىماستىن ئۇنىڭ بايلىقىنى تارتىۋېلىشنى ئويلايدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر رىقابەتچىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئۆگىنىشنى خالىماي، ھەمىشە ئۇنى يوقىتىشنى ئويلايدۇ ياكى «جۇيۈ تۇغۇلمىغان بولسا، جۇ گېلياڭ نەدە ئىدى؟» دەپ ئەپسۇسلىنىدۇ.
مايۈن ئىلگىرى مۇنداق بىر ئابزاس گەپنى قىلغان: «مەن دۇربۇندا قاراپمۇ رىقابەتچىنى تاپالمىدىم، مېنىڭ كۆرگەنلىرىم پەقەت مەن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئۈلگىلەر ئىدى، بۇ شىركەتنىڭمۇ مەن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك تەرەپلىرى كۆپ ئىدى، ئاۋۇ شىركەتنىڭمۇ ھەم شۇنداق ئىدى...»
ھەقىقەتەن «ئەسكى چاپاننىڭ ئىچىدىمۇ ئادەم بار.» رىقابەتچىدىن ئۆگىنىش ئۆزىنى تولۇقلاشتىكى ئەڭ بىۋاستە ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. رىقابەتچىسىدىن رىقابەتلىشىشنى ئۆگىنىش، رىقابەتچىسى بىلەن بولغان سېلىشتۇرۇش جەريانىدا ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك؛ رىقابەتچىدىن ئۆگىنىشكە ۋە ئۇلارنىڭ غەلبە قىلىش-مەغۇب بولۇشتىكى ساۋاقلىرىنى خۇلاسىلەشكە ماھىر بولۇش كېرەك. يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىش، باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ھەۋەس قىلماسلىق، باشقىلارنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن ھوزۇرلىنىپ كۈلمەسلىك كېرەك، چوقۇم ھادىسە ئارقىسىدىكى ماھىيەتنى تەھلىل قىلىش ۋە خۇلاسىلەشنى ئۆگىنىۋېلىش، باشقىلارنىڭ مەغلۇب بولۇش ۋە غەلبە قىلىش سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش، ئۆز-ئارا تولۇقلاش كېرەك، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگىلى، ئۆزىدىن ھالقىغىلى ۋە تېخىمۇ چوڭ غەلبىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ناھايىتى قابىلىيەتلىك بىر كەسپىي مۇدىر مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ نۇرغۇنلىغان بىلىم ۋە تەجرىبەم رىقابەتچىمدىن كەلگەن.» باشقىلاردىن، بولۇپمۇ رىقابەتچىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىسىدىن تەجرىبە خۇلاسىلەش، ئۇنى جانلىق ئىشلىتىش قاتارلىقلارلا كارخانىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم يول.
مايۈن يەنە مۇنداق دېگەن: «باشقىلار سىز بىلەن رىقابەتلىشىشنى ئويلىغاندا، سىز ئاۋال ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر رىقابەتچى ياكى ئەمەسلىكىگە قارىشىڭىز كېرەك، ئەگەر ئۇ بىر كارغا كەلمەس رىقابەتچى بولسا چوقۇم ۋاز كېچىشىڭىز كېرەك. بىراق بىزنىڭ كەسپ ساھەيىمىزدە، مەن ئاكتىپلىق بىلەن رىقابەتچىلەرنى تاللايمەن، مەن رىقابەتچىگە مېنى تاللاش پۇرسىتى بەرمەيمەن، ئۇ مېنى تېخى رىقابەتچى دەپ ئويلىمىغاندا، مەن ئاللىقاچان ئۇنى قارىغا ئېلىپ بولغان بولىمەن.»
مايۈننىڭ قارىشىچە، پاسسىپلىق بىلەن رىقابەتچىگە ئايلىنىش دائىم «دۈشمەن يوشۇرۇن، سىز ئاشكارا» ۋاقىتلاردا يۈز بېرىدۇ، قارىشى تەرەپ سىزگە ئوق ئاتقاندا سىزنىڭ قېچىپ قۇتۇلۇشقا ئىلاجىڭىز يوق. ئەگەر سىز ئاكتىپلىق بىلەن رىقابەتچىنى تاللىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ رىقابەتچىڭىز پاسسىپ ئورۇنغا ئۆتۈپ قالىدۇ، شۇڭا مايۈن مۇنداق دېگەن: «بىر نەچچە يىلدىن بۇيان باشقىلار بىزنى تەقلىد قىلىۋاتىدۇ، ئەمما بىزنىڭ نېمە ئىش قىلىشنى ئويلاۋاتقانلىقىمىزنى بىلمەيدۇ، مەن رىقابەتچىنى تاللىغاندا ئاۋال ئۇلارنىڭ نەگە بارماقچى بولغانلىقىغا
بىلىۋالىمەن-دە، مەن شۇ جايدا ئۇلارنى ساقلاپ تۇرىمەن.»
**************
مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى– ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى