كارخانا مەدەنىيىتى ھەققىدە
ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن
كارخانا مەدەنىيىتى 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرى ياۋروپادا بىر خىل باشقۇرۇش نەزەرىيەسى سۈپىتىدە بارلىققا كەلگەن يېڭى ئىلىم. ياۋروپالىقلار ئۇزاق مۇددەت سىناق قىلىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق خۇلاسىلىگەن كارخانا مەدەنىيەت نەزەرىيەسى ئۇزاق مۇددەت پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش باشلانغاندىن كېيىن بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىدە يول ئىزدەۋاتقان ئېلىمىز كارخانىلىرىغا ھاياتىي كۈچ بەردى ۋە شەكىللىك ھەم شەكىلسىز رەۋىشتە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى. چەت ئەل كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئاكتىپ تەسىرىدە ئاستا – ئاستا شەكىللەنگەن ئېلىمىزنىڭ كارخانا مەدەنىيىتى كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ۋە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى ۋە مەنىۋى كۈچىنى شەكىللەندۈرمەكتە. خۇددى ئامېرىكىلىق مەشھۇر باشقۇرۇش ئالىمى جون كوتتېر ئېيتقىنىدەك: «كارخانا مەدەنىيىتى كېيىنكى ئون يىل ئىچىدە كارخانىلارنىڭ ھايات – ماماتىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىلغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن».
بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە كارخانىلارنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئۈستۈرۈشتە تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىچكى ئۇيۇشقاقلىقىنى كۈچەيتىش ۋە سىرتقى رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم رولى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.
«ئالاقە تورى +» دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ھالىتى، رىقابىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلەشمەكتە. بۇنىڭغا ماس ھالدا كارخانا مەدەنىيىتىدىمۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلمەكتە. ئەنئەنىۋى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئەمگەك، كاپىتال ۋە بايلىق سېلىنمىسىغا تايىناتتى، يېڭى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە تېخنىكىنىڭ يېڭىلىنىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلماقتا، ناھايىتى ئېنىقكى بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن تېخنىكىنىڭ يېڭىلىنىشى ئاخىرقى ھېسابتا كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭىلىنىشى، شۇنداقلا كۆز قاراش ۋە ئىگىلىك ئەقىدىسىنىڭ يېڭىلىنىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك كارخانا مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئۆزگەرتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەربىر كارخانىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى.
ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ، تەرەپلەر ھەمكارلىقىنىڭ مەقسىتىمۇ ئورتاق مەنپەئەتكە ئېرىشىش. ھەمكارلىشىش ماھىيەتتە ھەم ھەمكارلىشىش ھەم رىقابەتلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. چەت ئەل مەبلىغىنى كىرگۈزۈش چەت ئەلنىڭ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ. چەت ئەلنىڭ باشقۇرۇش ئەندىزىسى ماھىيەتتە چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئەندىزىسى. چەت ئەلنىڭ باشقۇرۇش ئەندىزىسى، يەنى چەت ئەلنىڭ باشقۇرۇش مەدەنىيىتى جۇڭگونىڭ مىللىي بازار مەدەنىيىتى بىلەن بىرىككەندىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيە، مالايسىيا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز بازارلىرىدا ئالقىشقا ئېرىشىشىگە بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ يەرلىكنىڭ ئىستېمال ئادىتى ۋە ئىستېمال پىسخىكىسى ۋە سېتىۋېلىش كۈچىگە ماس كېلىشىدىن سىرت، ئەڭ مۇھىمى ئىستېمال مەدەنىيىتى بىلەن ئاكتىپ بىرلىشەلىگەنلىكى تۈپ سەۋەب بولغان. بىز مىللىي كارخانىچىلىق مەدەنىيىتىمىزنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن، چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلىشىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزدىكى ئارتۇقچىلىقلارغا ۋارىسلىق قىلىپ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتنى يۇغۇرۇش جەريانىدا يېڭىلىق يارىتىشىمىز كېرەك.