A-A+

بايلار پۇلنى كېرەكلىك ئۇرۇنغا جانلىق ئىشلىتىدۇ

2016-يىل 24-ماي مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 279 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

سۈرەتتە : جۇڭگۇ يۇلتۇرى گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى ، كىنو چولپىنى شىياڭ خۇاچىياڭ

0eb30f2442a7d933f8eb66b4af4bd11372f001b1

نامراتلار بىلەن بايلاردىكى بايلىق پەرقى ئۇلارنىڭ پۇلغا

تۇتقان پوزىتسىيىدە ئىپادىلىنىدۇ

نامراتلار مال-دۇنياسىنى يىغىپ ئىشلەتمەي ساقلايدۇ. ئۇلار ھەمىشە <بايلىقنىڭ ھەممىسى پۇل دىمەكتۇر،پۇل بولسا جەمىيەتتە ئورنى بولىدۇ؛ پۇل بولسا باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئۆزىنى چوڭ كۈرۈش تۈيغۇسى ۋە ۋىجدانى بولىدۇ> دەپ قارايدۇ.شۇڭا  پۇل ئۈچۈن دۇكان خىزمەتچىسى ،كىچىك يايمىچىلار بىلەن يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە زىغىرلىشىدۇ، خىزمەتدېشى بىلەن پۇت تېشىدۇ، تۇغقانلىرى بىلەن ئىختىلاپ قىلىشىدۇ. ئاخىرى ۋاقتى ۋە زېھنى بەدىلىگە كەلگەن شۇ پۇلى بانكىدا سېسىپ كىتىدۇ. نامراتلار بانكىدا قويغان شۇ پۇلى بىلەن ئۆزىنى باي بولدۇم دەيدۇ. لىكىن ئۇلاردا ھەقىقى بايلىق يوق.

بايلارمۇ پۇلنى ياخشى كۆرىدۇ. لىكىن بايلار پۇلنى كېرەكلىك ئۇرۇنغا جانلىق ئىشلىتىدۇ. ئۆزىنىڭ بايلىق مەنبەسىنى كوپ خىللاشتۇرىدۇ. مەسھۇلات ئىشلەپچىقىرىشتىن بازار مەبلىغىغىچە، ئائىلە مۇناسىۋىتىدىن جەمئىيەت ئالاقىسىسىگىچە ھەر بىر تەرەپتە بايلارنىڭ سالغان مەبلىقى ناھايتى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن.

پۇلغا بولغان زىيادە ئامراقلىق خىزمەت تېپىشتا بەزى ئادەملەرنى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى  توغرا دەڭسىيەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. گەرچە بىر قىسىم يۇقىرى مۇئاشلىق ئۇرۇن بىلەن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى مۇۋاپىق كەلمىسىمۇ، لىكىن ئۇلار تۆۋەندىن قول سېلىپ قەدەممۇ قەدەم يۇقۇرى ئۆرلەشنى  خالىمايدۇ. شۇ يۇقۇرى مائاشلىق ئۇرۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئالاقە تورى ئورنىتىدۇ. ئەمما ئادەمگە جىددى ئېھتىياجلىق چوڭ كارخانلارنىڭ تەربىيلەش ۋاقتى ھەمىشە قىسقا بولغاچقا، ئىقتىدارى ۋە تەجىربىسى كەمچىل ئادەم بولسا، ناھايىتى تىزلا شاللىنىپ كىتىدۇ.

ياشاش ئۈچۈن نامراتلار ھەمىشە ھەممە ئىشتا  پۇلغا قاراشقا ئادەتلەنگەن. بەزى «بايلار» پۇلدىن ئىبارەت  سوبىكتىپ مەنپەئەت تۈپەيلى باشقىلار بىلەن ھەدىدىن زىيادە زىغىرلىشىدۇ. بۇ خىل ئادەت ناھايىتى ئاسانلا ئادەمنىڭ زېھنىنى خورىتىدۇ. ھەتتا ئەخلاقى جەھەتلەردە ئەگىرى يولغا مېڭىش ئەھۋالى كۈرۈلىدۇ.

ھەقىقى بايلار گەرچە ئەڭ دەسلەپتە مەبلەغ توپلاش ئازابىنى باشتىن كەچۈرسىمۇ، لىكىن تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلار مەبلەغ سېلىشقا، زىيان تارتىشقا چىدايدۇ. چۈنكى بەزى بايلىقنى پۇل بىلەن سېتىۋېلىشقا ئامال بولمىسىمۇ، لىكىن بۇ بايلىقلارنى ئىشلىتىپ، بەلكىم تېخىمۇ كۆپ پۇلغا ئېرىشكىلى بۇلۇشى مۇمكىن.

بايلار پۇلنى ئاساس قىلغان نۇرغۇن بايلىققا ئېرشكەندە، ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزىنىڭ ساپاسىنى ياخشىلىشى تېخمۇ زۆرۈر. مەبلەغ سېلىش جەريانىدىكى تەجىربە جۇغلاش مەغلۇپ بولغان تەغدىردىمۇ ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدۇ. بايلار ئۆزىنىڭ سىجىل تەرەقىياتى ئۈچۈن كارخانىلاردا خىزمەتچىلەرنىڭ پاراۋانلىقىنى ئۆستۈرۈش، ئەڭ ئەمەلىي ھەركەت بىلەن كارخانىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاش، خادىملارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش، بۇ ئارقىلىق داڭلىق ماركىلارنى يارتىش كېرەك. شۇندىلا ئەڭ زور دەرىجىدە بايلىق توپلىغىلى بولىدۇ. بايلىق توپلىغاندىن كىيىن بۇبايلىق ئارقىلىق جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ،ئىجتىمائى ئۇرۇنغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە، ئەڭ زۆر دەرىجىدە، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش لازىم.

مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بېل گايتىس تارىختىكى ئەڭ نام قازانغان باي. 1995-يىلىدىن باشلاپ 2007-يىلغىچە «فوربىس» ژورنىلىدىكى دۇنيا بايلار تىزىملىكىدە بىل گايتىس ئۇدا 13 يىل دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى بايلار قاتارىدا تۇرغان. 2012-يىلى 9-ئايدا ئۇ 19- قېتىم ئامىېركىدىكى ئەڭ چوڭ باي بولدى. ئۇنىڭ غايەت زۆر بايلىقى بۇلۇپلا قالماي، يەنە ناھايتى چوڭ بىر سالاھىيىتى بۇلۇپ ،ئۇ بولسىمۇ ــــــ ساخاۋەتچى. 2000-يىلى ئۇ ۋە ئايالى بىرلىشىپ «بېل ۋە مېلىندا گەيتىس فوندى» نى تەسس قىلدى ھەم خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىغا ياردەم بەردى. فوندى جىيەتنىڭ مەبلىغى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساغلاملىق، خەلىقنىڭ ئۆگۇنۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، شەھەر -بازارلاردىكى ئاساسى ئۇل مۇئەسسەسە قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئارام ئېلىشقا چىققاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ %98 مال-مۈلۈكىنى فوندى جەمئىيەتكە تەغدىم قىلغانلىقىنى  جاكارلىغان. ھەم بۇنى ئەيدىز كېسلى ۋە بەزگەك كېسلىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن.

يۇقارقى بايلارغا ئوخشاش نۇرغۇن بايلار ئۆز ساھەسىدە نەتىنجە قازانغان، نام چىقارغاندىن سىرىت، خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. بۇ ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ شەكىلسىز بايلىققا ئېرىشتۈردىدۇ.

بايلارنىڭ بايلىقى شۇ ئادەمنىڭ شەخىسى تەجىربىسى ۋە مەلۇماتىغا تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك، يېتەرلىك مال-مۈلۈك شارائىتى ئارقىلىق تەجىربىسىنى ئاشۇرغىلى، تېخىمۇ كۆپ كىتاپ ئۇقۇپ بىلىمىنى موللاشتۇرغىلى، كۆپ چېنىقىپ ساغلام ھالىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ھەر بىر غەلبە قىلغان ئادەمنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ بىر بايلىق،ئۇلار يەنە جەمىيەتنىڭمۇ بايلىقى.

بايلىقنىڭ بايانى:

پۇل -بايلىقنى ئۆلچەيدىغان بىر ئۆلچەم، لىكىن بايلىقنىڭ ھەممىسى ئەمەس. نامراتلار ماددى تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائى ئورنىنىڭ كۆتۈرلىشى ئۈچۈن پۇل-مال قوغلىشىدۇ. لىكىن پۇلغا بولغان ھەدىدىن زىيادە قوغلىشىش دائىم كىشىگە ھەقىقى بايلىقنى نەزەردىن ساقىت قىلغۇزۋېتىدۇ. نەتىنجىدە ئەكسىچە ئىش يۈز بىرىپ ،پۇلى بار نامراتقا ئايلىنىپ قالىدۇ.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ