A-A+

خوتەن قاشلىرىنىڭ قىممىتى(باھاسى)نى بەلگۈلەيدىغان يەتتە ئامىل(2)

2016-يىل 24-ماي ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 394 قېتىم

2. خوتەن قاشلىرىنىڭ قىممىتىنى ئۇنىڭ رەڭگى بەلگىلەيدۇ

和田玉的色种

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدى

ABUIABACGAAg9bW-pwUorYbFoAcw9AM49QI

u=1292945355,1616749590&fm=21&gp=0

1 . خوتەن قاشلىرىنىڭ رەڭگى

خوتەن قاشلىرى ھەققىدە گەپ بولسىلا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئاق قاش ياكى قۇيرۇق قاش كېلىدۇ . ئەمىلىيەتتە خوتەن قاشلىرىنىڭ رەڭگى ئىنتايىن كۆپ تۈرلۈك بولىدۇ . خوتەن قاشلىرىدىكى ئاساسلىق رەڭگى بەش تۈرلۈك  بولىدۇ . بۇلار ئاق ، كۆك ، يېشىل ، سېرىق ، قارا رەڭلەردىن ئىبارەت .

خوتەن قاشلىرىنىڭ رەڭگى بىلەن ئۇنىڭ سۈپىتىنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق ھەم خوتەن قاشلىرىنىڭ رەڭگى ئۇنىڭ سۈپىتىنىڭ بەلگىسىمۇ بولالمايدۇ . بىراق خوتەن قاشلىرىنىڭ رەڭگى خوتەن قاشلىرىنىڭ قىممىتىنى بېكىتىشتە بىۋاستە رول ئوينايدۇ .

قەدىمكى زاماندىكىلەر تەرەپلەرنى خوتەن قاشلىرىنىڭ رەڭگى بىلەن ئاتاپ كەلگەن.مەسىلەن شەرق تەرەپ كۆك ، غەرب تەرەپ ئاق ، جەنۇپ تەرەپ قىزىل ، شىمال تەرەپ قارا ، ئوتتۇر قىسىم سېرىق رەڭ بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەن .

خوتەن قاشلىرىنىڭ رەڭگىنى ئايرىش جەھەتتە بىر قىسىم تالاش-تارتىشلا بار. 2003-يىلىدىكى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا خوتەن قاشلىرىنىڭ رەڭگىگە يۇقارقى بەش رەڭدىن باشقا ئىككى خىل رەڭ قۇشۇلغان . بۇلار كۆكۈش رەڭ ۋە شەربەت رەڭدىن ئىبارەت .

شۇنداق بولغاندا خوتەن قاشلىرىنىڭ جەمىئىي مۇقۇملانغان رەڭگى يەتتە خىل بولىدۇ.

1 . ئاق قاش 白玉 BAI YU

2 . كۆكۈش قاش 青白玉 QING BAI YU

3 . كۆك قاش 青玉 QING YU

4 . يېشىل قاش 碧玉 BI YU

5 . قارا قاش 墨玉 MO YU

6 . سېرىق قاش 黄玉 HUANG YU

7 . شەربەت قاش 糖玉 TANG YU

FnRGWFDxNZ4D3qHk_oVSAVO3u2n0.jpg!580x580

1 . ئاق قاش 白玉 BAI YU

946_P_1363243470901

ئاق قاش -رەڭگى ئاق بولغان خوتەن قاشلىرىنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تېرمولىت  مىقتارى 95 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولۇپ ، قۇرۇلمىسى ئىنتايىن زىچ بولغان، جۇلالىق، پاقىراق، نەپىس،مايلىق بولغان ،ھالىتى يۇرۇق ۋە يېرىم يۇرۇق بولغان ئاق رەڭدىكى قاشلارنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ خىل قاشلار بىرىنچى دەرىجىلىك ئاق (ئاپپاق)،ئىككىنچى دەرىجىلىك ئاق(ئاق)،ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئاق(ئاقۇش) ئۆلچىمىدە بولىدۇ.قاشلاردىكى ئاق رەڭ -ساپ،مۇقەددەس ۋە سۈزۈكلىكنى ئىپادىلەيدۇ.

كەسىپ ئەھلىللىرى ئاق قاشنى رەڭلىرىدىكى ئىنچىكە پەرىقلەرگە ئاساسەن-قۇيرۇق قاش، قاردەك ئاق قاش،نەشپۇت چېچىكى رەڭلىك قاش، پىل چىشى رەڭلىك قاش، بېلىق قورسىقى رەڭلىك قاش، گۈرۈچ رەڭلىك قاش ،ناۋات  رەڭ قاش..........دەپ ئايرىسا ؛چىققان ئورنىغا ئاساسەن خوتەن ئاق قېشى ،چىڭخەي ئاق قېشى ،روسىيە ئاق قېشى ،كورىيە ئاق قېشى  قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرگە ئايرىيدۇ. خوتەن قاشلىرىنىڭ گۈلتاجى بولغان قۈيرۇق قاش ئاساسەن مۈشۈ قاشلاردىن چىقىدۇ.

2 . كۆكۈش قاش 青白玉 QING BAI YU

u=2917141433,4071412659&fm=21&gp=0

 خوتەن كۆكۈش قاشلىرى _____خوتەن ئاق قېشى بىلەن خوتەن كۆك قاش ئوتتۇرسىدىكى ئارلاشما رەڭدىكى قاشلارنى كۆرستىدۇ .

 ئۇنىڭ سۈپەتلىك ياخشىراقلىرى رەڭ جەھەتتىن ئاق قاشقا يىقىنلىشىدۇ . دەرىجىسى تۆۋەنراقلىرى رەڭ جەھەتتىن كۆك قاشقا يىقىنلىشىدۇ .

كۆكۈش قاشلار ئاساسەن ئويما ئويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ يەنى تولاراق قەغەزدەك نىپىز ئۇيۇلىدىغان ئويمىلارغا ئىشلىتىلىدۇ . چۈنكى قانچە نىپىز ئۇيۇلغانسىرى رەڭگى شۇنچە ئاقىرىدۇ . مەسىلەن : لوڭقا ، ئىسرىقدان، تەخسە ،چىنە ......ۋاھاكازارلار.

كۆكۈش قاشلارنىڭمۇ شەربەتلىكلىرى بولۇپ بۇ خىلدىكى قاشلار شەربەتلىك كۆكۈش قاش ( تاڭ چىڭ بەي يۈ ) دەپ ئاتىلىدۇ.نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئوتتۇرھال ياكى تۆۋەنرەك بولىدۇ.بۇرۇنلاردا كۆكۈش قاش ئاساسەن كۆك قاش دائىرىسىگە كىرىپ كىتەتتى ، ھازىر بولسا ئايرىم بىر تۈر ھىسابلىنىدۇ.

3 . كۆك قاش 青玉 QING YU

wKhQclREbaqEcapyAAAAANjmV0E384

خوتەن قاشلىرى ئىچىدە زاپاس مىقتارى بىر قەدەر كۆپ ، تارىختىن بۇيان  كۆپ ئىشلىتىلىپ كەلگەن بىر تۈر بار، ئۇ بولسىمۇ دەل كۆك رەڭلىك قاشتۇر.

كۆك رەڭ بۇرۇن ھاكىمىيەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت دەۋر سۈرىشىگە سىموۋول قىلىنغانلىقتىن ،كۆك رەڭلىك قاشلار تارىختا پادىشاھلارغا مۆھۈر قاتارلىق شاھانە بۇيۇملارنى ئۇيۇشتا كۆپ ئىشلىتىلگەن ئىكەن . ھازىرمۇ شىمالىي جۇڭگۇ رايۇنىدىكى قاش مەستانىلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك قاش تۈرى ھىسابلىنىدۇ . كۆك قاشنىڭ  قېنىق كۆك ، سۇس كۆك، شەربەتلىك كۆك ، قارا كۆك قاتارلىق تۈرلىرى بار .

كۆك رەڭلىك قاشنىڭ تەركىبى ۋە سۈپىتى ، ئاق ۋە كۈكۈش قاش بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ پەقەت تەركىبىدىكى تىرمولىت مىقدارىنىڭ نىسپىتىدە مۇئەييەن پەرق بار يەنى تىرمولىت مىقتارى ئاق ۋە كۆكۈش قاشتىن تۆۋەن بولىدۇ.  يۇرۇقلۇق دەرىجىسى يېرىم يۇرۇق ياكى ناھايىتى ئاجىز يۇرۇق ھالەتتە بولىدۇ . بەزى كەسپ ئەھلىلىرى جىگدە غازىڭى قاشنىمۇ كۆك قاشقا تەۋە دەپ قارىماقتا .

كۆك قاشنىڭ زاپاس مىقتارى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا باھاسى بىر قەدەر تۆۋەن .

يىقىنىقى بىر قانچە يىلدىن بىرى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقورغان ناھىيەسىدىكى داتوڭ قاش كېنىدىن چىققان قارا كۆك قاشلارنىڭ سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقتىن كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئىرىشمەكتە .

4 . يېشىل قاش 碧玉 BI YU

u=2672151091,3589658222&fm=21&gp=0

خوتەن يېشىل قاش _________ سۈپىتى ئەلا، زىچلىقى يۇقىرى،مايلىق،يۈرۈق ۋە يېرىم يۈرۈق ھالەتتىكى ,تەركىبىدىكى تېرمولىت مىقدارى  85 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولغان يېشىل رەڭلىك قاشنى كۆرسىتىدۇ.

قاشتېكى يېشىل رەڭ  قاشگەرلىك كەسپىدە ئۈمۈد، قۇدرەت،ۋە سالاپەتنى ئىپادىلەيدۇ

يېشىل قاش خوتەن قاشىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمىنىڭ بىرى بولۇپ، قەدىمكى دەۋىرلەردە خان ۋە ئوردا-سارايلارنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدىغان قىممەتلىك بۇيۇمى بولغان بولسا ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەلا سۈپەتلىك يېشىل قاش يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ مەبلەغ سالىدىغان مۇھىم تۈرى بولۇپ قالدى.ئەل ئىچىدە بۇ قاشنى زۇمرەت قاش دەپ ئاتايدىغانلارمۇ بار.

خوتەن يېشىل قاشلىرى چىقىش ئورنىغا ئاساسەن خوتەن يېشىل قاش، ماناس يېشىل قاش،چەرچەن يېشىل قاش، چىڭخەي يېشىل قاش ، روسىيە يېشىل قاش ( روسىيە يېشىل قاشلىرىنىڭ ئەڭ ئېسىلى روسىيە 7 - كاندىن چىقىدۇ ) ، كانادا يېشىل قاش ۋە يېڭى زىللاندىيە يېشىل قاش قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.

5 . قارا قاش 墨玉 MO YU

u=274048016,3480709612&fm=21&gp=0

خوتەن قارا قاشلىرى ( مو يۈ ) _________ سۈپىتى ئەلا، زىچلىقى يۇقىرى،مايلىق، تەركىبىدىكى تېرمولىت مىقدارى  85 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولغان قارا رەڭلىك قاشلارنىڭ ئۇمۇمىي ئاتىلىشى.

خوتەن قارا قاشلىرىنىڭ زىرە قاشلىرى ئاساسەن قاراقاش دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا -تۆۋەن ئېقىنلىرىدىن چىقىدۇ.كان قاشلىرى بولسا قارا قۇرۇم تاغ تىزمىسىنىڭ ھەرقايسى كان رايۇنلىرىدىن چىقىدىغان بولۇپ،مىقتارى ئانچە كۆپ ئەمەس.

قاشگەرلىك ساھەسىدە قاشتىكى قارا رەڭ - سىرلىق ، غېرىبانە ۋە دەرت - ئەلەمنى ئىپادىلەيدۇ.

ھەقىقىي قارا قاشلار ئاساسەن نۇر ئۆتكۈزمەيدۇ .(قارا يېشىل <خېي بى 黑碧 > ۋە قارا كۆك < خېي چىڭ 黑青> رەڭدىكىلىرى يېرىم نۇر ئۆتكۈزىدۇ.)

قارا قاشنىڭ رەڭگىنى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كاربون ئىلمىنىتى بەلگىلەيدۇ.كاربون مىقدارى قانچە يۇقىرى بولسا رەڭگى شۇنچە قېنىق قارا رەڭدە بولىدۇ.

دۆلەت دەرجىلىك خوتەن قاش پىريومچىسى توختى ئابدۇۋايىتنىڭ تەتقىقات يەكۈنىگە ئاساسلانغاندا قارا كۆك < خېي چىڭ 黑青 > ۋە قارا يېشىل  <خېي بى 黑碧 >  قاشلارمۇ قارا رەڭلىك قاش دائىرىسىگە كىرىدۇ.

بەزى تەتقىقاتچىلاردا چار قاشمۇ ( 青花玉 ) قارا قاش تۈرىگە تەۋە دەيدىغان كۆز قاراش بار .

6 . سېرىق قاش 黄玉 HUANG YU

Gucn_20130408399054111513Pic1

خوتەن سېرىق قاش (خۇئاڭيۈ )-خوتەن قاشلىرىنىڭ ئىچىدىكى كەم كۈرۈلىدىغان تۈرلەرنىڭ بىرى.زىچلىقى،مايلىقلىقى،جۇلاسى،تەركىبىدىكى ترمولىت مىقتارىنىڭ ئاز-كۆپلىكى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى قارا،يېشىل،كۆك رەڭدىكى قاشلار بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ،ئۇنىڭ رەڭگى ئوكسىدلانغان تۆمۈر ماددىسىنىڭ قاشقا سېڭىپ كىرىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن.

سېرىق رەڭ تارىختىن بۇيان پادىشاھلارغىلا خاس رەڭ دەپ قارالغاچقا سېرىق قاشمۇ خوتەن قاشلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئىسىل تۈر ھىساپلىنىپ ناھايتى ئەتىۋالانغان.

قاشگەرلىك كەسپىدە سېرىق رەڭ-مېھىر-شەپقەت،خۇشاللىق ۋە شانۇ-شەۋكەتنى ئىپادىلەيدۇ.

خوتەن سېرىق قاشلىرىنىڭ زىرىلىرى-خەنچە خۇئاڭيۈ،كان قاشلىرى-خۇئاڭ كۇ لىياۋ دەپ ئاتىلىدۇ.سېرىق زىرە قاشلار دەريا-ئېقىنلاردىن،سېرىق كان قاشلار قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ چەرچەن،چاقىلىق بۆلىكىدىن چىقىدۇ.سېرىق زىرە قاشلارنىڭ مىقتارى ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ،سېرىق كان قاشلىرىنىڭ مىقتارى يىتەرلىك.

7 . شەربەت قاش 糖玉 TANG YU

20140526100925666

شەربەت قاش -خوتەن قاش ئائىلىسىدىكى چوڭ بىر تۈر بولۇپ ،قاشلارغا شەربەت قۇيۇلۇپ كەتكەندەك ھالەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن شەربەت قاش دەپ ئاتالغان.قاش تەركىبىدىكى شەربەت ئىگەللىگەن نىسپەت 30 پىرسەنتدىن يۇقىرى بولسا شەربەت قاش دېيىلىدۇ.ئەگەر قاش تەركىبىدىكى  شەربەت ئىگەللىگەن نىسپەت 30 پىرسەنتكە يەتمىسە ئاساسىي رەڭنى بىرلىك قىلىپ ئاتىلىدۇ. شەربەت قاش  ئاساسەن دىيارىمىزنىڭ چەرچەن ،چاقىلىق،يەكەن،قارغىلىق ناھىيلىرىدىن كۆپ چىقىدۇ.ئاساسەن كان قېشى كۆپرەك بولىدۇ.ناھايىتى ئاز ساندا زىرە قاشلارمۇ ئۇچرايدۇ.چەرچەن ناھىيەسىدىن چىقىدىغان شەربەت قاشلارنىڭ سۈپىتى ئىنتاين ياخشى بولۇپ ناھايىتى داڭلىق.

يەنە چىڭخەي ئۆلكىسىدىن،روسىيەدىنمۇ شەربەت قاش چىقىدۇ.بولۇپمۇ روسىيەنىڭ شەربەت قاشلىرىنىڭ سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى.

يۇقارقىلاردىن باشقا خوتەن قاشلىرىدا ئاز ئۇچرايدىغان رەڭلەردىن :

8 . قىزىل قاش 红玉 HONG YU

Gucn_20101218155672145512Pic6

قىزىل قاش-مىقتارى ئىنتايىن ئاز،بەكمۇ قىممەتلىك قىزىل رەڭلىك خوتەن زىرە قاشلارنى كۆرسىتىدۇ.بۇ خىلدىكى قاشلارنىڭ كان قېشى بولمايدۇ.(ئەگەر قىزىل رەڭلىك كان قاش بولسا بۇنى دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە شەربەت قاش دائىرىسىگە كىرگۈزىمىز).

9 . تاش چاپان قاش 石包玉 SHI BAO YU

( چاپىنى قېلىن قاشلارنى كۆرسىتىدۇ )

OLYMPUS DIGITAL CAMERA

تاش چاپانلىق خوتەن قاش ( SHI BAO YU 石包玉 )-خوتەن قاشلىرىنىڭ

زىرە قاشلىرى ئىچىدىكى ئۆزگىچە بىر تۈر بولۇپ،بۇ خىلدىكى قاشنىڭ سىرتقى

قەۋىتىنى بىر قەۋەت تاش تېرە ئوراپ تۇرىدۇ.چاپىنى نېپىزرەكلىرى تاش تېرىلىك

   石皮玉     قاش     (  شى پى يۈ ) دەپ ئاتىلىدۇ.

تاش تېرىسى قېلىنلىرى تاش چاپانلىق (شى باۋ يۈ 石包玉 ) دېيىلىدۇ.

بۇ خىل قاشلارنىڭ ئىچىدىكى گۆشىنى ئېنىق كۆرۈش مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك بولغاچقا مۇئەييەن تەۋەككۈلچىلىكنى تەلەپ قىلىدۇ.ئاساسلىقى تەجرىبىگە،ئامەتكە

باغلىق بولىدۇ. مىڭدە بىر نىسپەت بويىچە سىرتقى تېرىسى قاش،ئىچىدىكى گۆشى تاش بولىدىغان تۈرلىرىمۇ ئۇچرايدۇ.بۇ خىل تاشلار ئادەتتە قاش تېرىلىك تاش

(يۈ باۋ شى玉包石)دەپ ئاتىلىدۇ.

**********

ئاپتۇر ھەققىدە  :

133050hcc8ym9pile4emih1

چى باۋجىيا 池宝嘉 ___________  

جوڭگۇ خوتەن قاش بازار تەھلىلچىسى

شىنجاڭ خوتەن قاشلىرى تارىخىي موزىيىنىڭ قۇرغۇچىسى، باشلىقى 

‹‹جوڭگۇ خوتەن قاشلىرى ›› ژورنىلىنىڭ باشلىقى

 شىنجاڭ مەرىپەتئۇنۋىرسىتىتىنىڭ فراپىسسورى

 بېيجىڭ دېۋېيلەن 德威兰 مەدەنىيەت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى

مەنبە : << جۇڭگۇ خوتەن قاشلىرى >> ( 中国和田玉杂志 )  ژۇرنىلى 4-سان

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ