A-A+

بايلار بايلىقنىڭ «كونتىروللىغۇچىسى»

2016-يىل 24-ماي مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 169 قېتىم

20128151052316v7t3

سۈرەتتە : ئاسىيادىكى ئەللىك ئەڭ قالتىس ئايال كارخانىچىنىڭ بىرى ، شىياڭگاڭ مىليادىرلىرىنىڭ بىرى ، شىندې گوروھىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ۋە كارخانا ئىستىراتىگىيە لاھىيلىگۈچىسى خې چىياۋچۇيۇڭ


ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

نامراتلار بايلىقنىڭ «ئىسراپ قىلغۇچىسى»، بايلار

بايلىقنىڭ «كونتىروللىغۇچىسى»

تۇرمۇشتا بايلىق كەم ئەمەس، لىكىن كەم بولغىنى ئۇنى بايقىيالايدىغان كۆز. بەزى كىشلەر ھەمىشە يېنىدىكى بايلىقنى ئسراپ قىلۋېتىدۇ. ئۇنىڭ قىممىتىنى بايقىغاندا بولسا ئاللىقا

چان كىچىككەن بولىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا نۇرغۇن كىشلەر بايلىققا يۈزلەنگەندە ئاسانلا ئازىدۇ. ئۇلار ئىشلىرىدا غەلبە قازانغاندا بايلىقنى كېرەكلىك ئۇرۇنغا ئىشلەتمەي جاھلىلىق قىلىپ  يىغىپ ساقلايدۇ. نەتىجىدە ماددى بايلىقلا ئەمەس، ياشلىق باھىرىمۇ،ئۆمرىمۇ ئىسراپ بو

لىدۇ.بۇ خىل ئىسراپچىلىق كىشىنى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

يېڭىلا خىزمەتكە قاتناشقان ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسىنىڭ تۈنجى مائاشىنى ئالغاندىكى خوشاللىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. كىيىنكى پۇل خەجلەش پىسخىكىسىنىمۇ ھىس قىلغىلى بولىدۇ. ئۇ ئۇقۇغۇچىلىق دەۋىردە سېتىۋالالمىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ، ياخشىراق ئۆي ئىجارە ئالىدۇ،ئاندىن ئازادە كۈن كەچۈرىدۇ. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى چوڭ يەپ چوڭ ئىچىدىغان ئىستىمال ئادىتىنى يىتىلدۈرىۋالىدۇ. ئۆزىنى تۈنۇپ يەتكەندە بولسا ئاللىقاچان كىچىككەن بولىدۇ.شۇنداق يۈرۈپ مۇئەييەن ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، خىزمەتداشلار ۋە ساۋاغداشلار ئارىسىدا ئارلىق پەيدا بولىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى ھەر ۋاقىت باشقىلار بىلەن قارىغۇلارچە سېلىشتۇرىدۇ. قارىغۇلارچە سېلىشتۇرىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۋالسىلا بايلىقنى ئىسراپ قىلىش بىلەن بىرگە چېچىلاڭغۇ بۇلۇپ قالىدۇ. ھەتتا دوستىلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىپ، باشقىلارغىمۇ ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ.

مەيلى ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقانلار بولسۇن، ياكى كەسپىدە ئازىراق بولسىمۇ نەتىنجە قازانغانلار  بولسۇن، تېخىمۇ كۆپ بايلىق يارتىشنى ئويلايدىكەن بايلىق باشقۇرۇشنى ئۆگۈنىشى، ئىسراپ قىلماسلىقى كېرەك. مال-مۈلۈك باشقۇرۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇنداق ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ:

1)  خامچوتنى ياخشى قىلىش، ھېسابات تالونىنى باشقۇرۇش. ئېھتىياجىغا قاراپ ھەر ئايلىق خامچوتنى ھىسابلاش، ئاي ئاخىرىدا خولاسە قىلىش كېرەك.

2) ئېزىقتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، ھەر خىل ھەشەمەتلىك ،چىرايلىق ئۇرۇن،سۇرۇنلارنىڭ قىزىقتۇرىشىغا بەرداشلىق بېرىش، مۇۋاپىق ئىستىمال ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش كېرەك.

3) ئىناۋەتلىك كارتىنى ياخشى ساقلاش، ئىناۋەتلىك كارتىنى جىددى قۇتقۇزۇش قورالى قىلىش، كۈندۈلۈك ئىستىمالغا ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

4) پۇل تېجەشنى بىلىدىغان دوسىت تۇتۇش كېرەك، تېجەش بېخىللىققا ئوخشىمايدۇ. دوستلار يىغىلىشىنىڭ ئاددى بولغىنى ياخشى. ھەشەمەتچىلىك قىلىشنىڭ  زۆرۈرىيىتى يوق. ئەڭ ياخشىسى يىغىلىشلاردا ئۆزىنىڭ خىراجىتىنى ئۆزى تۆلەش كېرەك.

يېزىلاردا، بۇلۇپمۇ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بەزى چەت جايلىرىدا ئۆلچەملەشتۈرۈلمىگەن تۇرخانىلار  ياشلارنى ئازدۇردىغان ئۇرۇن بۇلۇپ قالغان. ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئاجىزلىقى ياش-ئۆسمۈرلەرنى تورخانىغا تېخىمۇ جەلىپ قىلىدۇ؛ بىرىلىپ كىتاب ئۇقۇۋاتقان بالا دەرسىتىن قېچىپ، ئۆزىنىڭ غايىسىنى نابۇت قىلىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلىنى ئالداپ تورخانىغا كىرگەن بالا ئائىلىسىنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم قالىدۇ. يېڭىلا خىزمەت تاپقان ياشلار بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىدۇ.

ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئانچە ياخشى ئەمەس، مائارىپ سەۋيىسى يۇقىرى بولمىغان رايۇنلارغا نىسپەتەن تىلۋوزۇر كومپىيوتىرغا قارىغاندا ئەزانراق. كىشلەر خىزمەتتىن باشقا ۋاقىتتا تاماقتىن كىيىن، سەنئەت پىروگىراممىلىرىدىن تارتىپ تىلۋىزىيە تىياتىرلىرىغىچە تاكى ئۇخلاپ قالغۇچە كۆرىدۇ.  لىكىن ئۇلار ئۆزىنىڭ مۇشۇ سەۋەپتىن قايتا كەلمەس قىممەتلىك ھاياتىنى ئىسراپ قىلىۋەتكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئادەتتىكى ئادەملەر ھەمىشە، تېلۋۇزۇردىن بىر قىسىم خىيالى كىنولارنى كۆرىدۇ. ئەمىليەتتە قۇرۇق ،مەززىسىز كىنولارنى كۆرگەننىڭ ئورنىغا بۇ ۋاقىتلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ تىرىشىپ كەسپىي بىلىم ئىگىلەپ ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈرش ياخشى بولغان تاللاشتۇر. بۇ جەرياندا ئەگەر تاساددىبى پۇل تېپىش پۇرسىتىنى بايقاپ قالسا  تېخىمۇ ياخشى بولغىنى.

شۇڭا كىشىلەر ۋاقىتتىن ھەم ئەتراپتىكى مەنبەلەردىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، ئۆزىگە توغرا بولغا ئىستىمال قارىشىنى تىكلەش كېرەك.

چوڭ جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ ھاياتلىق مۇساپىسىنى  ياخشى پىلانلاش، بايلىقنى ياخشى باشقۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتىنى توغرا يولغا باشلاش لازىم. تۇرمۇشتا پىرىنسىپ بولىدۇ،بەزى جايلاردا  بىپەرۋا ،كىچىك ئىشلارغا سەل قارايدىغان ئادەم ئىنتايىن قارشى ئېلىنىدۇ. لىكىن بەزى ۋاقىتتا بىر قىسىم ئۇرۇنلار ھەمىشە ئىنچىكە ھالىقىلارغا دىققەت قىلىدىغان،  «ئەستايىدىل بۇلۇش»نى بىلىدىغان ئادەملەرگە ئېھتىياجلىق .مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئىش قىلغاندا ئىنچىكە ھىساب قىلىش كېرەك. ئىنچىكە ھىسابلاش -چوڭ جەھەتلەردە نىشان توغرا بولغان ئەھۋالدا ئۆزىگە بولغان مىكرو تەڭشىگۇچتۇر.  ئادەم ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ تۇرسا، ئىسراپچىلىقتىن ساقلانغىلى بۇلۇپلا قالماي، يەنە ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا خوشاللىققا ئېرىشىدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

پۇل خەجلەشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. لىكىن پۇل خەجلەشتە ئۆزىدىن ئۈستۈنلەر بىلەن بەسلىشىشنىڭ نىمە ھاجىتى ؟ئەگەر ئادەم ئسراپخورلۇق ئادىتىنى  يىتىلدۈرۋالسا، ئىنتايىن باي بولغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ۋەيران بۇلۇشى مۇمكىن. ئىنچىكە ھېسابلاش، پىلانلىق ياشاش، ھەر بىر تىجەپ قالغان مەبلىغىنى كىرىم دەپ قاراش، ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرغان ۋاقىت ۋە مۇستەھكەم

ئېتىقاد تېخىمۇ قىممەتلىكتۇر.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ