A-A+

بىلىش زۆرۈر بولغان 51 ئىقتىسادى ئۈنۈم

2016-يىل 30-ئىيۇل كاپىتال ئىگىلىكى باھا يوقكەن زىيارەت: 261 قېتىم
بىلىش زۆرۈر بولغان 51 ئىقتىسادىي ئۇقۇم
تەييارلىغۇچى ئىزچىلار
timg

دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە تولۇق ئوتتۇرىدىلا سودا ئىلمىغا مۇناسىۋەتلىك دەرسلەر كىرگۈزىلىدىكەن. بەزى ۋاقىتتا يىتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرىم "تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىمىزدا بوغالتىرلىق مۇئەللىمىم شىركەت مالىيە دوكىلاتىنى تەييارلاشتا قارا -قۇياق يادىلاڭلار دەيتى، بۇ خاتا تەربىيە ئۇسۇلى ،چوقۇم مەنىسى ۋە ئىشلىتىلىشىنى چۈشىنىشىمىز كىرەك" دەپ سۆزلىسە ھەيران قالاتتىم. بۇلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا دەرسلىكىدە بوغالتىرلىق بارئىكەن. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگىچە بوغالتىرلىقنىڭ ئاساسىي ئۇقۇملىرىنى ئۈگىنىپ بولىدىكەن. كىيىن سۈرۈشتۈرسەم، مالايسىيا، پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردە تولۇق ئوتتۇرىدا بوغالتىرلىق دەرىسى بار ئىكەن. ئادەتتە، سودا ئىلمىدە بوغالتىرلىقنى سودىنىڭ تىلى دىيىشىدۇ. ھەرقايسى تۈردىكى سودا قىلغۇچى بوغالتىرلىقنىڭ ئاساسىنى بىلىشى كىرەك. شىركەتلەرنى قويۇپ تۇرايلى، كىچىك تىجارەتلەردىن مەسىلەن ئاشخانا ئاچىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى تىجارەت كىرىمىنى ئايرىم تۇتمايدۇ، شەخسىي ئىھتىياجىغا ئاشخانا كىرىمىدىن خالىغان ۋاقىتتا ئىلىپ ئىشلىتىۋىرىدۇ، چۈنكى ئاشخانا ئۆزۈمنىڭ دەپ ئويلايدۇ. بۇنداق بولغاندا چىقىمنى كونتىرول قىلالمايدۇ، خىزمەتچىلەر ۋە خام ماتېريال تەننەرخلىرىنى ۋاقتىدا بىرەلمەيدۇ.ئاشخانا كىرىمى بىلەن شەخسىي تاپاۋەتنى ئايرىش لازىم.  ئاشخانا كىرىمىنى ئايرىم كارتىغا، شەخسىي تاپاۋەتنى ئايرىم بىر كارتىغا ساقلاپ، ئاي ئاخىرىدا (ئادەتتە ئاي ئاخىرى بىرلىك قىلىنىدۇ) ئاشخانىنىڭ ئايلىق چىقىم ۋە خام ئەشىيا تەننەرىخلىرىنى چىقىرىۋىتىپ، ئاشقان ساپ كىرىمنى ئۆزىنىڭ شەخسىي ھىساباتىغا يۆتكەش كىرەك. ھەرقايسى تۈردىكى سودىگەر-تىجارەتچىلەر ئاساسىي بوغالتىرلىق بىلىمىنى ئۈگىنىشنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.
سودا ئىلمى  ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە، ماركېتىڭ، بوغالتىرلىق...قاتارلىق نۇرغۇن تارماق پەنلەرگە ئايرىلىدۇ. بۇلار بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ يەككە تۇرالمايدۇ، ھەممىسى بىر-بىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان. ئالدى بىلەن بىلىش زۆرۈر بولغان بۇلارنى ئامېرىكا ئىقتىسادىي مائارىپ كېڭىشى(The Council for Economic Education) تۈزگەن، پۈتۈن ئامېرىكا شىتاتلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئىقتىساد دەرسلىكىدە ئۈگىنىش زۆرۈر بولغان  ئاچقۇچلۇق 51 ئىقتىسادىي ئۇقۇمنى ئۇيغۇرچىغا تەييارلىدىم. بۇ ئۇقۇملارنىڭ بەزىلىرىنى تاراتقۇ ياكى گىزىت-ژورناللاردىن ئاڭلىغان بولىشىڭلار مۇمكىن، ئەمما مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەر بۇ ئۇقۇملارنىڭ نىمىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئۇقمايدۇ. مەسىلەن مىكرو ئىقتىساد ئۇقۇمى "ئېستىمالچى" بىلەن "خىرىدار" نى بىلىمىز، ئەمما پەرىقىنى بىلمەيمىز. مەلۇم مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى سىتىۋالسىڭىز خىرىدار بولىسىز، سىتىۋالغان ئۇ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى ئىشلەتسىڭىز ئېستىمالچى بولىسىز. مەسىلەن، قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ئايرۇپىلان بىلىتىنى سىتىۋالدىڭىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خىرىدارىغا ئايلىنىسىز، ئەمما مەلۇم سەۋەپ بىلەن بارالمىسىڭىز ئۇلارنىڭ ئېستىمالچىسى بولالمايسىز، پەقەت خىرىدارىلا بولىسىز. تىخىمۇ چوڭقۇرلىغاندا، خىرىدارلانى، نىشان خىرىدار، يوشۇرۇن خىرىدار، ساداقەتمەن خىرىدار دەپ بىر قانچە تۈرگە بۆلىسىز، بۇ ۋاقىتتا ماركېتىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كىتىدۇ.
بۇ 51 ئىقتىسادىي ئۇقۇم ئاساسىي ئىقتىساد، ماكرو ئىقتىساد، مىكرو ئىقتىساد، خەلقئارالىق ئىقتىساد ۋە شەخسىي مالىيە ئىقتىسادىغا بۆلىنىدۇ، بۇلارنى تەۋە تۈرىگە ئىنىق ئايرىپ چۈشەندۈرىمەن.
ئاساسىي ئىقتىساد ئۇقۇملىرى
• قارار چىقىرىش ۋە تەننەرىخ-پايدا تەھلىلى
•ئەمگەك تەقسىملەش ۋە كەسىپلىشىش
•ئىقتىسادىي ئورگانلار
•(ئىقتىسادىي) غىدىقلاش
• پۇل
• پۇرسەت تەننەرىخى
• بەرىكەتلىك مەنبەلەر
•ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى
•مۈلۈك ھوقۇقى
• يىتىشمەسلىك، ئازلىق
• تىخنىكا
• سودا، تىگىشىش ۋە ئۆز-ئارا بىقىنىش
ماكرو ئىقتىساد ئۇقۇملىرى
• جۇغلانما ئىھتىياج
•جۇغلانما تەمىنات
• خامچوت قىزىل رەقىمى ۋە دۆلەت قەرزى
• سودا دەۋرىيلىكى
• ئىقتىسادىي ئىشىش
• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشسىزلىق
•مالىيە سىياسىتى
•GDP
•پۇل پاخاللىشىش
• پۇل سىياسىتى ۋە فىدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتى
• ھەقىقىي قىممەت ۋە يازما قىممەت
مىكرو ئىقتىساد ئۇقۇملىرى
• رىقابەت ۋە بازار قۇرۇلمىسى
• ئېستىمالچىلار
•ئىھتىياج
• ئىھتىياج ئېلاستىكلىقى
•كارخانىچىلار
• جامائەت تاللاش تەھلىلى
• كىرىم تەقسىملىنىش
• بازار مەغلۇبىيتى
• بازار ۋە باھا
•باھا يۇقىرى چىكى ۋە باھا تۆۋەن چىكى
•ئىشلەپچىقارغۇچى
• پايدا
•ھۆكۈمەت رولى
• تەمىنات
خەلقئارالىق ئىقتىساد ئۇقۇملىرى
• سودا پەرىقى (سودا بالانىسى) ۋە چىقىم تەڭپۇڭلىقى
• سودا توسۇقى
• سودا مەنپەئىتى ۋە سىلىشتۇرما ئۈستۈنلۈك
•ئىقتىسادىي تەرەقىيات
•تاشقى پېرېۋوت بازىرى ۋە پېرېۋوت نىسبىتى
شەخسىي مالىيە ئىقتىسادىي ئۇقۇملىرى
• دومىلىما ئۆسۈم
•كىرېدىت
•مالىيە بازارلىرى
•ئادەم كۈچى بايلىقى
•سۇغۇرتا
• پۇل باشقۇرۇش ۋە ئاتچوت قىلىش
• خەۋىپ ۋە پايدا
• ئامانەت قويۇش ۋە مەبلەغ سىلىش

بۇلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلىش تەلەپ قىلىنىدىغان جەمئىي 51 ئىقتىسادىي ئوقۇم، بۇلارنىڭ شەرھىسىنى ئايرىم-ئايرىم يوللىنىدۇ.

پايدىلانغان مەنبەلەر:
ئامېرىكا ئىقتىسادى مائارىپ كېڭىشى "ئاچقۇچلۇق 51 ئىقتىسادىي ئۇقۇم" تىزىملىكى
ئىقتىساد ئىنسكىلوپىدىيسى
تۇرەڭ تۈركچە-ئېنگىلىزچە كەسپىي ئاتالغۇلار لۇغىتى

ئوكيان ئىنگىلىزچە-خەنسۇچە-ئۇيغۇرچە تور لوغىتى

مەنبە : ئىزدىنىش تورى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ