نامراتلار ۋەزىيەتنى مۆلچەرلىمەيلا ئىش قىلىدۇ، بايلار ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( بىرىنچى كىتاپ )
6-باپ 6-پارىگىراپ
نامراتلار ۋەزىيەتنى مۆلچەرلىمەيلا ئىش قىلىدۇ، بايلار
ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ
تارىختىكى يول باشچىلاردىن ساۋساۋ ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «ماڭا ئەگەشكەنلەر ساق قالىدۇ؛ مەندىن يۈز ئۆرۈگەنلەر تۈگىشىدۇ.» بۇ بىرجۈملە سۆزنى ئەگەر ھازىرقى زاماندىكى رىقابەتنىڭ ئۈستىگە قويساق چوقۇم «ۋەزىيەتكە ئەگەشكەنلەر ساق قالىدۇ؛ ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلىيەلمىگەنلەر تۈگىشىدۇ.» دىيىشكە بولىدۇ.
بايلار بۇ قائىدىنى چۈشىنىدۇ، ئۇلار پەقەت ۋەزىيەتكە ئەگىشىپ ماڭغاندىلا ئاندىن بايلىق يولىنىڭ تېخىمۇ راۋان بولىدىغانلىقىنى، «مىڭ چاقىرىملىق يولنى بىر كۈندە بېسىش»تەك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. نامراتلارنىڭ ئىچىدىمۇ كاللىسى ئىشلەيدىغانلار بار، بىراق ئۇلار دائىم ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلىيەلمىگەچكە، تۇرىدىغان مەيداننى خاتا تاللاپ قويىدۇ، بايلىق يولىدا ئۆزىنىڭ نىشانىنى تاپالماي قايمۇقۇپ يۈرۈپ، بايلىقتىن تېخىمۇ يىراقلىشىپ كېتىدۇ.
ۋەزىيەتكە قارىشى ئىش تۇتىدىغان ئادەم كۈچنى ناھايىتى كۆپ سەرپ قىلسىمۇ ، خۇددى بوران –چاپقۇنغا يولۇققان كېمىنىڭ يىراققا ماڭالمىغىنىدەك ئۇلارمۇ يىراققا بارالمايدۇ.ئەمما دەۋرگە ئەگىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان ئاشۇ كىشىلەر دائىم دەۋرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىپ، ئۆزىنىڭ يولىنى توختىماستىن كېڭەيتىدۇ، ئۆزىنىڭ بايلىقىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ،مەڭگۈ يىقىلماس ئورۇندا تۇرالايدۇ.
شىردۈن گەرچە ئالىي مېھمانخانا كەسپىنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق تىجارىتى قىلسىمۇ، بىراق پۇرسەت بولسىلا كۆچمەس مۈلۈك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزىنىڭ مەبلىغىنى كېڭەيتىدۇ.
ئۇ مېھمانخانا تىجارىتىنىڭ دەۋردىن ئايرىلىپ قالسا بولمايدىغانلىقىنى، بولمىسا ئۆزىنىڭ گۆرىنى ئۆزى كولاپ قويىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ دۇنيانىڭ تەرەققىيات قەدىمى بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىپ، مېھمانخانىنىڭ فۇنكىسىيىسىنى كېڭەيىتكەن. ئۇ مېھمانخانىنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماستىن، يەنە چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىشى، مۇھىم سودا پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۆزىنىڭ مەبلىغىنىڭ يۈرۈشۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شىردۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن چەتئەل بازارلىرىنى ئېچىشنى باشلىغان. ئۇ ئوتتۇرا قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ بارغانسىرى باي بولۇپ، ئىستىمالدىكى ئاساسى ئېقىم بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، شىردۈن دۆلەت سىرتىدا نۇرغۇنلىغان ئامېرىكا ئۇسلۇبىدىكى ھەشەمەتلىك مېھمانخانىلارنى بەرپا قىلغان.
بۇ ئىستىراتىگىيەگە ماسلىشىش ئۈچۈن، شىردۈن مېھمانخانىلار ئارىسىدا يولۇچىلارغا قولايلىق بولغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئېچىپ، دۆلەت ئىچىدە ئاللىقاچان كۆزگە كۆرۈنگەن تىجارەت شەكلىنى يېڭى بىر يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن.
بىر قېتىم،بىر مۇخبىر شىردۈندىن مۇۋەپپەقىيەت سىرىنى ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، شىردۈن ئەستايىدىللىق بىلەن مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «مېنىڭ سىرىم دەل دەۋر بىلەن تەڭ مېڭىش،دەۋرنىڭ ئاساسى ئېقىمىنى تۇتۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش.»
شىردۈننىڭ دەۋرگە ئاگىشىپ ھەرىكەت قىلىمىز دېگىنى ئەمەلىيەتتە ۋەزىيەتكە قاراپ مېڭىش دىگەنلىكتۇر. ۋەزىيەتكە قاراپ مېڭىش خۇددى سۇ تارتقاندا سۇنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ ئېقىش پىرىنسىپىدىن پايدىلانغا ئوخشايدۇ، مۇشۇ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلغاندىلا ئاندىن سۇنى يىراقتىكى ئېتىزلارغا باشلىغىلى بولىدۇ. بايلار بۇ قائىدىنى چۈشەنگەچكە، بايلىقنى خۇددى سۇغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ يانچۇقىغا باشلىيالايدۇ. ئەمما نامراتلار دائىم سۇنىڭ ئېقىش يۆنىلىشىنى توسۇۋالغاچقا، سۇنى دائىم باشقىلارنىڭ ئېتىزلىقىغا باشلاپ قويىدۇ.
يەنە بىرقىسىم نامراتلار ئېقىمغا ئەگىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، نېمە مودا بولسا شۇنىڭغا ئەگىشىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي ۋەزىيەتكە ئەگىشىپ مېڭىش ئەمەس، چۈنكى چوڭ بىرئېقىندا نۇرغۇنلىغان كېچىكلەر بولىدۇ، ئازراقلا دىققەت قىلمىسا كىچىۋالدىغان گەپ.بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، قانچىلىك تىركەشسەك، شۇنچىلىك پېتىپ قالىمىز.
بىر يىلى يازدا، تەيبېي شەھىرىدە بىر قېتىملىق «پورتۇگالىيىچە توخۇم پوشكىلى» مودا بوپتۇ.بۇ خىلدىكى پوشكال ناھايىتى تۇيۇقسىز پەيدا بولغاچقا، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا پۈتكۈل تەيبېينى قاپلاپ، شەھەر ئاھالىسى بەس – بەستە سېتىۋاپتۇ. ئوزۇن ئۆتمەستىن، توخۇم پوشكىلى دۇكانلىرى بىر – بىرلەپ ئېچىلىپ، ھەممىسى ئىشىكىنىڭ بېشىغا «ھەقىقىي تۇخۇم پوشكىلى» دىگەن بىر نەچچە خەتنى يېزىۋاپتۇ. ئۇ جايدىكى ئامما بۇ خەتلەرنى كۆرگەندىن كىيىن بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى بېرىپتۇ، ھەتتا جاپاغا قارىماستىن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ سېتىۋاپتۇ.
بۇ ئىش نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەرگە سودا پۇرسىتىدىن شەپە بېرىپ، پورتوگالىيىچە تۇخۇم پوشكىلى دۇكانلىرى بارغانسىرى كۆپىيىپتۇ، كىيىن نۇرغۇنلىغان بولكا دۇكانلىرىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ باھاسى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىن تۆۋەن بولغان تۇخۇم پوشكاللىرىنى چىقىرىپتۇ – دە، بۇ يامان غەرەزدىكى رىقابەتكە قاراپ تەرەققىي قىپتۇ،بۇنىڭ بىلەن پورتوگالىيىچە تۇخۇم پوشكاللىرىغا مەبلەغ سالغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سالغان دەسمىسىنىمۇ قايتۇرۋالالماپتۇ. بۇ ۋاقىتتا يەنىلا بىر قىسىم «جان لازىم ئەمەس» كىشىلەر پورتوگالىيىچە تۇخۇم پوشكىلى دۇكىنى ئېچىپتۇ، بۇلارنىڭ بىرقىسىملىرى دۇكان ئېچىشقا كېتەرلىك پۇلنى تۇغقانلىرىدىن قەرز ئالغان بولۇپ،نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولغان.
تۇنجى تۈركۈمدە پورتوگالىيىچە پوشكالغا مەبلەغ سالغان كىشىلەر ئەقىللىق ھېسابلىنىدۇ،ئۇلار ۋەزىيەتكە ئاساسەن پۇرسەتنى ئالدىن ئىگەللىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن پۇلنىمۇ تاپالىغان. كىيىن بازار ئاللىقاچان تويۇنۇپ بولغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ بۇنىڭغا مەبلەغ سالغان كىشىلەر ئەخمەقلەردۇر، ئۇلار قارىغۇلارچە ئېقىمغا ئەگەشكەن، ئەينى ۋاقىتتىكى ياخشى ۋەزىيەتنىڭ ئاللىقاچان يوقالغانلىقىنى كۆرەلمىگەچكە، قارىغۇلارچە ئېقىمغا قارىشى ھالەتتە ماڭغان، ئاخىرىدا ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىگەن.
نامراتلارپەقەت يۈزەكى ۋەزىيەتنى كۆرەلەيدۇ، بايلار بولسا ھەممە تەرەپتىن بايقاپ،زور يوشۇرۇن سودا پۇرسىتىنى بايقىيالايدۇ.
21 –ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئېنتېرنىت تورى بىر تۈركۈم بايلارنى بارلىققا كەلتۈردى،جۇڭگودىمۇ ھەم شۇنداق. دۆلەت ئىچىدىكى تور ساھەسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئالدىنقى ئورۇننى ئىگەللىگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى «چەتئەلدىن ئېلىپ كىرگەنلەر»بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك يارىتىش ئەندىزىسى بولسا دۆلەت سىرتىدىكى ئېنتېرنىت تەرەققىيات شەكلىنى جۇڭگوغا كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ، غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن.
بۇ سەردارلار : لى كەيفۇ، لى يەنخۇڭ، مايۈن، دىڭشى، تاڭيۆ قاتارلىقلار.ئۇلارنى تور سودىسىدىكى تالانتلىقلار دىگەندىن كۆرە، ‹ ئۇلارنىڭ كۆزى ناھايىتى ئۆتكۈر،دەۋرگە ئەگىشىپ ماڭالىغاچقا، ئېنتېرنىت تورىنىڭ جۇڭگودىكى كۈچىنى ئالدىن كۆرەلىگەن › دىگەن تۈزۈك. مەسىلەن: لى يەنخۇڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش موتورى بولغان گوگۇلدىن ئىلھام ئېلىپ بەيدۇنى قۇرۇپ چىققان.
بېل.گەيتىس ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا چوقۇم كەلگۈسىدىكى ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەش كېرەك.» ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ دەۋردە، چوقۇم ۋەزىيەتكە ئەگىشىشىمىز، نەزىرىمىزنى توختىماستىن يۈكسەلدۈرۈپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىشىمىز، ھەمدە ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولغان ئۇچۇرلارنى تاللاپ چىقىپ، ئاندىن قول سېلىشىمىز، بۇ ئارقىلىق دەۋرنىڭ يىتەكلىگۈچىسىگە ئايلىنىشىمىزكېرەك.
بايلىقنىڭ بايانى:
ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەشتە چوڭ جەھەتتىن كۆرۈشىمىز، كىچىك جەھەتتىن قول سېلىشىمىز كېرەك.ئەگەر سىز چوڭ جەھەتتىكى ۋەزىيەتنى كۆرەلىسىڭىزمۇ، بىراق كونكېرىت كىچىك ئىشلارنى قىلالايدىغان ئىقتىدارىڭىز بولمىسا، ئۇنداقتا يەنىلا ھېچنىمە قىلالمايسىز. ۋەزىيەت بولسا ئىستىراتىگىيە قاتلىمى، كونكېرىت ئىشلارنى قىلىش بولسا تېخنىكا قاتلىمى.مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاشۇ بايلارنىڭ ھەممىسى چوڭ جەھەتتىن ئۆزىگە تەۋە پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان، ھەمدە جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق بايلىقنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان. بايلىققا ئىرىشىدىغان يول ھەممىلا جايدا بار، پەقەت سىزدە ۋەزىيەتكە ئەگىشىپ ماڭالايدىغان دىت بولسىلا چوقۇم زور بايلىققا ئېرىشەلەيسىز.
***************************************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى