نامراتلار چىداپ پۇرسەت كۈتىدۇ، بايلار تۈجۈپىلەپ پۇرسەت يارىتىدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( بىرىنچى كىتاپ )
6-باپ 5-پارىگىراپ
نامراتلار چىداپ پۇرسەت كۈتىدۇ، بايلار تۈجۈپىلەپ
پۇرسەت يارىتىدۇ
كۆپچىلىك ھەممەيلەن« كۆتەك تۈۋىدە ئولتۇرۇپ توشقان كۈتۈش» ھېكايىسىنى ئاڭلاپ
باققان:
سۇڭ دەۋرىدىكى بىر دېھقان نەچچە مو يەر تېرىپتۇ، ئۇ ھەر كۈنى ئېتىزلىقتا ئىشلەيدىكەن.
بىر كۈنى بۇ دېھقان ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئورمانلىقتىن بىر توشقان يۈگۈرەپ چىقىپتۇ – دە، يېقىن ئەتراپتا ئادەم بارلىقىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن ئۇچقاندەك يۈگۈرەپ قېچىپتۇ. توشقان ناھايىتى تىز يۈگۈرگەچكە ئويلىمىغان يەردىن ئېتىزلىقتىكى بىر كۆتەككە ئۈسۈۋاپتۇ، ھەمدە بوينى ئۈزۈلۈپ ئۆلۈپتۇ.
دېھقان بۇنى كۆرگەندىن كىيىن، قولىدىكى ئىشىنى تاشلاپ ئۇچقاندەك يۈگۈرەپ كۆتەك تۈۋىدىكى ئۆلۈك توشقاننى ئېلىۋاپتۇ، ھەمدە ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ئۆز – ئۆزىگە: «ھېچقانچە كۈچىمەيلا چوڭ پايدا ئالدىم. بۇنچە سېمىز توشقاننى قايتىپ بېرىپ ياخشىراق مەززە قىلىش كېرەك.» دەپتۇ.
ۋە ئالدىرىغىنىچە قىلىۋاتقان ئىشىنى توختىتىپ، بالدۇرراق ئۆيگە قايتىشقا تەييارلىق قىپتۇ. ئۇ ئۆيگە قايتىش يولىدا، قۇلىدىكى سېمىز توشقانغا قاراپ شۇنداق ئويلاپتۇ: بۈگۈن تەلىيىم ئوڭدىن كەلدى، ئەتە يەنە كۆتەككە ئۈسۈۋالىدىغان توشقان چىقىپ قېلىشى مۇمكىن، مەن بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرسەم بولمايدۇ.
ئىككىنچى كۈنى، ئۇ ئېتىزلىققا بۇرۇنقىدىنمۇ بالدۇر كەپتۇ، ھالبۇكى ئۇ ئىلگىرىكىدەك كۆڭۈل قويۇپ ئەمگەك قىلماپتۇ. ھەمىشە ئورمان تەرەپكە قاراپ، يەنە توشقان چىقىپ كۆتەككە ئۈسۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈپتۇ. ھەم مۇشۇ تەرىقىدە بىر كۈن خۇشياقمىغاندەك ئەمگەك قىپتۇ، شۇنداق قىلىپ ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، يەنە ئوتاشقا تىگىشلىك جايلارنىمۇ ئوتاپ بولالماپتۇ.
ئۈچىنچى كۈنى، دېھقان يەنە ئېتىزغا كەپتۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىش قىلىشقا ھەپسىلىسىمۇ قالماپتۇ.ئۇ دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى بىر تەرەپكە قويۇپ، ئۆزى كۆتەك تۈۋىدە ئولتۇرۇپ بىرەرتوشقاننىڭ چىقىپ كۆتەككە ئۈسۈۋېلىشىنى ساقلاپتۇ، نەتىجىدە پۈتۈن كۈن بېكار ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
دېھقاننىڭ كۆڭلى يەنىلا ئەمىن تاپماپتۇ، شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ كۈندە كۆتەك تۈۋىدە ئولتۇرۇپ توشقاننىڭ كۆتەككە ئۈسۈۋېلىشىنى ساقلاپتۇ. دېھقان ساقلاپتۇ، ساقلاپتۇ، بىراق ئۇنىڭ زىرائەتلىرى قۇرۇپ، يەرلىرىنى ئوت – چۆپ بېسىپ كەتكىچە توشقاننىڭ سايىسىنىمۇكۆرەلمەپتۇ.
ھېكايىدىكى دېھقان ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا قالغان، ئۇ جاپا تارتىپ پۇرسەت كۈتكەن،توشقاننىڭ كۆتەككە ئۈسۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلغان، بىراق ئەمەلىيەت دېھقاننىڭ بۇنداق ھەرىكىتىنىڭ ناھايىتى ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان: -توشقان ئۇچرىمايلا قالماستىن، ئەكسىچە پاسسىپلىق بىلەن كۈتۈش نەتىجىسىدە ئېتىز ئەمگىكىنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۋەتكەن.
نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇش يولىدا، بۇ دېھقانغا ئوخشاش كىشىلەرنۇرغۇن، ئۇلار ھەمىشە پاسسىپلىق بىلەن پۇل تېپىشنىڭ پۇرسىتىنى كۈتىدۇ، «بەرسەڭ يەيمەن، بەرمىسەڭ ئۆلىمەن» دىگەن پوزىتسىيەدە بولىدۇ.
ھەممەيلەن بىلىدۇكى، پاسسىپلىق بىلەن كۈتۈش ۋاقىتقا دەخلى قىلىپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇنلىغان ئەھمىيەتلىك پۇرسەتلەرنى ئۆتكۈزۋىتىدۇ. پۇرسەت كۈتكەنگە كەلمەيدۇ،شەخىسنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇسىغا ئەگىشىپ كەلمەيدۇ، ئاكتىپلىق بىلەن سىزنى ئىزدىمەيدۇ، يەنە مەڭگۈ ئاكتىپلىق بىلەن سىزنىڭ ئىشىكىڭىزنى چەكمەيدۇ، ئۇ ھەربىرئادەمنىڭ ئادەتتىكى ۋاقىتتىكى تىرىشچانلىقى ۋە مېھنىتى ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ.
بۇ نۇقتىنى بايلار ناھايىتى چوڭقۇر ھېس قىلغان، ئۇلار ساقلاشنىڭ پۇرسەت يارىتالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەزەلدىن پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى ساقلىمايدۇ، بەلكى ئاكتىپلىق بىلەن ئاتلىنىپ پۇرسەت يارىتىدۇ.
قەدىمدىن –ھازىرغىچە ئۆتكەن بايلارنىڭ ھەممىسى پۇرسەتنى ئاكتىپلىق بىلەن ياراتقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئامېرىكا ئوقەتچىلىك دۇنياسىدىكى سەردار ۋانمېك ناھايىتى ياخشى مىسال.
بىر قېتىم،ۋانمېكنىڭ شىركىتى چىكاگودا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا تاۋارلار يەرمەنكىسىگە قاتناشقان، ئەمما قېيىشقاندەك تەلىيى كاژ كىلىپ، ۋانمېك ناھايىتى چەت جايدىن يەرمەنكە ئورنى چېكى تارتىپ قالغان. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن خىزمەتچىلەر ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەن، ئۇلار بۇنداق چەت جايغا ھېچكىمنىڭ كەلمەيدىغانلىقىنى،مەھسۇلاتلىرىنى كۆرىدىغان ئادەم يوقلۇقىنى بىلەتتى. ۋانمېكقا يەرمەنكە ئورنى بېزەپ بېرىشكە مەسئۇل بېزەكچى شارمېن ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ يەردىن ۋاز كېچىپ كېلەر يىلى يەنە قاتنىشىشنى تەۋسىيە قىلغان.
ھالبۇكى،ۋانمېك قايتۇرما سۇئالدىن پايدىلىنىپ سورىغان: «سىزنىڭچە پۇرسەت سىزنى ئىزدەپ كېلىشى كېرەكمۇ ياكى سىز ئۆزىڭىز پۇرسەتنى يارىتىشىڭىز كېرەكمۇ؟»
شارمېن جاۋاب بېرىپ: «ئەلۋەتتە ئاكتىپلىق بىلەن پۇرسەتنى يارىتىش كېرەك، ھەرقانداق پۇرسەت ئاسماندىن چۈشۈپ قالمايدۇ.» دەپتۇ.
ۋانمېك كۈلۈپ تۇرۇپ: «ھازىر دەل بىز پۇرسەت يارىتىدىغان ۋاقىت بولدى. مەن سىزنىڭ يەرمەنكە ئورنىنى ناھايىتى جەلپ قىلارلىق قىلىپ لايىھەلەپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.»دەپتۇ.
شارمېن ۋەزىپىنى مەسئۇليەتچانلىق بىلەن ئورۇنداپ، قەدىمكى ئەرەب ئۇسلۇبىدىكى يەرمەنكە ئورنى لايىھەلەپتۇ، بۇ خىل لاھىيەدە يەرمەنكە ئورنى ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، ئادەمنى ئىنتايىن جەلپ قىلىدىكەن.
ۋانمېك بۇنىڭدىن ناھايىتى رازى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر قىسىم مەخپىي خىزمەتلەرنى قىپتۇ: مەسئۇلىغا زاپخوزغا بۇيرۇپ يېڭىدىن ئىشقا كىرگەن ئوغۇل – قىزخىزمەتچىلەرگە ئەرەبلەرنىڭ قەدىمى كىيمىنى كىيدۈرۈپتۇ (قىز خىزمەتچىلەرنىڭ ھىجاب بىلەن يۈزىنى ئوراپ، پەقەت ئىككى كۆزىنى ئېچىپ قويۇشنى تەلەپ قىپتۇ)؛ ئەرەب دىيارىدىن ئالتە دانە تۆگە ئەكىلىپ ماللارنى توشۇپتۇ؛ نۇرغۇنلىغان شار بۇيرۇتۇپ،كۆرگەزمىدە ئىشلىتىشكە تەييارلىق قىپتۇ.
ئەرەب ئۇسلۇبىغا تويۇنغان بۇ كۆرگەزمە ئورنى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى جەلپ قىپتۇ، كۆپچىلىك ھەممىسى ۋانمېكنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى پەرەز قىپتۇ، ھەتتا بىر قىسىم مۇخبىرلاربۇنىڭغا قارىتا مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ قىزىقىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپتۇ.
كۆرگەزمە بولغان كۈنى، نۇرغۇنلىغان ھەرخىل رەڭلىك شارلار ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپتۇ. شارلار ئالاھىدە لاھىيەلەنگەن بولۇپ، ئاسمانغا ئۆرلەپ بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن پارتىلاپ پارچە – پارچە لېنتىغا ئايلىناتتى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قىزىقىش ئىچىدە يەرگە چۈشكەن بۇ لېنتىلارنى تېرىۋىلىپ ئۈستىگە يېزىلغان خەتلەرنى كۆرگەن:«سۆيۈملۈك خانىملار – ئەپەندىلەر! بۇ لېنتىنى تېرىۋالغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمىز!سىز بۇ لېنتا ئارقىلىق ۋانمېكنىڭ كۆرگەزمە ئورنىغا بېرىپ قۇلىڭىزدىكى لىنتىنى خاتىرە بۇيۇمىغا ئالماشتۇرۋېلىڭ، رەھمەت!»
كىشىلەرخاتىرە بۇيۇمىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ۋانمېكنىڭ كۆرگەزمە ئورنىنىڭ ئالدىغا دۆۋلىشىپ كەتكەن، باشقا ئورنى ناھايىتى ياخشى بولغان ئورۇندىكى كۆرگەزمە ئورۇنلىرىغىمۇ بۇنداق كۆپ ئادەم جۇغلاشمىغان.
نەچچە كۈن شار قويۇپ بەرگەندىن كىيىن، بارغانسىرى كۆپلىگەن كىشىلەر ۋانمېكنىڭ كۆرگەزمەئورنىغا دىققەت قىلغان. مۇشۇ تەرىقىدە كۆرگەزمە ئاخىرلاشقىچە، ۋانمېكنىڭ شىركىتى2000 دىن كۆپرەك سودا توختامىنى بىر تەرەپ قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 500 دىن كۆپرەك سودا توختىمىنىڭ سوممىسى بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپ بولغان، بۇ ھەقىقەتەن كىشىلەرئويلاپمۇ باقمىغان ئىش بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، گورۇپپا ھەيئەتلىرىنىڭ سىتاتسىتكىسىغا ئاساسلانغاندا، ۋانمېكنىڭ كۆرگەزمە ئورنىغا قەدەم تەشىرىپ قىلغانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان.
گېف ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا، سىز چوقۇم پۇرسەت يارىتىشىڭىز كېرەك،ھەرگىزمۇ ئەخمىقانىلىق بىلەن پۇرسەتنى ساقلىماسلىقىڭىز، يولدىن ئۆتكەنلەرنىڭ سىزنى بايلىق يولىغا باشلاپ مېڭىشىنى تەمە قىلماسلىقىڭىز كېرەك.» ۋانمېك بۇ قائىدىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ھەرگىزمۇ كۆرگەزمە ئورنىنىڭ چەتتە بولۇپ قالغانلىقىدىن غەم يىمىگەن، ئەكسىچە ئۆزى پۇرسەت يارىتىپ، ئاخىرىدا مۇۋاپىقەيەت قازانغان.
ئويلاپ باقايلى، ئەگەر ۋانمېك بېزەكچى شارمېننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۆرگەزمە ئورنىدىن ۋازكچىپ، كىيىنكى يىلى ياخشى ئورۇننىڭ بېلىتىنى تارتىشنى ئۈمىد قىلسا، ئۇنداقتا ۋانمېك يەنە باشقىلارنى ھەيران قالدۇردىغان بايلىق يارىتالامدۇ؟
ئەلۋەتتە قىلالمايدۇ! بىز شۇنىڭغا ئىشەنسەك بولىدۇكى، ئەگەر ۋانمېك « كاج تەلەي» نىڭ ئالدىدا تەسلىم بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ كىيىنكى مۇۋەپپەقىيىتىدىن گەپ ئاچقىلى بولمايتى.
بەزىلەرپۇرسەتنى ساقلايدۇ، پۇرسەتنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بەزىلەر پۇرسەتنى يارىتىدۇ، ئاكتىپلىق بىلەن قول سالىدۇ. بۇ دەل نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقى.
ئەگەربايلارغا ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلساق، چوقۇم پۇرسەتنىڭ پاسسىپلىق بىلەن ساقلىغانغا كەلمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئاكتىپلىق بىلەن پۇرسەتنى يارىتىش لازىملىقىنى بىلىشىمىز لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىردىن باشلاپ ئۆزىڭىزنى ئاكتىپلاشتۇرۇشىڭىزكېرەك، ئىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا دىققەت قىلىشىڭىز، كۈزىتىش قابىليىتىڭىزنى ئۆستۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ پۇرسەتنى يارىتىشىڭىز كېرەك، شۇندىلا پۇرسەت سىزگە قاراپ كېلىدۇ.
بايلىقنىڭ بايانى:
بىر ھەقىقىي باي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى بىلىپلا قالماستىن، يەنە پۇرسەتنى يارىتالايدۇ. نامراتلارنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى تۆۋەن، ھەرقايسى جەھەتتىكى شارائىتى يىتەرلىك بولمىغاچقا،ئەتراپىدىكى چوڭ – كىچىك ئىشلارغا تېخىمۇ دىققەت قىلىشى، ئۆزىنىڭ كۈزىتىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشى كېرەك، ھەمدە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشى ۋە ئۆزى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىشى لازىم. پەقەت ئاكتىپلىق بىلەن پۇرسەت ياراتقاندىلا، ئاندىن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بايلىق يارىتىش يولىدا پۇرسەتنى ئاۋۋال ئىگەللىگىلى، ئاخىرىدا باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈردىغان بايلىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
*****************************************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى