![pjwp pjwp]()
شۇنداق قىلىپ،نەچچە كۈنلۈك ئىزدىنىشىم ئاستىدا،نەچچە رەت سىناپ قىلىپ مەغلۇب بولۇشلارنىڭ ئارقىسىدىن، ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا تۇرايىمنى Pjblogدىن WordPressكە كۆچۈرۈپ ئەكېلىۋالدىم.بۇ جەريان،باشدا مەن ئويلىغاندەك ئوڭايغا توختىمىدى،بۇ كۆچۈش ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالەتتىكى RSS ھۆججىتىنى ئېكىسپورت-ئىمپورتلاش بولماسدىن،بەلكى،ئىككى ئوخشىمىغان تىل ۋە ئوخشىمىغان تېخنىكا ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىككى پروگرامما ئارىسىدىكى ئېلىشىش ئىدى ،ئەمما،بۇ جەرياندا شۇنى بىلىۋالدىمكى،تىرىشسا،ئىزدەنسە خېلى-خېلى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىكەن.مۇشۇ كۆچۈش مەشخۇلاتى ئۈچۈن ئالاقىدار خەنزۇچە توربېكەتلەرگە قانچە رەت كىرگەنلىكىمنى ھىسابلاپ بېرەلمەيمەن.توردا بۇنداق كۆچۈش ھەققىدىكى يازمىلار ناھايىتى نۇرغۇنكەن،نۇرغۇن بولغاندىمۇ ئادەمنىڭ كۆزىنى ئالاچەكمەن قىلىۋېتىدىكەن،بىر ئۆگەنگۈچى ئۈچۈن بۇنداق كۆپ ئۇسۇللار ناھايىتى ئەسقاتتى،مەنمۇ بىرنەچچە رەت تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق بۇ ئېككى سېستىمىنىڭ باغلىنىشىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم،ھەمدە بۇخىل كۆچۈشنىڭ بىرنەچچە خىل ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالغان بولدۇم.ئەلدىن-ئەلگە نەپ دەپتىكەن،مەنمۇ بۇ ئۆگەنگەنلىرىمنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئۆتەي،بەلكىم،كىيىنكى چاغلاردا سىزگىمۇ ئەسقېتىپ قالار،بۇ بىلىم مەندە سېسىپ كەتمىسۇن... تۇلۇق ئوقۇش »
![无觅相关文章插件,快速提升流量]()