ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

ئاممىنىڭ چېھرىدە مىننەتدارلىق ۋە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 11 - ئاينىڭ 26- كۈنى 04:07   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    باي ناھىيەسى «خەلق تۇرمۇشىنى، ئاممىنى ۋە ئاساسىي قاتلامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنىڭ ئىزچىللىقىغا، نەپ يەتكۈزۈشچانلىقىغا، قاراتمىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ناھىيەدىكى ھەر مىللەت خەلققە رازى بولغۇدەك «ئىمتىھان قەغىزى» تاپشۇردى.

    بۇلتۇر باي ناھىيەسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 4 مىليارد 290 مىليون يۈەنگە، پۈتكۈل جەمئىيەت مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 9 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە، ئادەتتىكى مالىيە خامچوت كىرىمى 875 مىليون يۈەنگە يېتىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ماددىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن يىلدا خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سېلىنمىسى 1 مىليارد 355 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئادەتتىكى مالىيە خامچوت چىقىمىنىڭ %73 ىنى ئىگىلىدى. بۇ يىل 118 تۈرگە 11 مىليارد 560 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغانىدى، ھازىرغىچە 935 مىليون يۈەنگە مەبلەغ سېلىنىپ، 52 خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرى تاماملاندى.

    ناھىيە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىش ئورنى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، ئىشچى قوبۇل قىلىش تەس بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش تەس بولۇش زىددىيىتىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. مەمۇرىيەت بىلەن كارخانا، مەكتەپ بىلەن كارخانا بىرلىشىپ مەكتەپ ئېچىشتا چىڭ تۇرۇپ، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونىمىزىدىكى تېخنىك مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، كۆمۈر، خىمىيە سانائىتى، پولات تۆمۈر تاۋلاش قاتارلىق كارخانىلار ئېھتىياجلىق ئىشچىلارنى كۈچەپ تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ ئەمگەكچىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ تەشكىللىك، تەرتىپلىك يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باي ناھىيەسى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا 590 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئىككى يىلدا بەش يىلدا تاماملىنىدىغان ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ، ئاممىنىڭ يورۇق، ئازادە يېڭى ئۆيلەرگە بالدۇر كۆچۈپ كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ناھىيە بازىرىنىڭ قىياپىتى ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، ئاممىغا تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش مۇھىتى يارىتىپ بېرىلدى.

    باي ناھىيەسى مائارىپنى گۈللەندۈرۈپ، ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت يەسلىسىدىكى بالىلارنىڭ تاماق پۇلى ۋە پارچە ئوقۇش خىراجىتى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك خىراجىتى ۋە ياتاق ھەققىنى كۆتۈرۈۋەتتى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان يېزىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بېرىش - كېلىش قاتناش ھەققى تولۇقلىمىسى بەردى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە