ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

35 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادى ئىزچىل ئېشىپ باردى

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 11 - ئاينىڭ 25- كۈنى 08:55   |    ئاپتور :   |   مەنبە :  خەلق تورى

    

    (ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان-ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 35 يىل. ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە ①)

    ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان-ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 35 يىل مابەينىدە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تۆۋەندىكىدەك سانلار بار:

    ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1978-يىلىدىكى 364 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئېشىپ 2012-يىلىدىكى 51 تىرىليون 894 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتتى؛

    ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى 1978-يىلىدىكى 10-ئورۇندىن 2010-يىلىدىكى 2-ئورۇنغا ئۆتتى؛

    كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغانGDP(ئىچكى ئىشلەپچىقرىش ئومۇمىي قىممىتى) 1978-يىلىدىكى 381 يۈەندىن، 2012-يىلىدىكى 38 مىڭ 420 يۈەنگە يەتتى؛

    تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 1978-يىلىدىكى 167 مىليون دوللاردىن، يەنى دۇنيا بويىچە 38-ئورۇندىن، 2012-يىلىدىكى 3 تىرىليون 311 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئۇدا 7 يىل دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى …...

    ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان-ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 35 يىل مابەينىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىدا يارىتىلغان مۆجىزە توغرىسىدا، گوۋۇيۈەن مەسلىھەت ئىشخانىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى ياۋ جىڭيۈەن مۇنداق باھا بەردى: «بىز 35 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىيىنىش-تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشقا يۈزلەندۇق. بۇ 20-ئەسىردىن 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان ئەڭ زور تۆھپىسى!»

    ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا مۆجىزە يارىتىلىپ، GDP نىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىشى ئۇدا 33 يىل %9.8 بولدى

    ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان-ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 35 يىلدا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ، ئۇنېۋېرسال دۆلەت كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1978-يىلىدىكى 364 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، 2012-يىلىدىكى 51 تىرىليون 894 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 1978-يىلىدىكىدىن ئېشىپ، 1986-يىلىدىكى 1 تىرىليون يۈەنگە يەتكىچە 8 يىل ۋاقىت كەتتى، 1991-يىلىدىكى 2 تىرىليون يۈەنگە يەتكىچە 5 يىل ۋاقىت كەتتى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى تەخمىنەن 1 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ باردى، 2001-يىلى 10 تىرىليون يۈەن چوڭ ئۆتكىلىدىن ئېشىپ، 2002-يىلدىن 2006-يىلىغىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى 2 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ باردى، 2006-يىلى 20 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر ئىككى يىلدا 10 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ باردى، 2012-يىلىغا كەلگەندە 52 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى.

    ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارنىڭ يىلمۇيىل ئېشىپ بېرىشى بىزنىڭ ئېشىش سۈرئىتىمىزدە مۆجىزە ياراتقانلىقىمىزدىن بولدى. 1979-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %9.8 ئېشىپ باردى، ئوخشاش مەزگىلدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى ئاران %2.8 بولدى. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ دۇنيادا تۇتقان ئورنى مۇقىم ئۆرلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى ئۆزلۈكسىز ئاشتى. 1978-يىلى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى دۇنيادا 10-ئورۇندىلا تۇراتتى؛ 2008-يىلى گېرمانىيەنىڭكىدىن ئېشىپ، دۇنيادا 3-ئورۇنغا ئۆتتى؛ 2010-يىلى ياپونىيەنىڭكىدىن ئېشىپ، دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇنغا ئچىقىپ، دۇنيادا ئامېرىكىدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ قالدى. ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ دۇنيادا ئىگىلىگەن ئورنى 1978-يىلىدىكى %1.8 تىن 2012-يىلىدىكى %11.5 كە ئۆستى. 2008-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن باشلاپ، دۆلىتىمىز دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالدى. 2008-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %20تىن ئېشىپ كەتتى.

    دۇنيا بويىچە 10-ئورۇندىن 2-ئورۇنغا ئۆتتۇق،--دېدى ياۋ جىڭيۈەن،--«بۇ سانلارغا كۆپچىلىك ھەرگىز سەل قارىماڭلار! دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان رىقابەتتە، ئۇدا يۇقىرىلاپ مۇشۇ ئورۇنغا كېلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۆزىنىڭ تەرتىپ ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۆزىلا ناھايىتى تەس ئىش. يېقىنقى زامان تارىخىغا نەزەر سالساق، ئىقتىسادى ئىككى رەقەملىك سۈرئەتتە ئېشىپ بارغان دۆلەتتىن، ئاۋۋال ياپون بولۇپ، ئۇلارنىڭ 15 يىل داۋاملاشقان؛ ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا ئاسىيادىكى تۆت نوچا دۆلەت بولدى، ئۇلارنىڭ 20 يىل داۋاملاشقان. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى 30 نەچچە يىلدىن بۇيان مۇشۇنداق ئىككى رەقەملىك سۈرئەتتە ئېشىپ كېلىۋاتىدۇ، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئىنسانىيەت تارىخىدا بىر مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ!»

    جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

    مەنبە: خەلق تورى

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە