يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، سانائەتتە يېڭى ھالقىش ئىشقا ئاشتى، مۇلازىمەتچىلىك تېز راۋاجلانماقتا؛ ئىستېمال، مەبلەغ سېلىش ۋە ئېكسپورت ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولماقتا، قۇرۇلما كۈندىن-كۈنگە مۇقىملاشماقتا ۋە مۇۋاپىقلاشماقتا؛ غەرب رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، شەرقىي شىمالنى راۋاجلاندۇرۇش، ئوتتۇرا رايونلارنى قەت كۆتۈرگۈزۈش ئارقىلىق رايون تەرەققىياتى تېخىمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى؛ شەھەر-بازارلاشتۇرۇشتا يېڭى قەدەم تاشلىنىپ، شەھەر-يېزىلار تېخىمۇ ماس تەرەققىي قىلدى...
ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 35 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز تەڭشىلىپ سەرخىللاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىيلىقى، ماسلىقى ۋە سىجىللىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پروفېسسور ليۇ يۈەنچۈن مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدا خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىكنىڭ سالمىقى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ سالمىقى زورىيىۋاتىدۇ، بۇ ئىجتىمائىي ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۆپەيتىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا تېخمۇ كۆپ قولايلىق ۋە نەپ ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، خەلق ئىگىلىكىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا قۇرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاتا قىلدى.
رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، ئېلىمىزنىڭ شەھەر-بازارلىشىش قەدىمىنى كۆرۈنەرلىك تېزلىتىپ، شەھەر-يېزا ئايرىلغان ئەندىزىنى شەھەر-يېزا بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىگە ئۆزگەرتىشنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
كۇيتۇن قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
ئىراق تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرغا باشپاناھ بولدى
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى