24-نويابىر سائەت 07:30:46 دە ، شىنجاڭ چەرچەن ناھىيەسى ( شىمالىي كەڭلىك 36.8 گىرادۇس ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 86.7 گىرادۇس ) دە 5.6 بال يەر تەۋرىگەن ، تەۋرەش مەنبەسى چەرچەن ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى كوئىنلون تېغىدا بولۇپ ، چەرچەن ناھىيە بازىرىغا 181 كىلومېتىر كېلىدىكەن .
يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن ، چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ، ئاپەتنى ئازايتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ ، يەر تەۋرەش ئاپىتى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ، ناھىيەنىڭ ئىككى رەھبىرى ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ، يەر تەۋرەش ، خەلق ئىشلىرى ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى ، دۆلەت يەر–زېمىن بايلىقى ئىدارىسى ، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ ئايرىم - ئايرىم تۇرا ، كونچىبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانى ، ئاچچان يېزىسى، قوراملىق يېزىلىرىغا بېرىپ ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ، چارۋىچىلار، كان خادىملىرىنىڭ ئەھۋالى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ، قوتانلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن .
24-نويابىر سائەت 22:00 گىچە ، يەر تەۋرەشتە 2389 ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ ، 10 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ، 675 ئېغىز ئۆينىڭ تاملىرىغا دەز كەتكەن ؛ 33 قوتان، 10 يەم- خەشەك ئامبىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن . دەسلەپكى مۆلچەرگە قارىغاندا، بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 2 مىليون 350 مىڭ يۈەنگە يەتكەن . نۆۋەتتە ئادەم قازا قىلىش ۋە يارىلىنىش توغرىسىدا مەلۇمات يوق ئىكەن .
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

كۇيتۇن قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى

ئىراق تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرغا باشپاناھ بولدى

كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى

كەڭساي مەنزىرىلىرى

ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى

سەبىي بالىلار

خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل

چېچەك پەسلى

دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى