ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ناھىيەسىدە 5.6 بال يەر تەۋرىدى

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 11 - ئاينىڭ 25- كۈنى 08:26   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

                                  

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 24-نويابىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 7:30 دە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ناھىيەسىدە 5.6 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 36.8 گرادوس، شەقىي ئۇزۇنلۇق 86.7 گىرادوس، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 مىڭ مېتىر كېلىدىكەن.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش ــ كۆزىتىش ئىستانسىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تەۋرەش مەركىزىي ئادەمسىز رايون بولۇپ، ناھىيەگە ھېچقانچە تەسىرى بولمىغان. يەر تەۋرەش خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، تەۋرەش مەركىزى ئەتراپىدىكى رايونلاردا تارىختىن بۇيان كۆپ قېتىم يەر تەۋرىگەنىكەن. (مۇخبىر خۇرېنبا)

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە