جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
مائارىپ ساھەسىدىكى ھەر تەرەپلىمە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش-پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر مۇھىم ۋەزىپە شۇنداقلا جۇڭگو مائارىپى دۇچ كەلگەن نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى. خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش-خىزمەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. 18-قۇرۇلتاي ئېچىلغان بىر يىلدىن بۇيان، مائارىپ تارماقلىرى ئاجىز ھالقىلارنى نىشانلاپ، ئىجادىي ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مائارىپ ئادىللىقىنىڭ گۈزەل غايىسىنى تېرىشىپ خەلق ئاممىسى ھەقىقىي ھېس قىلىدىغان نەتىجىگە ئايلاندۇردى.
ئەگەر يېزا مائارىپىنى مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا دېسەك، ئۇنداقتا پەقەت نەچچە ئون، ھەتتا بىر نەچچە بالا ئوقۇيدىغان ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى ھەل قىلىدىغان مۇھىمنىڭ مۇھىمى دېيىشكە بولىدۇ. نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە يەنە 60 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتۇش نۇقتىسى بار، تاغلىق جايلاردىكى بالىلارنى قانداق قىلىپ شەھەرنىڭ قەدىمىگە يېتىشتۈرۈپ ماڭغىلى بولىدۇ؟ بۇلتۇر 11-ئايدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى پۈتۈم مەملىكەتتە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى سىفىرلىق مائارىپ بايلىقى بىلەن تولۇق قاپلاش تۈرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بالىلارغا ئەڭ يېڭى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ناھىيە، يېزىلاردىكى غوللۇق ئوقۇتقۇچىلار قوبۇل قىلالايدىغان بوشلۇق دەرسى تېخنىكىسىنىمۇ كۆرسەتتى. ئەنخۇي ئۆلكىسى فەنچاڭ ناھىيەسىدىكى 14 ئوقۇغۇچىسى بار بىر ئوقۇتۇش نۇقتىسى مەشغۇلاتتىكى دەرسخانىدىن پايدىلىنىپ، ناھىيە بازىرىدىكى مۇنەۋۋەر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىلگىرى ئاچالمىغان مۇزىكا دەرسىنى تولۇقلىدى.
بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئوقۇتۇش نۇقتىلىرى سىفىرلىق مائارىپ بايلىقى بىلەن ئاساسەن تولۇق قاپلىنىپ بولىدۇ. بىر تەرەپتىن قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەلا مائارىپ بايلىقى كېڭەيتىلدى. شەھەر-يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭپۇڭ تەقسىملەش-18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىدا مەكتەپ تاللاش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلغان مۇھىم تەدبىر بولدى، ئۆتكەن بىر يىلدا، مائارىپ سىستېمىسى يۈرەكلىك سىناق قىلىپ، شەھەر-يېزىلار، مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىدىغان نۇرغۇن چارىلەرنى توپلىدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆزىگە قاراشلىق رايون، ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىدە مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تۇنجى قېتىم ئاساسەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش نىشانغا يەتكۈزگەن چېڭدۇ شەھىرى ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپ ئادىمىدىن سىستېما ئادىمىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شەھەر-يېزا مەكتەپلىرى ئوتتۇرىسىدا يۆتكىلىشى تەس بولۇش قاتماللىقىنى بۇزۇپ تاشلىدى. مۇشۇ ئاساستا، يەنە داڭلىق مەكتەپلەر ناھىيە بازىرىغا كىرىش، يېزا-بازارلارغا كىرىشنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق ياراتتى.
خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى يولغا قويۇشتا، ئەخلاقلىق ئادەم تەربىيەلەش ئاساسىي ۋەزىپە. لېكىن ئۇزۇندىن بۇيان، ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىدە بايراقدار بولۇش مەكتەپ مۇدىرلىرىنى بېسىپ تۇرغان چوڭ تاغ بولۇپ كەلدى. قانداق قىلغاندا مائارىپ ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ يىل 6-ئايدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېشىل كۆرسەتكۈچ دەپ ئاتالغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپ سۈپىتىنى ھەر تەرەپلىمە باھالاش سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى يادرو قىلىپ، بەش جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 ھالقىلىق كۆرسەتكۈچ ئارقىلىق، ياخشى ئوقۇغۇچى بىلەن ياخشى مەكتەپكە قايتىدىن ئېنىقلىما بەردى.
پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھان نەتىجىسىنى ھەر تەرەپلىمە باھالاپ كۆپ مەنبەلىك قوبۇل قىلىش مېخانىزمىنى تەدرىجىي يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرى بىلەن يېشىل كۆرسەتكۈچنى باھالاش سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرگەندە، نومۇرنى تەكىتلەپ، ساپاغا سەل قاراش، بىلىمنى تەكىتلەپ، ئادەم تەربىيەلەشكە سەل قاراش ئەھۋالىدا ھەقىقىي بۇرۇلۇش ياساشتىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
كۇيتۇن قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
ئىراق تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرغا باشپاناھ بولدى
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى