جۇڭگو ئىقتىسادى، دۇنيا مۇجىسىسى
(ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى 35 يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات توغرىسىدا مۇلاھىزە)
«35 يل سەرپ قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىيى-تويۇش مەسلىسىنى ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قاراپ ماڭدۇق، بۇ 20 ئەسىردىن 21 ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، جۇڭگو ئىنسانىيەت ئۈچۈن قوشقان ئەڭ چوڭ تۆھپە!» ئىسلاھات ئېىچىۋېتىلگەن 35 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو ئىقتىسادىدا يارىتىلغان مۆجىزىگە قارىتا، گوۋۇيۈەن مەسلىھتچىلەر ئىشخانىسى تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى ياۋ جىڭيۈەن باھا بېرىپ مۇنداق دېدى، بىز 30 يىل سەرپ قىلىپ غەرپ ئەللىرى 100 يىل ماڭغان يولنى بېسىپ تۈگىتىپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردۇق.
ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى 35 يىلدا، جۇڭگو ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارى ئۇدا يېڭى بالداققا كتۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى. 1978-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى ئاران دۇنيادا 10-ئورۇندا تۇراتتى؛ 2010-يىلى ياپونىيەدىن ئېشىپ، ئامېرىكىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ قالدى. 2008-يىلىنىڭ كېينكى يېرىمىدا خەلقئارا پۇ مۇئامىلە كىرزېسى پارتلىغاندىن بۇينا، دۆلىتىمىز دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالدى، 2008-212-يىلىغىچە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %20تىن ئېشىپ كەتتى.
تەرەققىيات سۈرئىتىدىن قارىغاندا، 1979-يىلدىن 2012-يىلىغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەچپقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرىچە %9.8 ئاشتى، ھالبۇكى ئوخشاش مەزگىلدە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىشى سۈرئىتى %2.8 بولدى. «دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىش مەزگىلى داۋاملاشقان ۋاقتى ۋە ئېشىپ سۈرئىتى ئىقتىسادىي يۈكسەلگەن مەزگىلدىكى ياپونىيە ۋە ئاسىيادىكى «تۆت نوچى»دىن ئېشىپ كېتىپ، ئىنسانىيەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات تارىخىدا يېڭى مۆجىزە ياراتتى» دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىدا مۇشۇنداق بايان قىلىنغان.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
كۇيتۇن قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
ئىراق تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرغا باشپاناھ بولدى
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى