ــــ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىلاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا مۇلاھىزە—6
دانىشمەنلەر مۇنداق دېگەن، قانچە يىراق ماڭايلى، نېمە ئۈچۈن ماڭغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى 35 يىللىق ئالاھىدە جەريان ئىسپاتلىدىكى، تەرەققىياتى مېۋىلىرىدىن ئادىل بەھرىمەن بولغاندىلا، ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشتا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەمسسەملەتتۈرگىلى بولىدۇ؛ خەلقنى بەختىيار-خاتىرجەم قىلغاندىلا، جۇڭگو زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا سالماقلىق بىلەن ئالغا قاراپ ماڭالايدۇ.
يېڭى تارىخىي جەرياندا، يېڭى ۋەزىيەت-يېڭى ۋەزىپە-يېڭى تەلەپگە قارىتا، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق دەپ قايتا تەكىتلەندى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، «جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى چىقىش نۈقتىسى ۋە مەۋقە قىلىش شەرت» بۇ كوممۇنىستلارنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى تولۇق ئايان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىغا لايىقلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىمنىڭ ئىچكى تەلىپىنى ئىپادىلىدى.
ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشتا، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى ئەينەك قىلىش، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىمىزنى كۆزىتىشىمىز، قەيەردە جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىغا ئۇيغۇن بولمىغان مەسىلە بولسا، شۇ يەرنى ئىسلاھ قىلىشىمىز؛ قايسى ساھە، قايسى ھالقىدا مەسىلە گەۋدىلىك بولسا، شۇ يەرنى ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ھە دەپلا، جايىغا يەتكۈزۈش، بىرەر ئەجىرى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، ھەر قانچە ئۇزۇن سەپەرمۇ بىرىنچى قەدەمدىن باشلىنىدۇ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقتىن ئىبارەت قىممەت يېتەكچىلىكىنى ئىگىلەپ،
ئىسلاھات –ئېچىۋېتىشنىڭ چىقىش نۇقتىسىنى ۋە مەۋقەسىنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشتا زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرساق، چوقۇم تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىپ، تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەككە يېتەلەيمىز
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
كۇيتۇن قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
ئىراق تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرغا باشپاناھ بولدى
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى