‐‐‐ 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (7)
بارلىقىمىز خەلق ئۈچۈن ‐‐ ئىسلاھاتنىڭ ئۆزگەرمەس تۈپ نىشانى؛ خەلققە چىڭ تايىنىش ‐‐ ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچ مەنبەسى.
پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خەلققە چىڭ تايىنىپ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم بايان «ئىسلاھات كىم ئۈچۈن، ئىسلاھاتتا كىمگە تايىنىش كېرەك» دېگەن تۈپ مەسىلىسىگە جاۋاب بەردى. ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكىتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇش، خەلققە چىڭ تايىنىپ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بۇ مۇھىم تەجرىبە پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئورتاق كۈرەش قىلىشىنىڭ تۈپ مىزانى بولغاچقا، ئۇنى تېخىمۇ قەدىرلەش، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
ئىسلاھاتنىڭ بىردىنبىر يۆنىلىشى ‐‐ خەلق ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، بۇ ئىسلاھاتنىڭ تۈپ قىممىتى؛ ئىسلاھاتنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى ‐‐ خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، بۇ ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي مەيدانى. ھازىر ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇرەككەپلىكى، نازۇكلۇقى، قىيىنلىقى 30 نەچچە يىل ئاۋۋالقىدىن ئازراقمۇ قېلىشمايدۇ، مۈشكۈل-مۇرەككەپ ئىسلاھات ۋەزىپىسى ۋە دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان خەۋپ-خەتەر، خىرسقا دۇچ كەلگەنسېرى، ئاممىنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغاشقا شۇنچە ماھىر بولۇپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش يوللىرىنى شۇنچە راۋانلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش مېخانىزمىنى شۇنچە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بارلىق ھاياتىي كۈچلەرنى بەس-بەستە ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي بايلىق يارىتىدىغان بارلىق مەنبەلەرنى جانلاندۇرۇش كېرەك.
خەلققە يېقىندىن تايىنىشتا، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى ئىسلاھاتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىش، خەلقنىڭ رازىمەنلىكىنى ئىسلاھاتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان-بولمىغانلىقىنى ئۆلچەشنىڭ تۈپ ئۆلچىمى قىلىش كېرەك. ھەرقانداق بىر چوڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئىسلاھاتقا چېتىشلىق چوڭ مەسىلىلەرنى خەلقنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ چىڭ ئىگىلەش ۋە ياخشى ھەل قىلىش، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئىسلاھات تەپەككۇرىنى پىلانلاش، ئىسلاھات تەدبىرىنى بېكىتىش كېرەك.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
كۇيتۇن قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
ئىراق تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرغا باشپاناھ بولدى
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى