ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

توقسۇ ناھىيەسى ياردەمگە كەلگەن كادىرلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 11 - ئاينىڭ 25- كۈنى 09:15   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    ئۈچ يىلدىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسى توقسۇغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ لىشۈي شەھىرىدىن كەلگەن كادىرلارنىڭ خاتىرجەم خىزمەت ئىشلىشىگە ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى.

    توقسۇ ناھىيەسى ياردەمگە كەلگەن كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، ياردەم بېرىش خىزمىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئىلغار تىپلارنى يىلدا بىر قېتىم كاتتا مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. توقسۇ ناھىيەسى يەنە بۇ كادىرلارغا خۇددى ئۆز ئۆيىدە تۇرۇۋاتقاندەك ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنى بىنا ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كومپيۇتېر، تېلېۋىزور قاتارلىق تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەپ بەردى، چېگرا رايون ياردەم پۇلى، تاماق ياردەم پۇلى، داۋالىنىش قوشۇمچە ياردەم پۇلى قاتارلىق تولۇقلىمىلارنى ۋاقتىدا بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىلدى. ھېيت - بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ يەرلىك ئاممىنى ۋە يەرلىك مەدەنىيەتنى چۈشىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى.

    توقسۇ ناھىيەسى يەنە ياردەمگە كەلگەن كادىرلارنىڭ سالامەتلىكىنى يىلدا بىر قېتىم ھەقسىز تەكشۈرتۈپ قويدى، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار ئۈچ يىلدىن بۇيان لىشۈي شەھىرىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىگە 205 مىليون 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولدى، توقسۇ ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، توقسۇنى ئورتاق گۈللەندۈرۈشتە باشلامچىلىق رول ئوينىماقتا.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە