كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ يۇمشاق دېتاللار ] دېگەن سەھىپىدىكى يازمىلار
ھازىر بازاردىكى كامېرا لارنىڭ تۈرلىرىنىڭ جىقلىقىغا گەپ توغرا كەلمەس بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماركىسىز(杂牌) كامېرا لار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ! بىر قىسىم يېڭى چىققان كامېرالارنى ھېچقانداق قوزغاتقۇچ پروگرامما قاچىلىمايلا نورمال ئورناتقىلى بولىدۇ، ئەمما سەل بۇرۇنراق چىققان بىر قىسىم كامېرالارنى تونۇتۇش ئۈچۈن چوقۇم قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلاش كېرەك، ناۋادا بۇ قوزغىتىش …..
بەزىدە كومپيۇتېردىكى مۇھىم ماتېرىياللار ياكى شەخسى ئۇچۇر لارنى مەلۇم سەۋەپتىن ئۆچۈرىۋېتىش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ. بۇ چاغدا كۆپىنچىمىز ھۆججەت لەرنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن، ئەخلەت ساندۇقىنىمۇ تازىلىۋېتىمىز ياكى بىۋاستە Shift + Delete كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ھۆججەتنى بىراقلا ئۆچۈرىۋېتىمىز. بىراق Recuva توغرىسىدىكى يازمىدا چۈشەندۈرگەندەك، ناۋادا قاتتىق دېسكىدىكى بۇ ھۆججەتلەر يېزىلغان ئورۇنغا يېڭىدىن ئۇچۇر يېزىلمىغان بولسىلا، يەنىلا …..
ھازىر بىر قىسىم يۇمشاق دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پىدائىيلىرىمىزنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان يۇمشاق دېتاللار خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەپ قالدى. بىراق windows نىڭ كۆڭۈلدىكى سېستىما خەت نۇسخىسى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىغا تەڭشەلمىگەن بولغاچ، بۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان يۇمشاق دېتاللارنى Windows تا ئىجرا قىلغىنىمىزدا، خەت نۇسخىسى نورمال كۆرۈنمەيدىغان ياكى ئەرەپچىدەك كۆرۈنىۋالىدىغان ئەھۋال مەۋجۇد. ئادەتتە …..
GIF Movie Gear بولسا بىر تۈرلۈك GIF ھۆججىتى ھاسىل قىلىدىغان، تەھرىرلەيدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە كۆپ ئىشلىتىدىغان ئالمىشىپ كۆرۈنىدىغان ھەرىكەتچان ئېلانلار دەل مۇشۇ خىلدىكى قوراللارنىڭ ياردىمىدە پۈتۈپ چىقىدۇ. Gif Movie Gear نى ئىشلىتىش قولاي ۋە سىغىمى كىچىك بولغاچقا، بارماقدېسكا قاتارلىقلاردا ئېلىپ يۈرۈشمۇ ئىنتايىن قولاي.
Microsoft Office توغرىسىدا يەنە ئىچكىرىلەپ سۆزلەش بىھاجەتقۇ دەيمەن، سۆزلەشكە توغرا كەلسە، بۇ نۇسخىدا قانداق يېڭىلىقلار بارلىقى توغرىسىدا ئازراق توختالساق بولار، 2010-يىلى چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن Office 2010 نى كۆپچىلىككە بىر تونۇشتۇرىۋېتەي دەپ قالدىم…
PNGView بولسا بىر تۈرلۈك ئەپچىل رەسىم كۆرۈش يۇمشاق دېتالى ، ئادەتتىكى رەسىم كۆرۈش قوراللىرى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، PNGView بىلەن رەسىم كۆرگەندە، 透明(ئەكنەكسىمان ئۈنۈم دەمدۇق؟) رەسىملەرنى گىرۋەكسىز ھالەتتە ئۆز ئۈنۈمى بويىچە كۆرۈش مەقسىدىگە يېتىشكە بولىدۇ، بولۇپمۇ تور بېكەت لايىھەلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دوستلار ئۈچۈن، تور بېكەت يۈزىدىكى ئەينەكسىمان ئۈنۈمدىكى PNG رەسىملىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا رولى …..
ئادەتتە Windows 7 نى قاچىلىغان چېغىمىزدا، رەسىم كۆرۈش ئۈچۈن سېستىما ئۆزى تەمىنلىگەن رەسىم كۆرۈش قورالىنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئايرىم تورداشلار XnView، ACDSee غا ئوخشاش كەسپىي رەسىم كۆرۈش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەتسىمۇ، بىراق يەنىلا خېلى كۆپ قىسىم تورداشلار Windows ئۆزى تەمىنلىگەن رەسىم كۆرۈش قورالى بىلەن رەسىم كۆرۈشكە ئادەتلەنگەن. بىراق Vista ۋە Windows 7 ئۆزىدە تەمىنلەنگەن رەسىم كۆرۈش قورالى GIF فورماتىدىكى ھەرىكەتچان رەسىملەرنى نورمال كۆرسىتەلمەيدىغان بولۇپ، …..
迅雷看看 بولسا 迅雷 نىڭ قارمىقىدىكى Windows سۇپىسىدا ئىشلەيدىغان كىنو-فىلىم قويۇش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىگەللىشى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن، كۆرۈنمە يۈزى ناھايىتى چىرايلىق ۋە ھېچقانداق ئارتۇقچە ئېلان ئارىلاشتۇرۇلمىغان، سىغىمى كىچىك، فىلىم خېتىنى توردىن ئاپتوماتىك چۈشۈرۈپ بېرەلەيدۇ ۋە 迅雷 دا نۆۋەتتە چۈشىۋاتقان كىنونى تولۇق چۈشۈرمەستىنلا قويۇشقا بولىدۇ، سەپلىمىسى بىر قەدەر تۆۋەن كومپيۇتېرلاردا …..
ئېلكىتاب ئاتالغۇسىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ pdf فورماتىدىكى ئېلكىتاب لارغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، توردا ياخشى ئەسەرلەرنى، شېئىرلارنى ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى PDF شەكلىدە ساقلىۋالىدىغان ئادەت شەكىللىنىشكە باشلىدى. ھازىرغىچە توردا تارقىلىپ يۈرگەن ئۇيغۇرچە ئېلكىتاب ھۆججەتلىرىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، PDF نىڭ يانفوندىمۇ نورمال ئوقۇشقا بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، تورداشلار ئۆزلىرى ياخشى …..
نۇرغۇن تورداشلار كومپيۇتېرىغا پارول بېكىتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى قوغداشنى ياخشى كۆرىدۇ. گەرچە ئاز بىر قىسىم كومپيۇتېرلاردا windows مەشغۇلات سېستىمىسىغا بارماق ئىزى بىلەن تىزىملىتىپ كىرىش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن بولسىمۇ، كۆپ قىسىم كومپيۇتېرلاردا يەنىلا پارولنى قولدا كىرگۈزۈشكە مەجبۇر بولىمىز، ناۋادا سىزنىڭ پارولىڭىز ھەم ئۇزۇن ھەم ئەستە تۇتۇش قىيىن بولغان پارول بولسا، بۇ Windows قا …..
يېقىندا Adobe شىركىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك يېڭىلاپ، ئەڭ يېڭى CS5 نۇسخىلىرىنى ئېلان قىلدى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىچىدە كۆپچىلىككە تونۇش بولغان Adobe photoshop مۇ بار بولۇپ، بۈگۈن كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلگىنىم، Photoshop CS5 نىڭ ئىخچاملاشتۇرۇلغان ۋە ھەقسىز ئاكتىپلىنىدىغان نۇسخىسى . بىر قىسىم زىيادە چوڭ سىغىمدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ياقتۇرمايدىغان، چۈشۈرۈشكە ھورۇنلۇق قىلىدىغان ۋە ئاكتىپلاش ئاۋارىچىلىقىدىن قورقىدىغان تورداشلار ئۈچۈن ياخشى تاللاش …..
Sogou Explorer (يەنى Sogou توركۆرگۈ سى) بولسا، بىر تۈرلۈك Webkit ۋە IE يادروسىنى تەڭ ئىشلىتىشكە بولىدىغان تور كۆرگۈ. يەنى تور بېكەت زىيارەت قىلغاندا بىز بىرلا ۋاقىتتا IE ۋە FireFox/Chrome/Safari ئۈنۈملىرىدە تور بېكەت زىيارەت قىلالايمىز، بۇنىڭدىن باشقا Sogou تور كۆرگۈسى يەنە ئۆزىدە مائارىپ تورى قاتارلىقلاردا تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن بولۇپ، ياتاقتا تورغا چىقىدىغان …..
خەنچە ياماقتا ۋىروس باكەن .. چۈپ بولغىچە يۇيۋەتتى ..