ئاپتورى: مويەن ئابدۇسالام ئابلىز تەرجىمىسى (ھېكايە)
ئاشۇ يۇلتۇزلارنى زادىلا ئۇنتۇيالمايمەن، ئۇلارنىڭ جىمىرلاشلىرى، مېنى چۆرگىلەپلا يۈرىدىغان قارا كۆچۈكۈمگە ئوخشاش شەيتانلىق قىلىپ كۆزىنى قىسىشلىرى، كېچە ئاسمىنىدا ياقۇتتەك چاقناشلىرى ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرەتتى.
شۇ چاغلاردا مېنىڭ قانچە ياشتا ئىكەنلىكىمنى كىم بىلەتتىكىن تاڭ؟ بەلكىم بوۋام ياكى ئانام بىلەر بولغىيتتى، ئىشقىلىپ مەن بىلمەيمەن، ئۇلارمۇ بىلمەمدۇ تېخى، ئۇلار بىلگەن تەقدىردىمۇ ماڭا بەرىبىر دەپ بەرمەيدۇ - دە.
ئەڭ بۇرۇن يادىمدا قالغىنى قاتتىق سوغۇق بولغان ئاشۇ ئەتىگىنى ئىدى، بۇ ئەتىگىنى پۈتۈن مەھەللە ئۇيقۇغا كەتكەن بولۇپ، ئىتلارنىڭ ئاندا - ساندا قاۋاشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەن قول ھارۋىسىنىڭ يېنىدىكى سېۋەتتە ياتاتتىم، ئاستىمغا قېلىن پاخال سېلىنغان بولۇپ، پاخال ئۈستىگە يەنە مەندىن ئۇزۇن بىر ئىت تېرىسى سېلىنغانىدى. تېرىنىڭ ئالتۇندەك سېرىق تۈكلىرى تىۋىتتەك يۇمشاق ئىدى. مەن ئۇ ئىتنى تىرىك چېغىدا يولۋاستەك ھۆركىرەپ، شىردەك ھۇۋلايدىغان تولىمۇ سەگەك ۋە بەردەم ئىت بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.
−− شياڭنيۇ، بازارغا گۆش ساتقىلى بارىمىز، گۆشنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن تازا ئوخشىغان مانتىدىن ئېلىپ يەيمىز، ساڭا قورسىقىڭ تويۇپ ئېتىلىپ كەتكۈدەك بىر مانتا يۈگۈزمىسەم... −− ئانام شۇنداق دېگىنىچە مېنى سېۋەتكە سېلىپ، ئۈستۈمگە ماڭا ئاتاپ تىككەن يوتقاننى يېپىپ قويغاندىن كېيىن سېۋەتنى ھارۋىغا ئالدى، ئاندىن بوۋامغا يۇمىلاق ياغاچنى چېتىپ ياسىغان قوش قاناتلىق ئىشىكنى ئېچىپ بەردى. بوۋام ئېڭىشىپ ھارۋىنىڭ بېغىنى بوينىغا سېلىپ، ھارۋىنىڭ مايلىشىپ كەتكەن تۇتقۇچىدىن سۆرىگىنىچە ھويلىدىن چىقتى. بوۋام ھويلىدىن چىققاندىن كېيىن ئانام ئىشىكنى ياپتى - دە، ئىشىكنىڭ قاغا تۇمشۇقىنى ئىلگەندىن كېيىن، سېرىق رەڭلىك يوغان مىس قۇلۇپنى سالدى. قارا كۈچۈك )مەن ئۇنى ئەركىلىتىپ قارىۋاي دەپمۇ قوياتتىم( گاھى ھارۋىنىڭ كەينىدە قالسا، گاھى ھارۋىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ »قانداق، كىم يامانكەن« دېگەندەك قىلىپ قاۋاپ قوياتتى. قارىۋاينىڭ قاراڭغۇدا چاقناپ تۇرغان كۆزى، ئاي شولىسىدا پارقىراپ تۇرغان تۈكلىرى ئۇنى تېخىمۇ ئوماق كۆرسىتەتتى. شۇنداق بىزنىڭ قارىۋاي پۈتۈن مەھەللە، پۈتۈن ناھىيە، پۈتۈن ئۆلكە بويىچە ئەڭ ئوماق، چىرايلىق ۋە بەختلىك ئىدى. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا چوشقا قېنى ئىچىپ، بوردىغان چوشقا گۆشى يەپ چوڭ بولغان، پۈتۈن دۇنيادا بەلكىم بىزنىڭ قارىۋايدەك تەلەيلىك ئىت بولمىسا كېرەك. ئۇ تۇغۇلغاندىن بېرى ئاشقان - تاشقانلارنى يەپ چوڭ بولغان ئىتلار بىلەن بىرگە ئوينىمايتتى، ئۇ شۇنچىلىك خۇشبۇي ئىدى، مەھەللىدىكى باشقا ئىتلار بولسا شۇنچىلىك بەتبۇي ئىدى.
−− ھاي قارىۋاي، بېرىپ ئۆينى باققىن، −− دېدى ئانام.
قارىۋاي »بولىدۇ« دېگەندەك قىلىپ قاۋاپ قويۇپ، سوقما تامنىڭ تۆشۈكىدىن شۇڭغۇپ ئۆتۈپ ئۆيگە ياندى. مەن ئۇنىڭ ھويلىدا قاۋاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم، ئۇ بىز بىلەن خوشلىشىۋاتاتتى، ئۇ »گۆشنى بالدۇر سېتىپ بولۇپ چاپسان قايتىپ كېلىڭلار« دەۋاتاتتى.
|


