• قاسساپنىڭ قىزى(ھېكايە)(3)

    يوللانغان ۋاقتى:16-02-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    ئاچ يېشىل كەمزۇل، سۇس كۆك ئىشتان كىيىۋالغان ئانام چېچىنى ئورىۋالغانىدى. ئۇنىڭ مەڭزى قىزىل بولۇپ، لەۋلىرى ئۈست
    ئاچ يېشىل كەمزۇل، سۇس كۆك ئىشتان كىيىۋالغان ئانام چېچىنى ئورىۋالغانىدى. ئۇنىڭ مەڭزى قىزىل بولۇپ، لەۋلىرى ئۈستىدە سېرىق تۈكلەر بار ئىدى. كىرپىكلىرىگە ئاپپاق قىروۋ قونغانىدى. ئانام ئەزەلدىن ئالدىمدا يىغلاپ باقمىغان، ئەمما ئۇ ھېلىلا يىغلىۋېتىدىغاندەك كۆرۈنەتتى. ئانام يىغلىسا ئۇنىڭ ئۆيىمىزنىڭ لەمپىسىدە ساڭگىلاپ تۇرغان چوكا مۇزدەك چىپىلداپ ئېرىپ كېتىشىدىن، ئاخىر پارغا ئايلىنىپ يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم، شۇڭا ئانامنىڭ يىغلىشىدىن قورقاتتىم، ئانا ھەرگىز يىغلىماڭ.
    قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلۈپ، شەھەر قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەنىدى، مەن يىراقتىن ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىدە چوقچىيىپ تۇرغان تۇرخۇنلارنى، تاملاردىكى كۆپكۆك ئوتلارنى كۆردۈم. تۇرخۇنلاردىن قويۇق ئىس چىقىۋاتاتتى، ئىسنىڭ قارىلىرى زۇلمەتلىك كېچىدىنمۇ، پاسىقلارنىڭ كۆڭلىدىنمۇ قارا، ئاقلىرى قاردىنمۇ، بوۋاقنىڭ قەلبىدىنمۇ ئاق ئىدى.
    بىز شەھەر دەرۋازىسىدىن كىرىپ دەۋرەپ تۇرغان ئادەم دېڭىزىغا قوشۇلۇپ كەتتۇق. كىشىلەر ماڭا مۇنداقلا بىر قاراپ قويۇپ ئىككىنچىلەپ قارىمايتتى. ئۇلار قانداقتۇر بىر غېمى باردەك ئالدىرىشاتتى. بىز تاش ياتقۇزۇلغان ئەگرى يوللاردىن ئايلىنىپ ئۆتكەندىن كېيىن گۆش بازىرىغا يېتىپ باردۇق. بوۋامنىڭ يۈزلىرىدە تەر تامچىلىرى يالتىرايتتى، بۇرۇتى ئۈستىگە مۇز ئۇيۇغانىدى، بوۋام گۆش بازىرىغا ھەمىشەم مۇشۇنداق قىياپەتتە كېلەتتى.
    بوۋام ئاچىماق شاپتۇل ياغىچىنى ھارۋىنىڭ شوتىسىغا تىرەپ قويدى. مەن راھەت ئىلكىدە سېۋەتكە، مايلىشىپ پارقىراپ كەتكەن كانارغا قارىدىم. گەرچە يول يىراق بولسىمۇ، بىز سەھەر كەلگەچكە تۇنجى بولۇپ چوڭ ئىككى پارچە گۆشنى تازىلاپ كانارغا ئېسىۋالدۇق. كانارنىڭ يېنىدا بىر ئېرىق بولۇپ، ئېرىقتا پاسكىنا ئىسسىق سۇ ئاقاتتى. سۇنىڭ قەيەردىن چىقىپ، قايسى تەرەپكە ئېقىۋاتقانلىقىنى بىلىپ بولمايتتى، ئەتىگەن تۇرۇۋالغان بىر نەچچە توخۇ ئېرىقنىڭ يېنىدا ئەخلەتلەرنى تاتىلاپ دانلاۋاتاتتى.
    ئانام بوۋامغا ياردەملىشىپ گۆشنى كانارغا ئېسىشتى. گۆش ئاسقان قارماقنى ئۆزىمىز ئېلىپ كەلگەنىدۇق، ئۆيىمىزدە توم پولات چىۋىقتىن ياسالغان بۇنداق قارماقلار تولا ئىدى. ئانام ھېلىقى يۇمىلاق سېۋەتنى كانارغا ئېسىپ قويدى. ئۇنىڭ ئىچىدە پىچاق، بىلەي، تارازا، يەنە گۆش يۆگەيدىغان نېلۇپەر يوپۇرمىقى دېگەندەك نەرسىلەر بار ئىدى. بوۋام چاپىنىدىن تاماكا خالتىسىنى چىقىرىپ تاماكا يۆگىدى ۋە ئۇنى تۇتاشتۇرۇپ ئىسىنى ھالقا چىقىرىپ پۈۋلىدى، ئۇنىڭ تاماكا ئىسى قاپلىغان، ئۆپكىدەك ئېسىلگەن يۈزىدە يول - يول قورۇقلار، قورۇقلار ئىچىدە يۇيۇپمۇ مەڭگۈ چىقىرىۋەتكىلى بولمايدىغان كۈل رەڭ كىرلار بار ئىدى. سۈركىلىۋېرىپ خىرەلىشىپ كەتكەن ساقىغا ئوخشاپ قالغان گۈنسىز كۆزلىرى تاماكا ئىسىدا تولىمۇ زەئىپ پىلدىرلايتتى. ئۇ تەلپىكىنى كەينىگە ئىتتىرىۋېدى، تاقىر بېشىنىڭ يېرىمى كۆرۈنۈپ قالدى. بوۋام ھەقىقەتەن سەت ئىدى، مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەيتتىم، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايتتىم. يالغۇز ئانام يېنىمدىكى چاغلاردا خەقنىڭ بوزەك قىلىشىدىن قورقاتتىم، ئەگەر يېنىمدا ئانام بىلەن بوۋام بولسا قورقمايتتىم. ئەتراپىمدىكى سوغۇق ھاۋادىن تاماكا ۋە تەر پۇرىقى بىلەن چوشقا گۆشىنىڭ پۇرىقى كېلەتتى. ئانام خۇشبۇي پۇرايتتى، بوۋام بولسا بەتبۇي تېرە پۇرايتتى. بەلكىم بوۋام دائىم قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن ھېلىقى چاپىنىنى كىيىۋالغاچقا شۇنداق پۇرايدىغاندۇ. ئۇنىڭ چاپىنى ئون نەچچە يىلدىن بېرى چوشقا مېيىغا سۈركىلىپ پارقىراپ، قارا يامغۇردىنمۇ قورقمايدىغان بولۇپ كەتكەنىدى.



    ھالقىلىق سۆزلەر : مويەن، ھايات


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار