قۇرۇغان دەريا
يوللانغان ۋاقتى:24-06-2011
مەنبە: تارىم 2010-2-سان
مۇھەررىر: تەكلىپلىك مۇھەررىر
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
ناھايىتى چوڭ قىزىل ئاي كەنتنىڭ شەرقىدىكى گۇگۇم پەردىسى قاپلىغان چەكسىز دالىدىن كۆتۈرۈلگەندە، كەنتنى بىر ئالغان ئىس - تۈتەك بارغانسې
ئاپتورى: مويەن
ئابدۇسالام ئابلىز تەرجىمىسى
ناھايىتى چوڭ قىزىل ئاي كەنتنىڭ شەرقىدىكى گۇگۇم پەردىسى قاپلىغان چەكسىز دالىدىن كۆتۈرۈلگەندە، كەنتنى بىر ئالغان ئىس - تۈتەك بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، ئاينىڭ ئاچ قىزىل رەڭگىنىمۇ ئاقۇچ رەڭگە ئۆزگەرتىۋېتەي دەپ قالغانىدى. بۇ چاغدا قۇياش ئەمدىلا ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇپۇق سىزىقىنىڭ تۆۋىنىدە قالدۇق بۇلۇتلار ئۈزۈپ يۈرەتتى. بىر نەچچە كىچىك يۇلتۇز ئاقۇچ نۇر چېچىشقا باشلىغانىدى. كەنت سۈرلۈك تۈس ئالغان بولۇپ، ئىتلار قاۋاشمايتتى، مۈشۈكلەر مىياڭلىمايتتى، غاز - ئۆردەكلەرنىڭمۇ ئۈنى ئۆچكەنىدى. شۇ ئەسنادا بىر بالا بىر قانىتى يېرىم ئېچىلغان دەرۋازىدىن چىقىپ كەلدى. ئۇ دەرۋازىدىن چىقىپلا گويا ئەرۋاھتەك ئەتراپنى تىمسىقلاپ يۈردى. ئاندىن كەنتنىڭ ئارقىسىدىكى تۇغاننى ياقىلاپ ئاستا ماڭدى، تۇغاننىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئوت - چۆپلەر ۋە دەل - دەرەخنىڭ سارغىيىپ تۆكۈلگەن غازاڭلىرى غىرىسلايتتى. ئۇ تولىمۇ ئاستا كېتىۋاتاتتى، ئۇ قۇرۇق ئوت - چۆپ ۋە غازاڭلارنىڭ دەسسەپ - چەيلىنىشتىن چىققان يېنىك تىۋىشى ئىچىدە تۇغاننىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇردى، ئۇنىڭ كۆلەڭگىسى بويىدىن خېلىلا ئۇزۇن ئىدى. ئۇ ئەتە ئەتىگەن دەريادىكى تاتلىقياڭيۇلۇقتا پاقىدەك تۈگۈلۈپ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەندە كەنتتىكىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالار. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېشىنى بىلمەيدۇ، بەزىلەر ئىسمىنى بىلىدۇ. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ھاڭ - تاڭ قېلىشقىنىچە مەھەللىدىكىلەرنىڭ بالىسى ھەققىدە سورىغانلىرىغا جاۋاب بېرەلمەي قالار. ئۇ ۋىجىككىنە، ئاغزى يوغان، پاناق بۇرۇن، كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان، تۇغۇلۇپ شۇ كەمگىچە ئاغرىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان بىر سەبىي بالا ئىدى. دەرەخقە چىقىشتا ھېچكىم ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيتتى. ئۇ ئەتە ئەتىگەندە ساغرىسىنى يېڭى كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا قىلىپ، يۈزىنى قوغۇن پېلەكلىرىگە ياققان پېتى سۇنايلىنىپ ياتىدۇ. بۇ چاغدا بىر توپ دېھقان ئۆڭى ئۆچكەن ھالدا ئۇنىڭ تاتىراڭغۇ ساغرىسىغا قارىشىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ يارا بىلەن تولغان ساغرىسىغا ئاپتاپ چۈشۈپ تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ ساغرىسىنى كۆرگەنلەر گويا ئۇنى كۆرگەندەك بولىدۇ.
بالا تۇغاندا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، قوللىرىنى پۇتلىرىنىڭ ئارىسىغا تىقتى، ئېڭىكىنى ئىنچىكە تىزلىرىغا قويدى. ئۇنىڭغا يۈرىكى سۇ چاشقىنىغا ئوخشاش بەدىنى ئىچىدە ئۇياقتىن - بۇياققا چېپىپ يۈرۈۋاتقاندەك تۇيۇلدى. بۇ »سۇ چاشقىنى« بەزىدە ئۇنىڭ گېلىدە، بەزىدە قورسىقىدا، بەزىدە پۇت - قولى ئىچىدە چېپىپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى گويا ئۆزئارا تۇتىشىپ كەتكەن چاشقان ئۇۋىسىغا ئوخشاپ قالغاندەك ئىدى، ئۇنىڭ چاشقانغا ئوخشاپ قالغان يۈرىكى ئۇنىڭ بەدىنىدە خالىغانچە ھەم بىمالال پىرقىراپ يۈرەتتى. ئاي خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالغانىدى. ئۇ بۇلۇتتەك كۆكتە ئۈزمەكتە. يېزىدىكى ئىس - تۈتەك توختىماستىن ئەتراپقا تارقالماقتا، يۇقىرىغا ئۆرلىمەكتە ئىدى. ئىس - تۈتەك جىمى ئۆيلەرنى، كەنتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئېگىز ئاق تېرەكنى ئۆز قوينىغا ئالغانىدى. قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تېرەكنىڭ غولى خۇددى كۈنلۈكنىڭ سېپىغا، ئىس - تۈتەك بولسا كۈنلۈكنىڭ سايىۋىنىغا ئوخشايتتى. يېزىدىكى دەل - دەرەخلەر ئىس - تۈتەك ئىچىدە شۈمشىيىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. ئاق تېرەك يېزىدىكى جىمى دەل - دەرەختىن ئېگىز بولۇپ، مەغرۇر ھالدا كۆك بىلەن بوي تالىشاتتى، ئاق تېرەكنىڭ 21 مېتىردەك كېلىدىغان يېرىدىكى ئاچىماقنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر - بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن قۇرۇق شاخلار بار ئىدى، شاخلارنىڭ ئارىسىغا سېغىزخان، قاغىلار ئۇۋا سېلىشىۋالغانىدى. بۇ جانىۋارلار كۈندە توختىماستىن غوۋغا كۆتۈرۈشەتتى، ئايدىڭ ئاخشاملىرى بولسا ئايغا قاراپ شاراخشىپ كېتەتتى.
ئۇ كۆلەڭگە قوينىدا ئولتۇرغىنىدا ئۆكسۈگەندەك ئاۋاز ئاڭلاندى، بەلكىم بۇ ئاۋاز ئۇنىڭ قۇرۇپ كەتكەن بوغۇزىدىن چىققاندۇ، بەلكىم ئۇ ئاباياملا بولۇپ ئۆتكەن ئىشنى يادىغا ئالغاندۇ. ئۇ چاغدا ئۇ ئۇچىسىغا كەڭ كۆڭلەك كىيىۋالغان بولۇپ، يالاڭ ئاياغ پېتى ئاق تېرەكنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. ئاق تېرەكنىڭ يېنىدا كەنت بويىچە بىردىنبىر بەش ئېغىز كاھىشلىق ئۆي بار ئىدى، بۇ ئۆينىڭ بالىسى ناھايىتى چىرايلىق، قاپقارا كۆزلىرى گويا ئىككى تال قارا شاھمات ئۇرۇقىغا ئوخشايدىغان قىز ئىدى. قىز ئۇنىڭدىن:
−− شياۋخۇ، سەن بۇ تېرەككە چىقالامسەن؟ −− دەپ سورىدى.
ئۇ مەڭدىگىنىچە قىزغا قاراپ ھىجايدى، پاناق بۇرنى پۈرۈلدى.
−− چىقالمايسەن، چىقالمايسەن دېدىممۇ چىقالمايسەن.
ئۇ قېلىن كالپۇكلىرىنى چىشلىدى.
−− سەن تېرەككە چىقىپ شاخ قايرىپ بېرەلەمسەن؟ ئاۋۇ شاخنى، ئاۋۇ تۈپتۈز شاخنى كۆردۈڭمۇ، مەن ئۇنىڭدىن مىلتىق ياسايمەن، ياساپ بولغاندىن كېيىن ئىككىمىز بىللە ئوينايمىز، سەن ئىشپىيون بولىسەن، مەن ھەربىي بولىمەن.
ئۇ بېشىنى كۈچەپ سىلكىدى.
−− چىقالمايدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم، سەن شياۋخۇ ئەمەس، بىر مىكىجىن! −− دېدى قىز غەزەپلەنگەن ھالدا، −− بۇنىڭدىن كېيىن سەن بىلەن ئوينىمايمەن.
ئۇ قاپقارا كۆزلىرىدىن نۇر چاقناتقان ھالدا قىزغا قاراپ ھىجايدى، ئۇنىڭ شۇ تۇرقى گويا يىغلاۋاتقاندەكلا كۆرۈنەتتى. ئۇ پۇتلىرى بىلەن يەرنى تۈرتۈگەندىن كېيىن دۇدۇقلىغىنىچە:
−− چىقالايمەن، −− دېدى.
−− راستما؟ −− سورىدى قىز ناھايىتى خۇش بولۇپ.
ئۇ بېشىنى كۈچەپ لىڭشىتتى، كۆڭلىكىنى سالدى.
−− سەن ئەتراپنى كۆزىتىپ تۇر، ئۆيۈمدىكىلەر كۆرۈپ قالمىسۇن، ئۇلار مېنى دەرەخكە چىققۇزمايدۇ.
قىز ئۇنىڭ كۆڭلىكىنى ئېلىپ، بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈردى.
ئۇ پۇتلىرى بىلەن تېرەككە چىرماق سالدى. ئۇنىڭ پۇتلىرى سۈررەڭ تېرەكنىڭ غولىنى ئامبۇردەك قاماللىدى. ئۇ تېرەككە چىقىشتا بەئەينى مۈشۈكنىڭ ئۆزى ئىدى، بۇ جەھەتتە ئۇنى تۇغما ئىقتىدارلىق دېيىشكە بولاتتى.
قىز ئۇنىڭ كۆڭلىكىنى تۇتقىنىچە تېرەكنىڭ ئۆزى تەرەپكە ئاستا قىيسىيىۋاتقانلىقىنى، تېرەكنىڭ يادەك ئېگىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى، قىزغا شياۋخۇ تېرەكتىن ھېلىلا ئۇچۇپ چۈشىدىغاندەك تۇيۇلدى. قىز قورققىنىدىن تىترەپ كەتتى، كېيىن تېرەكنىڭ تېزلا ئەسلىي ھالىتىگە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلى جايىغا چۈشتى. ئاق تېرەكنىڭ شاخ - يوپۇرماقلىرى غەربكە قىيسىۋاتقان كەچكى قۇياشنىڭ نۇرىدا يالتىرايتتى، ئۇچىدىكى بىر نەچچە تال يوپۇرماق قورۇلۇپ قالغان بولۇپ، يەنىلا كۆكۈچ رەڭدە ئىدى، شاخلارنىڭ تەۋرىنىشى بىلەن قۇرۇپ قالغان يوپۇرماقلار شىلدىرلايتتى. تېرەكنىڭ ئاجايىپ - غارايىپ ھەرىكەتلىرى قىزنىڭ كۆزلىرىنى ئالا - چەكمەن قىلىۋەتتى، قىز بارغانسېرى ئېگىزگە ئۆرلەۋاتقان بالىنىڭ قارامتۇل پارقىراق دۈمبىسىنى كۆرۈپ تۇردى.
−− شياۋخۇ، تېز يېنىپ چۈش، تېرەك ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ! −− دېدى قىز ۋارقىراپ. ئۇ تېرەكنىڭ شاخ - يوپۇرماقلىرى شالاڭ يېرىگە چىقىپ بولغانىدى، تېرەك شاخلىرى ئارىسىدا قاغا، سېغىزخانلار گويا موكىدەك ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى.
−− تېرەكنىڭ شېخى سۇنۇپ كېتىدۇ! −− ئۇ قىزنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ تېز ئۆرلىدى. قاغا - قۇزغۇنلارنىڭ قانىتىدىن چىققان شامال ئۇنىڭ بوينىغا ئۇرۇلۇپ، ئۇچىسىنى سەگىتكەندەك بولدى. قىزنىڭ توۋلىشى ئۇنى سەگىتتى، ئۇمۇ تېرەكنىڭ خەتەرلىك يېرىگە چىقىپ قالغانلىقىنى، شاخلارنىڭ يادەك ئېگىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، كۆپكۆك ئاسماننىڭ پىرقىراۋاتقانلىقىنى سەزدى. ئۇنىڭ پۇتىنىڭ بىر پارچە مۇسكۇلى توساتتىن لىپىلداپ كەتتى، ئۇ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ پۇتىنىڭ لىپىلداۋاتقان مۇسكۇلىغا قاراپ ئۇنى ئېنىق كۆردى. بۇ چاغدا ئۇ قىزنىڭ يەنە:
−− شياۋخۇ، يېنىپ چۈشكىن، تېرەك ئېگىلىپ بىزنىڭ ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە تېگەي دەپ قالدى، ئۆگزىنىڭ كاھىشى چېقىلىدىغان بولسا ئانامدىن دۇمبا يەيسەن! −− دەپ ۋارقىرىغانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ ئېسەنگىرەپ قالدى، غول شاخقا چىڭ يېپىشىپ تۇرۇپ پەسكە قارىدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ بېشى قايدى، كۆزى تورلاشتى، ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئېگىزگە چىقىپ كەتكەنلىكىنى تەئەججۈپ ئىلكىدە سەزدى. بۇ ئاق تېرەك پۈتۈن مەھەللىدىكى دەرەخلەردىن ئېگىز ئىدى، ئۇ مۇشۇنداق ئېگىز دەرەخكە چىققانلىقى ئۈچۈن بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلگەنىدى. شۇ تاپتا ھەممە ئۆي - ئىمارەت، ھەتتا قۇياشمۇ ئۇنىڭ ئاستىدا قالغانىدى. قۇياش تېزلا ئولتۇردى، ئولتۇرغان قۇياش ئۆردەك تۇخۇمى شەكلىدە ئىدى. ئۇ يىراق - يېقىندىكى پاخال ئۆگزىلىك ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىدىكى چىرىپ كەتكەن مەنگەنلەرنىڭ يامغۇردا تۈپتۈز بولۇپ كەتكەنلىكىنى، يازدا ئۆسكەن مۇخلارنىڭ چىقىپ قالغانلىقىنى، مۇخلارنى قۇشقاچ مايىقى بېسىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. يوللاردىن قويۇق توپا - چاڭ كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى، بىر يېشىل رەڭلىك پىكاپ قويۇق توپا - چاڭ توزۇتقىنىچە ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، بۇ پىكاپ بىر ھازادىن كېيىن كۆزدىن غايىب بولدى. توپا - چاڭ تارقالغاندىن كېيىن ئۇ ئۈچەي - قارنى چۇۋۇلۇپ كەتكەن بىر سېرىق كۈچۈكنىڭ يولدا سۇنايلىنىپ ياتقانلىقىنى كۆردى، كۈچۈكنىڭ ئۈچەي - قارنى يەردە ئارغامچىدەك سوزۇلۇپ ياتاتتى. كۈچۈك جىممىدە ياتاتتى، ئۇ خاتىرجەم ھالدا ئۇ ئالەمگە كەتكەنىدى. كۈچۈكنىڭ تېنىمۇ ئاستا - ئاستا سوۋۇدى، سېرىق كۈچۈك سېرىق توشقانغا، سېرىق چاشقانغا ئوخشاپ قالدى، ئاخىر بولسا قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. ئەتراپتىن قۇرۇق بوتۇلكىنىڭ ۋىڭىلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇ ئاۋازنىڭ نەدىن كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ بولمايتتى. كىشىلىك دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مەۋجۇدات كۈچۈكنىڭ قىسمىتىدەك قىسمەتتىن خالىي بولالمايدۇ. قىز ئۇنىڭغا يەنە ۋارقىرىدى، ئەمما ئۇ ئاڭلىمىدى. ئۇ كاھىشلىق ئۆيلەرنىڭ ئالدىدىكى ھويلىغا قارىدى، ناۋادا ئۇ بۇ تېرەككە چىقمىغان بولسا بۇ ھويلىنى مەڭگۈ كۆرەلمىگەن بولاتتى. تېرەك ئاستىدا ئۆزىگە قاراپ تۇرۇۋاتقان قارا كۆزلۈك قىزچاق بىللە ئوينىغىلى ئۇنى دائىم ئىزدىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ قىزنىڭ ئۆيىگە −− شياۋجىننىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئوينىماسلىقىنى قايتا - قايتا جېكىلەيتتى. قىزنىڭ ئىسمى شياۋجىنمۇ؟ ئۇ قاتتىق گۇماندا سورايتتى ئۆز - ئۆزىدىن. ئۇ گاڭگىراپ قالاتتى، كەنتتىكىلەر ئۇنى زېھنى ئاجىز دېيىشەتتى. بالا ھويلىغا قارىدى، ھويلىغا ناھايىتى كەڭ تام سېلىنغان بولۇپ، تام يېنىدىكى مېيخۇا گۈلىنىڭ يوپۇرماقلىرى سولىشىپ، سۆسۈن رەڭلىك غولىلا قالغانىدى. قورۇدا ئىكى ۋېلىسىپىت تۇراتتى، ۋېلىسىپىتنىڭ سىملىرىغا يالىتىلغان نىكىل يالىلداپ، ئۇنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇۋەتتى. بەستلىك بىر ئەر ئۆيدىن چىقىپ تام تۈۋىگە كېلىپ چاترىقىنى كېرىگىنىچە سىيدى. ئۇ بۇ ئادەمنى تونۇپ، قورققىنىدىن تېرەككە مەھكەم چاپلىشىۋالدى، ھەتتا نەپەس ئېلىشقىمۇ پېتىنالمىدى. بۇ ئادەم ئىلگىرى ئۇنىڭ قۇلىقىنى سوزغىنىچە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىن:
−− شياۋخۇ، ئىتنىڭ نەچچە پۇتى بار؟ −− دەپ سورىغان، ئۇ كۈچەپ تۇرۇپ ئاغزىنى بىر تەرەپكە قىلىپ:
−− ئۈچ پۇتى بار! −− دەپ جاۋاب بەرگەندە كىشىلەر قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كېتىشكەنىدى. شۇ چاغدا دادىسى بىلەن ئاكىسىنىڭمۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئىكەنلىكى، ئاكىسىنىڭ نومۇستىن پوكاندەك قىزىرىپ كەتكەنلىكى، دادىسىنىڭ خىجىللىق ئىچىدە نائىلاج كىشىلەرگە ئەگىشىپ كۈلگەنلىكى ئۇنىڭ ئېسىدە ئىدى. مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئاكىسى ئۇنى ئۇرغاندا دادىسى ئاكىسىنى توسۇپ:
−− سېكرېتارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئويناشقانلىقى بىزنى يېقىن كۆرگەنلىكى، بۇ ئۇنىڭ نەزىرىدە بىزنىڭ بولغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرىدۇ، −− دېگەن. ئاكىسى ئۇنى قويۇۋېتىپ تاتلىق بەرەڭگە ئۇنىدىن پىشۇرۇلغان قاپقارا، پارقىراق بىر قوتۇرماچنى ئاغزىغا نوقۇپ تۇرۇپ:
−− بۇ نېمە؟ −− دەپ سورىغاندا بالا چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقىنىچە:
−− ئىت پوقى! −− دېگەنىدى.
−− شياۋخۇ، تېز بول! −− دەپ توۋلىدى قىز.
ئۇ يەنە ئاستا - ئاستا ئۆرلىدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ پۇتلىرى قاتتىق تىترىدى. تېرەك ئاستىدىكى كاھىشلىق ئۆگزىدىكى تۇرخۇندىن توساتتىن قويۇق ئاق ئىس كۆتۈرۈلدى. قويۇق ئىس تېرەك شاخلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ، قاغا - سېغىزخان چاڭگىسىغا كىردى. تۇرخۇندىن چىققان ئىسقا چىدىمىغان قۇشلار ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۇچاتتى، سايرىشاتتى. ئۇ بىر تۇتام كەلگۈدەك ئاچا شاخنى تۇتۇپ كۈچەپ قايرىۋېدى، تېرەك قاتتىق لىڭشىپ كەتتى، ئەمما شاخ سۇنمىدى.
−− كۈچە، −− دەپ توۋلىدى قىز، −− تېرەك ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدۇ، ئۇ ئاشۇنداق ئېگىلىپ ئادەم قورقۇتىدۇ.
ئۇ تېرەك شېخىنى كۈچەپ قايرىدى، شاخ ئېگىلىپ - ئېگىلىپ سېۋەت بېغىغا ئوخشاپ قالدى. ئۇنىڭ قولى سەل ئۇيۇشۇپ قالدى، بارماقلىرىنىڭ ئۇچى چىڭقالدى. شاخ سۇنماستىن شارتتىدە قىلىپ ئەسلىگە قايتتى. ئۇنىڭ پۇتلىرى قاتتىق تىترەپ بېشى قاتتىق سىلكىندى. قىز ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى، تېرەك ئاستىدىكى ئىس - تۇمانلار خۇددى دولقۇندەك يۇقىرى ئۆرلەيتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە تىترەك ئولاشتى، بېشىنىڭ ئارقىسىدىكى ئىككى تال چېچى تىك تۇردى، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئېگىزگە چىقىۋالغانلىقىنى ھېس قىلدى. پارقىراق، تىككىدە شاخ - پۇتاقلار گويا ئۇنىڭغا خىرىس قىلغاندەك مەغرۇرانە تۇراتتى. ئۇ ئىككى پۇتى بىلەن دەرەخكە چىماق سېلىپ تۇرۇپ، قوللىرى بىلەن شاخنى تۇتۇپ كۈچەپ پەسكە قايرىدى. شاختىن غىرىسلىغان ئاۋاز چىقتى، تېرەك ئۇچىدىكى ئىنچىكە شاخ - شۇمبىلار بىلەن باشقا ئىنچىكە شاخ - شۇمبىلار ئۆزئارا تېگىشىپ قاراس - قۇرۇس قىلىپ ئاۋاز چىقىراتتى. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن شاخنى قايرىغىلى تۇردى، ئۇنىڭ پۇتلىرى شاخ غولىغا دەسسەكلىك بولسىمۇ، ئەمما بۇ پەقەت خىيالىدا يوق ئىدى. شاخ ئېگىلگەنسېرى ئۇ شاخقا شۇنچە ئۆچلۈك قىلاتتى. ئۇ پەس ئاۋازدا بىر ۋارقىرىدى - دە، قاڭقىپ ئۇچۇپ كەتتى، شاخ سۇنۇپ كەتتى. شاخ سۇنغاندا ناھايىتى يېنىك ئاۋاز چىقاردى، ئۇنىڭ كاللىسىدىكى بىر تومۇر لىپىلداپ كەتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىر خۇشاللىققا چۆمدى، بەدىنى لەرزان ئۇچتى، ئۇزۇن ئاچا شاخمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچماقتا، سۈزۈك ئاسمان، ئاق رەڭلىك تۈتۈن، قىزغۇچ شەپەق ئۇنىڭ ئەتراپىدا پىرقىرىماقتا. ئۇ جىددىيچىلىك ئىچىدە تۇيۇقسىز يېنى بولۇپ قالغان كاھىشلىق ئۆيدىن چوڭ گۈللۈك كەمزۇل كىيىۋالغان بىر ئايالنىڭ يۈگۈرۈپ چىققانلىقىنى كۆردى. ئايال خۇددى ئاتتەك كىشنەپ قويدى.
قىز كۆزىنى چەكچەيتكىنىچە تېرەككە قاراپ تۇراتتى، توساتتىن ئوغۇل بالىنىڭ تېرەكنىڭ بىر ئاچىمىقىغا خۇددى ئوخشىغان بىر تال مېۋىدەك ئېسىلىپ قالغانلىقىنى كۆردى. قىز ئوغۇل بالىنىڭ ناھايىتى يايراپ كەتكەنلىكىنى قىياس قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىنتايىن زوقى كەلدى، ئۇنىڭمۇ تېرەك ئاچىسىدا ئېسىلىپ تۇرغۇسى كېلىپ كەتتى. ئەمما تېزلا بۇ خىيالىدىن يالتايدى. بالا تېرەك شېخى بىلەن ئاستا - ئاستا پەسكە چۈشتى، قىز ئوغۇل بالىنىڭ تېنىنىڭ خۇددى تايدىن چۇۋۇلۇپ كەتكەن يىپەكتەك تېرەكنىڭ ئۇچىدىن سوزۇلۇپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى، ئۆزى تاللىغان ئاچىنىڭ بالىنىڭ قوڭۇررەڭ تاۋاردەك تېنىگە تېگىپ شىق - شىق قىلىپ ئاۋاز چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇردى. قىز ئوغۇل بالىنىڭ كۆڭلىكىنى كۆتۈرگىنىچە ئالدىغا بىر چامدام مېڭىشىغا توساتتىن بىر تال چىۋىق ئېڭىكىگە كېلىپ ئۇرۇلدى، بالىمۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. قىز ئۈستىگە چۈشكەن بالىنىڭ تاشتەك قاتتىقلىقىنى ھېس قىلدى، بالا قىزنىڭ ئۈستىگە چۈشۈش بىلەن قىزنىڭ تۇيغۇسىدا ئۈستىگە خۇددى تۈنىكە چۈشكىنىدەك جاراڭلىق ئاۋاز چىقىپ كەتتى.
ئوغۇل بالا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمىغان پېتى ئورنىدىن تۇردى. بەدىنىنىڭ بەزى يەرلىرى بىرئاز سىرقىراۋاتقانلىقىنى دېمىگەندە باشقا ھېچقانداق ئىش يوق ئىدى. ئەمما قىزنىڭ شاخنىڭ ئاستىدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئالاق - جالاق بولۇپ كەتتى، قىزنىڭ جاۋغىيىدىن قان ئېقىۋاتاتتى، بالا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قىزنىڭ يۈزىنى تۈرتۈشتۈردى، ئۇنىڭ يۈزى تاشتەك قاتتىق ئىدى.
گۈللۈك كەمزۇل كىيگەن ئايال يۈگۈرگىنىچە ئۆينىڭ ئارقىسىغا كېلىپ بالىنى تىللىدى:
−− ھەي شۇم، ئاسمانغا چىقماقچىمىدىڭ؟ ئاناڭ سەن ھارىمىنى نېمىدەپمۇ تۇغقان بولغىيتتى؟ خەپ، قوۋۇرغاڭنى سۇندۇرۇۋەتمەيدىغان بولسام!
ئايال دەرغەزەپ بىلەن ئېتىلىپ كېلىپ، بالىنىڭ دۈمبىسىگە تەپمەكچى بولۇپ پۇتىنى كۆتۈرۈۋېدى، پۇتى يەنە لەسسىدە بولۇپ توختاپ قالدى، ئۇ يەردە ياتقان قىزىغا ئۆزىنى ئاتتى ۋە يىغلاپ تۇرۇپ:
−− شياۋجىنزى، شياۋجىنزى، قىزىم، ساڭا نېمە بولدى... −− دەپ توۋلىدى.
بىر ئالا - چىپار مۈشۈك تۇغاننىڭ ئۈستىگە چىقتى. مۈشۈك بالىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى، كۆزلىرىدىن يېشىل نۇر چاقنايتتى. قۇيرۇقى خۇددى خادىدەك تىك كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. بالا قورقۇمسىرىغىنىچە مۈشۈككە قارىدى، مۈشۈك بالىنىڭ تېنىدىن كېلىۋاتقان قان ھىدىنى پۇرىدى. بالا مۈشۈكنىڭ ۋالىلداپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن قاراشلىرىغا چىدىيالماي ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
ئاي خېلى ئۆرلىگەنىدى. ئەمما يەنىلا سۇس يورۇپ تۇراتتى. ئاسماننىڭ غەربىي يېرىمىدىكى يۇلتۇزلار ياقۇتتەك چاقناپ تۇراتتى. پۈتۈن كەنت تۇمانلىق ھاۋا بىلەن قاپلانغان ئىدى. ئۇ يېزىدىكى دەل - دەرەخلەر ئىچىدە ئاشۇ ئاق تېرەك ئۇچىنىڭ تۇماندا خۇددى كەلكۈن چۆكۈرۈپ كېتەلمىگەن دەرەختەك كۆرۈنۈپ تۇرغانلىقىنى قارىمىسىمۇ بىلىپ تۇراتتى. ئاق تېرەك يادىغا يېتىۋېدى، ئۇنىڭ بۇرۇن - كۆزلىرى ئېچىشىپ كەتتى. ئۇ بۇ سۈرلۈك مۈشۈكتىن ئاۋايلاپ ئەگىپ ئۆتۈپ، دەلدەڭشىگىنىچە دەرياغا چۈشتى، دەريا غۇۋا سۈررەڭدە ئىدى. دەريا سۇ بىلەن ئەمەس، قۇم - توپا بىلەن تولغان ئىدى. ئۇدا ئۈچ يىل يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىقتا قۇرۇپ كەتكەن دەرياغا ئوت - خەس، ئوتۇن - چاۋار دېگەنلەر دۆۋىلىنىپ كەتكەنىدى. مۈشۈك بالىنىڭ ئارقىسىدا مىياڭلىدى، ئەمما ئۇنىڭ مۈشۈككە قارايدىغان رەغدى يوق ئىدى. ئۇ يالاڭ ئاياغ پۇتلىرى بىلەن قىزىق قۇم توپىنى دەسسەپ ئەلەڭلەپ كېتىۋاتاتتى، ھەر بىر باسقان قەدىمىدىن بىر ئىز قالاتتى. قۇم توپىنىڭ ئىسسىقى تاپىنىدىن ئۇدۇل مېڭىسىگە چىقتى. ئۇ ئۆزىنىڭ نەدىلىكىنى ئاڭقىرالمايۋاتاتتى، ئۇ شۇ تاپتا كۆرۈنمەس كۆلەڭگىگە ئۆزگىرىپ قالغاندەك، ھەممىلا يېرى كۆيۈشۈۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى.
ئۇ قۇملۇققا يىقىلغاندا ئاي سۇس نۇرىنى ئۇنىڭ كۆڭلەكسىز دۈمبىسىگە سەپمەكتە ئىدى. ئۇ قوپۇشقا تەمشەلسىمۇ، تۇرغىدەك مادارى يوق ئىدى. ئاي نۇرى گويا تاۋلانغان تۆمۈردەك ئۇنىڭ ئۇچىسىنى كۆيدۈرمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ دىمىقىغا كۆيدۈرۈلگەن چوشقا تېرىسىنىڭ پۇرىقىدەك بەتبۇي پۇراق ئۇرۇلاتتى.
چوڭ گۈللۈك كەمزۇل كىيىۋالغان ئايال ئۇنى ئۇرمىدى، پەقەت يۈرەك پارىسى بولغان قىزى ئۈچۈن يىغلىدى. ئۇ ئايالنىڭ ئەنسىز يىغىسىنى ئاڭلاپ قورققىنىدىن شۈركۈنۈپ كەتتى. ئۆزىنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكى ئۆزىگە ئايان ئىدى. بەستلىك، يۈزلىرى قىزىل ئەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قۇلاقلىرى ۋىڭىلداپ كەتتى، كېيىن يەنە پەسكويغا چۈشۈپ قالدى. ئۇ ئۆزىنى گۈمبەزسىمان ئەينەك قەپەسكە قامىلىپ قالغاندەك ھېس قىلدى. توپ - توپ كىشىلەر قەپەسنىڭ ئەتراپىدا ئۇۋىسى چۇۋۇلۇپ كەتكەن ھەرىلەردەك، ئوت ئۆچۈرۈۋاتقان كىشىلەردەك پاتىپاراق بولۇشماقتا، خۇددى پىلىموتتەك سايراشماقتا ئىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتتى. ئۇ يوغان پۇتلارنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى، ئۇپراپ، پارقىراپ كەتكەن ئىككى ئۆرۈمە كەشنىڭ مەيدىسىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئاندىن قورسىقىدىكى پاقىنىڭ كوركىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى. ئۇنىڭ تېنى يەنە لەرزان پەرۋاز قىلدى. تاتلىق بىر سۇيۇقلۇق كېكىردىكىگە ياندى. ئۇ يىغلىدى، ئارقىدىنلا ھېلىقى كوچىدىكى چاڭ - توزاندا ئۈچەي - باغرى تۆكۈلۈپ ياتقان سېرىق كۈچۈكنى كۆردى. كۈچۈك نېمىشقا بىر ئېغىزمۇ غىڭشىپ قويمىغاندۇ؟ ئۇ بۇنى تەكرار - تەكرار ئويلىدى. ئۆرۈمە كەش ئۇنى داۋاملىق دومىلىتاتتى. ئۇ ئۇشتۇمتۇت ئۈچەي - باغرىنىڭ ھېلىقى كۈچۈكنىڭكىدەك چۇۋۇلۇپ چىقىۋاتقانلىقىنى، ئۈچەي - باغرىغا سېرىق لاي - توپىلارنىڭ چاپلىشىۋاتقانلىقىنى سەزدى. ئۇ مىڭبىر جاپادا قايرىپ سۇندۇرغان ئاق تېرەك شېخىمۇ ئۇچتى، ئەۋرىشىم شاخ شىددەتلىك بوراندەك ھۇشقۇيتاتتى، شاخ پارچە - پارچە بولۇپ كەتتى.
ئاق تېرەكنىڭ يۇمران شاخ - يوپۇرماقلىرى ئۇنىڭ كالپۇكىغا تېگىپ - تەگمەي ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ باشتا يەردە دومىلىدى، كېيىن لاي توپىنى غاجىلىدى، كېيىن مىدىر - سىدىر قىلالماي قالدى.
قۇم ئاستا - ئاستا سوۋۇشقا باشلىدى، ئۇنىڭ تېنىمۇ قۇم بىلەن بىللە سوۋۇماقتا ئىدى. ئۇنىڭ شۇنداق مىدىرلىغۇسى كەلدى، ئەمما بەدىنى ئۇنىڭغا بويسۇنمىدى، ئۇ پۇت - قولىنىڭ نەدىلىكىنى بىلىشكە تىرىشتى، ئاخىر ئاۋۋال بىلىكىنىڭ نەدىلىكى ئېسىگە كەلدى. ئۇ بىلىكىنى كۈچەپ يەرگە تىرىۋىدى، بوينى ئۈزۈلۈپ كەتكىلى تاس قالدى، بويۇن ئۇمۇرتقىسى غاراسلاپ كەتتى. ئۇ ئىلاجسىز يەنە دۈم بولدى، ئاغزى - بۇرنى قۇم - توپىغا مىلەندى، تىلى قېتىپ قالغاندەك مىدىرلىمىدى، ئۇ ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ كاپام قۇم يېگەندىن كېيىن ئۆرۈلدى.
بۇ چاغدا ئۇ ھەسرەت بىلەن ئاسمانغا قارىدى، ئاي جەنۇب تەرەپكە قىسايغان بولۇپ، قان رەڭدىن يوپيورۇق ھالەتكە ئۆزگەرگەنىدى، تۇتۇق ئاسمانمۇ كۆركەم ئاقۇچ كۈل رەڭگە كىرگەنىدى. دەريادىكى قۇملار ئالتۇندەك جۇلالىنىپ تۇراتتى، ئالتۇن كەبى جۇلالىنىپ تۇرغان بۇ نۇر تولىمۇ سوغۇق بولۇپ، ئۇنى تۆت تەرەپتىن قورشاپ نەشتەردەك سانجىلاتتى. ئۇ يېلىنىش نەزىرى بىلەن ئايغا باقتى. ئاي ئۇنىڭغا نۇر سەپمەكتە، ئاينىڭ يۈزى تاتىراڭغۇ ئىدى، ئايدىكى غۇۋا شولىلار ئىنتايىن يارقىن ئىدى. ئۇ ئايغا تا ھازىرغىچە بۇنداق دىققەت قىلىپ باقمىغانىدى. ئايدىكى غۇۋا شولا ئۇنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى، ئاي ئۇنىڭغا بەكمۇ يوچۇن تۇيۇلدى. ئۇ كۆزىنى يۇمسىلا ئاينىڭ قانداقلىقىنى ئۇنتۇپ قالاتتى. ئۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاينىڭ قانداقلىقىنى ئويلىدى، دادىسىنىڭ چىرايى تاتىراڭغۇ ئاينىڭ ئىچىدە زاھىر بولدى.
ئۇ تېخى بۈگۈن دادىسىنىڭ تەقى - تۇرقىنى بىلدى. دادىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان كۆز قارىچۇقلىرى خۇددى تۇز سۈيىگە چىلانغان تۆمۈر بىجىققىلا ئوخشايتتى. دادىسى يۈكۈنگەندىمۇ ناھايىتى ئېگىز كۆرۈنەتتى. ئۆرۈمە ئاياغلىق پۇت بەلكىم ئۇنى تەپكەندۇر، بەلكىم تەپمىگەندۇر. دادىسى سېكرىتارغا تىزلىنىپ تۇرۇپ:
−− سېكرىتار، سىلى مۆتىۋەر كىشى، بۇنداق تېگى پەسلەرگە ئۆزلىرىنى ئۇپراتمىسىلا. بۇ ھارىمىنىڭ ئەدىپىنى ئۆزۈم بېرىمەن، بۇنداق پەسلەرنىڭ ئوننىڭ جېنىمۇ قىزلىرى شياۋجىنزىنىڭ بىر جېنىغا ئارا تۇرالمايدۇ، ئىگەكىم شياۋجىنزىنىڭ ئامان - ئېسەنلىكى ئۈچۈن مەن پۈتۈن تېنىمدىكى گۆشنى كېسىپ بېرىشكە رازىمەن... −− دەپ يېلىندى. سېكرىتار ئۇنىڭ دادىسىغا سوغۇق قاراپ كۈلدى. سېكرىتارنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئوتلىرى چاقنايتتى.
ئاكىسى ئۇنى ئۆيگە سۆرەپ ماڭدى. ئۇنىڭ تاپىنىدىن يەرگە يول - يول سىزىقلار ھاسىل بولدى، ئۇلار ناھايىتى ئۇزاق ماڭغان بولسىمۇ، ئەمما ئاق تېرەكنىڭ كۆلەڭگىسىدىن چىقىپ كېتەلمىدى. قاغا - سېغىزخانلارنىڭ قاناتلىرىدىن چىققان يېنىك شامال ئۇنىڭ يۈزلىرىنى سىيپاپ ئۆتتى.
ئاكىسى ئۇنى ھويلىسىغا كۈچۈكنى تاشلىغاندەك تاشلىدى، ئۇنىڭ ساغرىسىغا كەلتۈرۈپ بىرنى تېپىپ ۋارقىرىدى:
−− قوپە! سەن ئۆيىمىزگە بالايىئاپەت تېپىپ بېرىشتىن باشقىنى بىلمەمسەن! −− ئۇ يەردە مىدىرلاشقىمۇ پېتىنالماستىن جىممىدە ياتتى، ئاكىسى ئۇنىڭ ساغرىسىغا ئۈچنى تەپكەندىن كېيىن يەنە:
−− تۇرە! گۇناھلىرىڭنى تۆھپەم دەپ چاغلاۋاتامسەن - يە، −− دەپ ۋارقىرىدى.
بالا مۆجىزىدەك ئورنىدىن تۇردى، ئاستا تام تۈۋىگە كېلىپ ۋەھىمە ئىچىدە ئۇزۇنتۇرا ئاكىسىغا قارىدى.
−− ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپلا قۇتۇلايلى، بېشىمىزغا بالا بولغىدەك، −− دېدى ئاكىسى ئانىسىغا غەزەپ بىلەن، −− بۇ يىل ئەسكەرلىككە بېرىشىمدىن ئۈمىد بار ئىدى، ئەمدى بۇ ئىشىم سۇغا چىلاشتى.
ئۇ ھەسرەت بىلەن ئانىسىغا تەلمۈرۈپ قارىدى، ئانىسى ئۇنى ھازىرغىچە ئۇرۇپ باقمىغانىدى، ئانىسى كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆككىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇ ئەلەم بىلەن »ئانا« دەپ چاقىردى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار، بۇرۇنلىرىدىن پوتلىلىرى ئاقتى.
−− ھۇ، نىجىس! −− تىللىدى ئانا ئەلپازىنى بۇزۇپ، −− تېخى يىغلايسەنغۇ؟ ساڭا ئۇۋال قىپتۇقتە؟ سېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسەممۇ دەردىم چىقمايدۇ!
ئانا مىس ئويماق سېلىنغان قولى بىلەن بالىنىڭ قۇلاق تۈۋىگە كەلتۈرۈپ بىرنى ئۇردى. ئۇ ئېچىنىشلىق چىرقىرىۋەتتى، بالىسىنىڭ ھايۋاندەك ھۇۋلىشىدىن مەڭدەپ قالغان ئانا دۆۋىلەكلىك ئوت - خەس ئارىسىدىن كېۋەز شادىسىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە ساۋىغىلى تۇردى. كېۋەز شادىسىنىڭ ئاۋازىدىن ئۈركۈپ كەتكەن قۇشقاچلار گۇگۇم قوينىغا ئوقتەك كىرىپ كەتتى. ئۇ ناھايىتى تەستە سۆرىلىپ كېلىپ تامغا يۆلەندى، كېۋەز شادىسىدىن بەدىنىدە پەيدا بولغان قىزىل يول - يول ئەگرى ئىزلارغا تىكىلدى.
ئۇ خورازنىڭ زىل ئاۋازىدىن ئېسىگە كەلدى. ئۇنىڭ قورسىقى گويا مۇز كاللەككە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى مۇزلاپ كەتتى. ئاي غەربكە قىيسايغان بولۇپ، سامانيولى ئاسمان گۈمبىزىدە سوزۇلۇپ ياتاتتى. ئۇنىڭ ئۆرۈلگۈسى كەل−دى، دەرۋەقە ئ−ۇ توپ دۈگىلىگەندەك ئاسانلا ئۆرۈلدى. تۇلۇقتەك دومىلىدى، دومىلاپ بىر يانتۇلۇققا چۈشۈپ كەتتى. يانتۇلۇق ئاستىدا تاتلىقياڭيۇ پېلىكى دۆۋىسى بار ئىدى. سۆسۈن رەڭ پېلەك سۇس قىرتاق پۇراپ تۇراتتى. چىلان ئۇرۇقى چوڭلۇقىدىكى پارقىراق قوڭغۇزلار پېلەكنىڭ ئۈستىدە ئۆمىلەپ يۈرەتتى، ئۇنىڭ كۆزىگە، قۇلىقىغا كېلىپ قوناتتى.
ئۇنىڭ دادىسى ئىرغاڭلىغىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئانىسى قولىدىكى يالىڭاچلىنىپ قالغان كېۋەز شادىسىنى كۆتۈرگىنىچە ئاستا بىر يانغا ئۆتتى.
−− ئورنۇڭدىن تۇرە! −− ھۆركىرىدى دادىسى. ئۇ كۈچىنىڭ بارىچە ئارقىسىغا داجىپ تۈگۈلدى.
ئۇ كۈچىنىڭ بارىچە ئارقىسىغا داجىپ تۈگۈلۈۋېدى، دۆۋىلەكلىك تاتلىقياڭيۇ پېلەكلىرى شارىلداپ كەتتى. ئاي نۇرى ھەممە يەرنى يورۇتتى، دەريادا بىر قەۋەت شەبنەم ھاسىل بولدى، ئوت - خەسلەر خۇددى پوتەيدەك دەريانىڭ ئۇ يەر - بۇ يېرىدە كۆرۈنەتتى. بىر خىل تاتلىق سۇيۇقلۇق بالىنىڭ كېكىردىكىگە يەنە ئۇرۇلدى، ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا ئۇن مونەكلىرىگە ئوخشاش مونەكلەرنى ياندۇردى. ياندۇرغان مونەكلەر ئۇ ئىلگىرى كۆرگەن مۈشۈك پوقىدەك جاۋغىيىدا تۇرۇۋالدى، ئۇ قورقۇپ كەتتى.
ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قاشلىرى ئىنچىكە، ئۇزۇن بىر چوكان پەيدا بولدى، چوكان بىر بورىدا ياتاتتى، چىرايى سۆسۈن رەڭلىك گۈل بەرگىگە ئوخشايتتى. بىر نەچچەيلەن چوكاننى چۆرىدەپ قوشاق قوشۇپ يىغلىشاتتى. بۇ چوكان ناھايىتى چىرايلىق ئىدى، ئۇنىڭ گۈزەل رۇخسارى ھايات چېغىدىكىدەك تولىمۇ گۈزەل كۆرۈنەتتى، بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەنىدى. ئۇ بىر توپ ئادەمگە ئەگىشىپ چوكان ياتقان ئۆيگە كىردى، مەرھۇمە ياتقان ئۆي بوش بولۇپ، بىر قىزىل ئىشتانباغ لىمغا ئېسىقلىق تۇراتتى. مەرھۇمنىڭ چىرايى خاتىرجەم كۆرۈنەتتى، كۆزلىرى جىمى ئادەمگە مەنسىتمىگەندەك تىكىلىپ قالغانىدى. قىپقىزىل يۈزلۈك سېكرېتار كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئالغىنىچە مەرھۇمەنى كۆرگىلى كەلدى، كىشىلەر ئۇنىڭغا دەرھال يول بوشىتىشتى. سېكرېتار جەسەتنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇردى، كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى، توساتتىن ياش چوكاننىڭ چىرايىغا ئىللىق تەبەسسۇم يۈگۈردى. چوكاننىڭ قېشى قارلىغاچنىڭ قانىتىدەك قىيىلغانىدى. سېكرېتار بىردىنلا يەرگە پوككىدە تىزلاندى، كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ تۆكۈلدى. كىشىلەر ياش چوكاننىڭ ئۆلۈمىگە بەكلا ئېچىنىشتى. ھايات چېغىدا ھېچكىم ئانچە دىققەت قىلمايدىغان چوكان ئۆلگەندىن كېيىن شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ھەتتا سېكرىتارمۇ كەلدى، شۇنىڭغا قارىغاندا ئۆلۈشمۇ يامان ئىش ئەمەس ئوخشايدۇ. ئۇ شۇ تاپتا ئۆلۈممۇ نۇرغۇنلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئىشكەن دەپ ھېس قىلىپ قالدى. ئۇ مېيىت قويۇلغان ئۆيدىكى نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئارىسىدىن يېنىپ چىقىپ، ناھايىتى تېزلا مەرھۇمە ياش چوكاننى، ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ كەتتى. شۇ تاپتا ياش چوكان، ئۆلۈم، يەنە ھېلىقى سېرىق كۈچۈكلەر بوزرەڭ دەريانى بويلاپ مۇلايىملىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ تىۋىشىنى ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ قارا ۋە غايەت زور قانىتىنى كۆردى، قاناتنى كۆرگەندىن كېيىن توساتتىن ئۆزىنىڭ نەدىن كېلىپ، نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدى. ئۇ سوغۇق قىروۋنى دەسسەپ تۇرۇۋاتاتتى. ئۇ دەريادا ئۇياقتىن - بۇياققا ماڭدى، بىر توپ يىلانبېلىق سۇدا ئۈزۈپ يۈرەتتى. ئۇ بېلىقلارنىڭ ئارىسىدىن تەستە ئۆتۈپ بىر يورۇق ئۆيگە كىردى. ئىزغىرىن شىمال شامالى چاشقان تۆشۈكلىرىدىن، مورىلاردىن، تامنىڭ ئاراچلىرىدىن بىمالال كىرمەكتە. ئۇ بۇ ئالتۇن رەڭلىك دۇنياغا غەزەپ بىلەن قارىماقتا، قەغەز چاپلاقلىق دېرىزىدىن چۈشكەن قىشنىڭ ئاپتىپى كاڭدىكى بىر دۆۋە قۇمنى يورۇتماقتا. ئۇ ھۆل قۇمدا ياتماقتا، پۈتۈن بەدىنىگە قۇم يېپىشىپ كەتكەن، ئۇ بۇ دۇنيانىڭ رەھىمسىزلىكىگە، ۋاپاسىزلىقىغا ئېچىنىپ يىغلىماقتا. دادىسى ئۇنىڭغا:
−− ھۇ يىغلاڭغۇ، سەن يىغلاشنىلا بىلەمسەن، −− دېدى. ئۇ دادىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ دەھشەت سوغۇق ھېس قىلدى. تەنلىرى پىلە قۇرتىغا ئوخشاش بارغانسېرى تۈگۈلۈپ - كىچىكلەپ، ھەممىلا يېرىنى قورۇق بېسىپ كەتتى.
تۈنۈگۈن ھېلىقى چاغدا ئۇ تىترىگىنىچە ئۆينىڭ تېمىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ، دادىسىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرغانىدى. ئاداققى قۇياش دادىسىنىڭ بەستلىك گەۋدىسىگە، غەمكىن چىرايىغا نۇر چاچماقتا. ئۇ دادىسىنىڭ بىر پۇتىدا ئاياغ، بىر پۇتى يالاڭ ئاياغ، بىر پۇتى پەس، بىر پۇتى ئېگىز ھالدا دىڭگوسلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. دادىسى سول قولىدا بىر پاي ئاياغنى، ئوڭ قولىدا ئۇنىڭ بوينىنى تۇتۇپ، ئاستا كۆتۈرۈپ يەنە يەرگە تاشلىۋەتتى، ئۇ ئۈچىنچى قېتىم ئۆزىنىڭ مۇئەللەقتە ئۇچۇۋاتقانلىقىنى سەزدى. ئۇ باشلىرى قايغان ھالدا ئورنىدىن تۇردى، دادىسىنىڭ گەۋدىسىنىڭ تېخىمۇ بەستلىك بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئۇزۇن كۆلەڭگىسىنىڭ پۈتۈن قورۇغا بىر كەلگەنلىكىنى سەزدى، ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئاكىسى خۇددى قەغەزدىن قىيىلغان ئادەمدەك ئاداققى قۇياش نۇرىدا تىترەيتتى، دادىسىنىڭ قېلىن چەملىك كونا ئايىغى بىرىنچى قېتىم بالىنىڭ پېشانىسىگە ئۇرۇلغاندا، ئۇنىڭ بوينى ئىچىگە كىرىپ كېتەيلا دەپ قالدى. دادىسىنىڭ كونا ئايىغى ئۇنىڭ دۈمبىسىگە بىردەم تېز، بىردەم ئاستا ئۇرۇلغىلى تۇردى، ئاياغنىڭ چەمى بارغانسېرى نېپىزلاپ كەتتى، ئاياغنىڭ چەمىدىن توپا توزۇيتتى.
−− سېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسەممۇ دەردىم چىقمايدۇ ھارىمى! ئاداۋىتىمىز بولمىسىمۇ پېتىشالمايدىغان ئاتا - بالا بولدۇق مانا، −− دېدى دادىسى ئازابلانغان ھالدا. سۆزلەۋاتقان دادىسىنىڭ قولى توختاپ قالمىدى، ئۇرۇلۇۋېرىپ نېپىزلەپ كەتكەن ئاياغنىڭ چەمى ئۇنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرۇلغاندا بارغانسېرى ئۈنلۈك ئاۋاز چىقاتتى. ئۇ غەزەپتىن ئۆزىنى باسالماي قالدى، يۈرىكى خۇددى قوغۇشۇندەك قاتتى. ئۇنىڭدا گەپ قىلىش ئىستىكى پەيدا بولدى، بۇ ئىستەك دادىسىنىڭ ئۆزىنى ئۇرۇۋېرىشى بىلەن بارغانسېرى كۈچەيدى.
−− ئىت پوقى! −− دەپ قاتتىق ۋارقىراپ تىللىۋەتتى ئۇ دادىسىنى.
دادىسى تېڭىرقىغىنىچە تۇرۇپ قالدى، قولىدىكى ئاياغ يەرگە چۈشتى. ئۇ دادىسىنىڭ كۆزلىرىنىڭ ياشقا تولغانلىقىنى، پۈتۈن تومۇرلىرىنىڭ گويا يېشىل قۇرتتەك لۆمۈلدەۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولغىنىچە دادىسىغا قاراپ يەنە:
−− ئىت پوقى ! −− دەپ ۋارقىرىدى. دادىسى دېمى ئىچىگە چۈشكەن ھالدا بىر ئۇھسىندى - دە، لاپاستىن بىر يىرىك چىگە ئارغامچا ئېلىپ تۇزلۇق كۆكتات ئىدىشىدىكى تۇزغا چىلىدى. ئارغامچىنى ئاۋايلاپ ئالغاندىن كېيىن ئۇنى يايدى، ئارغامچىدىن چىپىلداپ دۇغ سۇ ئاقتى.
−− ئۇنىڭ ئىشتىنىنى سالدۇر! -−− دېدى دادىسى چوڭ ئوغلىغا.
ئاكىسى پۈتۈن بەدىنى لاغىلداپ تىترىگەن پېتى سۇس قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى، ئاكىسى ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراشقا پېتىنالماي دادىسىنىڭ كۆزلىرىگە قارىدى.
−− دادا، −− دېدى ئاكىسى پىچىرلاپ، −− سالدۇرمايلى.
−− سالدۇر! −− دېدى دادىسى گەپنى چورتلا ئۈزۈپ، −− ئىشتىنى يىرتىلىپ كەتسە بولمايدۇ، −− ئاكىسى ئۇكىسىنىڭ قېتىپ قالغان چىرايى ۋە بېلىق قىلتىرىقىدەك مەيدىسىگە لاپپىدە قاراپ قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىشتىنىغا تىكىلدى. ئۇ ئىنىسىنىڭ پۇتلىرىنىڭ سوغۇقلۇقىنى ھېس قىلدى، ئىشتان پەسكە سىيرىلىپ چۈشتى. ئاكىسى ئۇنىڭ پۇتلىرىنى كۆتۈرۈپ ئىشتىنىنى سالدۇردى. ئۇ تېرىسى سويۇۋېلىنغاندەك بولۇپ قورقۇنچ ئىچىدە كەينىگە داجىۋاتقان ئاكىسىغا قارىدى. ئۇ يەنە قاتتىق ۋارقىرىدى:
−− سېسىق ئىت پوقى!
دادىسى ئارغامچىنى پۇلاڭلاتتى. ئارغامچا ھاۋادا يىلاندەك تولغىناتتى، ئارغامچا ئۇنىڭ ساغرىسىغا تېگەي دېگەندە بىردىنلا تۈپتۈز بولدى ۋە زىل ئاۋاز چىقاردى. ئۇ ئىڭراپ قويدى، ئادەم تىللايدىغان ئادەت سۆزى چىشىنىڭ يېرىقىدىن يەنە چىقىپ كەتتى. دادىسى ئۇنى توختىماستىن قىرىقنى ساۋىدى، ئۇمۇ قىرىق قېتىم ۋارقىرىدى. ئارغامچا ئۇنىڭ ساغرىسىغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تەگكەندە تۈپتۈز تۇرماستىن ئەگرى - بۈگرى تولغىنىپ - سالپىيىپ تۇرۇۋالدى. ئۇنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىمۇ ئېگىز - پەس، خۇددى كېسەل كىشى ئىڭرىغاندەك زەئىپ چىقتى. دادىسى قانغا بويالغان ئارغامچىنى تاشلاپ قويۇپ، ھاسىرىغىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن ئاكىسىمۇ ئۆيدە ئىدى. ئانىسى ئۇنىڭ دادىسىغا:
−− مېنىمۇ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكىن، −− دېدى دەرغەزەپ بىلەن، −− مەنمۇ جېنىمدىن جاق تويدۇم، سەن بىز ئانىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەت، بۇنداق ياشغاندىن ئۆلگىنىم تۈزۈك، ھەممىنى قىلغان ئاشۇ ئالجىپ قالغان داداڭ، كومپارتىيە كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، 02 مو ھېچنېمە ئۈنمەيدىغان زەيكەش يەرنى ئالدى، شۇنىڭ كاساپىتىدىن ئۈچ ئەۋلادنىڭ تەركىبىمىز ئوتتۇرا دېھقان بولۇپ، كۈنىمىز ئىتنىڭ كۈنىدىن بەتتەر ئۆتتى.
−− ئەمىسە سەن نېمىشقا دادامغا تەگكەن؟ كەمبەغەل، تۆۋەن ئوتتۇرا دېھقانلار شۇنچە كۆپ تۇرسا، شۇلارنىڭ بىرەرسىگە تەگسەڭ بولمامتى؟ −− دېدى چوڭ ئوغلى.
ئانىسى ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى، دادىسىمۇ ھىقىقداپ يىغلاپ كەتتى، دادىسىنىڭ يىغىسىدىن قولىدىكى ئارغامچا سازاڭ قۇرتتەك سىلكىنەتتى. ئۇنىڭ قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ مۇسكۇللىرىغا يول - يول قانلىق ئىزلار چۈشكەنىدى. ئۇ كۈچەپ يۈرۈپ ئورنىدىن ئاران تۇردى، گۇگۇم پەردىسى قاپلىغان ھويلىدا بىر نەچچە سېكۇنت چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن، ئىشىك ئالدىغا سەكرەپ بېرىپ، ئىشىك يېرىقىدىن چىقىپ كەتتى.
تاڭ يورۇش ئالدىدا ئۇ يەنە بىر قېتىم ئويغاندى، ئۇنىڭ بېشىنى كۆتۈرگۈدەك ماغدۇرى قالمىغان بولۇپ، ئاقارغان ئايغا، ئاقارغان دەريا قېنىغا قارىدى. تۇغاننىڭ ئۈستىدە ئانىسىنىڭ »خۇ... خۇ، خۇئېر، خۇئېر... شور پېشانە بالام...« دەپ توۋلىغان ئاۋازى ياڭرايتتى.
بۇ ئاۋاز ئۇنىڭ سەزگۈسىنى غىدىقلىدى، ئۇنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ئىستىكى بىلەن تولغان قەلبىنى شادلىققا چۆمدۈردى. ئۇ جان - جەھلى بىلەن ۋارقىرىدى. كۆكرىكى بىر پەس ئوتتەك قىزىپ كۆيدى. ئۇنىڭ ئېڭىدا قەغەز يىرتىلغاندەك ئاۋاز پەيدا بولدى، ئارقىدىنلا چىدىغۇسىز سوغۇق ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى، ھەتتا ئۆزىنىڭ مۇز قاپلىغان كۆلچەككە »پولتۇڭ« قىلىپ چۈشۈپ كەتكەن ئاۋازىنى ئاڭلىدى. يېرىم مۇزسىمان سۇدىكى بىر قانچە پارچە مۇز كاللىكى ئۇنى قىمىرلىيالماس قىلىپ قويدى.
قىزارغان قۇياش ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئاشۇ دەقىقىدە، ئۇ ئەسەبىي ناخشا ئاۋازىدىن ھوشىغا كەلدى. بۇ ناخشا ئاۋازى خۇددى يىراق قەدىمى ئورمانلىقتىن ھۇشقىيتىپ ئۆتكەن قارا بوراندەك، قۇرۇق - قاقشال شاخ ۋە غازاڭلار بىلەن قاپلانغان لاي سۇلار قۇرۇق دەريا ئېقىنىغا ئۆركەشلەپ ئېقىپ كىرگەندەك ئاڭلىناتتى. قاتتىق قارا بوران ئاۋازى بېسىقىپ، غەلىتە، جىددىي جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. ئاشۇ جىمجىتلىق ئىچىدە قۇياش ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى. يېقىملىق مۇزىكا ئاۋازى ئاڭلاندى، مۇزىكا ئاۋازى ئۇنىڭ تاياق ئىزلىرى قاپلاپ كەتكەن ساغرىسىنى سىيپاپ ئۆتتى، ئۇنىڭ كاللىسىدىكى ئۇچقۇننى يالقۇنجاتتى. سېرىق، قىزىل ئۇچقۇنلار ئاخىر يېشىلغا ئۆزگىرىپ كىچىكلەپ كەتتى، خىرە - شىرە ھالەتتە بىر نەچچە قېتىم پىلىلداپلا ئۆچۈپ قالدى.
كىشىلەر ئۇنى تاپقاندا ئۇ جان ئۈزگەنىدى، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ھاڭۋاققىنىچە تۇرۇپلا قالدى. كىشىلەرنىڭ چىرايى خۇددى باياۋاندىكى قۇمغا ئوخشاش سارغىيىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاپتاپ چۈشۈپ تۇرغان ساغرىسىغا خۇددى ئۇنىڭ ئىللىق چىرايىغا قاراشقاندەك قاراشتى.
(ئاپتورنىڭ <<سۈزۈك سەۋزە>> ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى)
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------