• شۇتىڭ شېئىرلىردىن تاللانما

    يوللانغان ۋاقتى:21-04-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 3 پارچە
    مەرۋايىت كۆز يېشىدۇر دېڭىزنىڭ شۇتىڭ تەرجىمان : پەرھات ئىلياس تىترەڭگۈ ئالقىنمدا بىر تال مەرۋايىت گوياكى دېڭىزنىڭ ئوغۇزرەڭ يېشى ... ئ

     

    ئاپتورى: شۇتىڭ

    تەرجىمان : پەرھات ئىلياس

     

     

     

    مەرۋايىت كۆز يېشىدۇر دېڭىزنىڭ

     

     

    تىترەڭگۈ ئالقىنمدا بىر تال مەرۋايىت
    گوياكى دېڭىزنىڭ ئوغۇزرەڭ يېشى ...

    ئۆكسۈيدۇ زىمننىڭ ئاپئاق كۆكسىدە
    دولقۇنلار قايىتقان ھىجران ئىچىدە .
    ئۈ گۈزەل كۆزىدە كۆيۈپ قايتقان ياش ،
    ھەم گۈزەل مىسالى سادىق مەردانە .
    قىلالماس ئۇنى ھىچ بىر تامچە زىلال
    ھەسەتخور قۇياشنىڭ نۇرلىرى ھامان .

    قۇچاغلار كەڭ زىمىن گۈزەل يايرىم دەپ ،
    دولقۇنلار شاد توۋلاپ كەلگەندە يىتىپ .
    ئۇ قىز ۋۇجۇدىدەك غۇبارسىز -مەسۇم ،
    ھەم تۇرار قىز قەلبىدەك ھىسىياتلىنىپ .
    رەھىمسىز ئازاپلىق يىللارمۇ ئاخىر ،
    ئۇنىڭ گۈل بەرگىنى قىلالماس غازان .
    ئۇ سانسىز قۇچاغلاش ، سانسىز ھىجرانلار ،
    ۋە سانسىز خوشاللىق ئازاپلىنىشلار ،
    قالدۇرغان تاشلاندۇق ئەڭ بۈيۈك مىسرا .
    ئۇ سانسىز تۇمانلىق تاڭ ، يامغۇرلۇق كېچە ،
    ۋە سانسىز دەۋىرلەر ئەسلىرىدىن
    كۆتۈرلۇپ ئۇنتۇلغان ئەڭ گۈزەل ناۋا .
    چىچۋەت -
    قانىلىرنى مەغلۇپ يۈرەكنىڭ ،
    تىكلىگىن -
    مۇنارىسنى غالىپلارنىڭ .
    ئۇ كۆرگەن قانلارغا پاتقان شەرەپنى ،
    ئۇ يىزىپ قالدۇرغان بۈيۈك گۇناھنى .
    ئۇ شۇنداق ئۇلۇغۋار ، كەشتە -رەڭلەرگە
    چەكسىز كائىناتنى سىغدۇرغان تامام ،
    مىسلىسىز دۇنيانى قىلغان مۇجەسەم .
    ئۇ كىچىك غۇبارسىز مىسرالىرىمدەك
    تارتالماس قولۇمدىن قامچىلىسىمۇ ،
    رەھىمسىز سوغ شامال ،رەزىل مۇتەھەم .

    دېڭىزنىڭ ئوغۇزرەڭ يېشىدۇر گويا ،
    تىترەڭگۇ ئالقنىمدا تۇرغان مەرۋايىت ...

     

     

    بەلكىم

     

    - بىر كىتاپخاننىڭ ئىچ پۇشۇقى ئۈچۈن

     

    بەلكىم بىزنىڭ يۈرەك سىرىمىز

    تاپالمايدۇ كىتاپخان ھامان

    بەلكىم يوللار باشلاشتا خاتا

    ئاخىرىغىچە ھەم خاتا بولغان

    بەلكىم بىر بىر ياقساق بىز پانۇس

    ئۇنى بىر بىر ئۆچۈرگەن بوران

    بەلكىم پۈتكەچ ھايات شامىمىز

    باشقىلارغا نۇر چېچىپ بىزگە ،

    ئىسىنغىدەك ئوتمۇ قالمىغان

    بەلكىم ئېقىپ پۈتكەچ يېشىمىز

    تۇپراق بولغان تېخىمۇ مۇنبەت

    بەلكىم قۇياشنى كۈيلىگەچكە بىز

    قۇياشمۇ ھەم بۈلدۈرگەن  ھىممەت

    بەلكىم يۈكىمىز ئاشقانسىرى

    ئىشەنىج بولغان تېخىمۇ ھەيۋەت

    بەلكىم ھەسەت قىلغاچ بار جاپا

    ھاياتتىكى بەخىتسىزلىككە

    بىز تاللىغان سۈكۈتنى پەقەت

    بەلكىم تەڭداشسىز بىر چاقىرىق بولغاچ

    تاپالمىغان بىز ئۆزگە ئامال

     

    1979 -يىلى 12 -ئاي

     

     

     

     

     

    بىلمەيتىم بۇنچىلىك چوڭقۇر ئازاپنى .

    تۇرغاندا ئىككىمىز  باھار كېچىسى

    يۆلىنىپ كېمىنىڭ دەرىزىسگە .

    ئاي نۇرى گوياكى كۈمۈشرەڭ مانان ،

    كىرەلمەس سۇ كەبى مەيىن ھىسلىرىم

    قات -قات قۇلۇپلانغان قەلبىڭ قەسىرگە .

    سەن دەيسەن خۇرسىنىپ ئېغىر ئۇھ تارتىپ :

    ھاياتتۇر گوياكى ئاچچىق بىر جام مەي .

    سەن دەيسەن پۇشماندا : يىگىرمە سەككىز

    باھار ،كۈز ئۆرتۈپتۇ گۈلسىز قوروۋسىز .

    نىمىشقا تىرەيدۇ كۈچلۇك ۋۇجۇدۇڭ ،

    شامال تەۋرەتكەن تال كەبى كۈچسىز ؟

    بىلىمەن كۈتكىنىڭ بورانلىق يەلكەن ،

    قىيمايسەن جان ئاناڭ دېڭىز پورتىنى .

    ۋە لېكىن شامالنىڭ شاش دولقۇنلىرى

    ئاھ ! دوستۇم ئەپكىتەر سېنى ئاخىرى ،

    سەن تۇتقىن كۆكسۈڭنى دۇنيادەك كەڭرى ،

    يۈرمىگىن ئايلىنىپ داھىم بىر جاينى .

    خالايمەن شۇ يەلكەنگە شامال بولۇشنى ،

    باھار كېچىسى

     

    سەن بىلەن ھەر تامان  سەرسان بولۇشنى ...

     

    1975-يىلى 11 -ئاي

     

     

     

     

     

    پۇلاڭلىتىپ ساڭا قول ياغلىق ،

    ئۇزاتقانلار ئىچىدە جانان ،

    كىم تۇيۇقسىز تارتىپ قولىنى

    ئېتىۋالغان كۆزىنى مەھكەم .

    تارالغاندا كىشلەر تامام ،

    كىم قالغانتى قېيىق كەينىدە ،

    يوپكىللىرى يەلپۈنۈپ مەيىن ،

    داۋالغۇغان شوخ دولقۇنلاردەك

    ئۆركەشلىگەن دولقۇن كەبى ھەم .

    قالدۇرۇىدۇ گۈزەل چۈش ھامان ،

    گۈزەل ئازاپ كىشىلەر ئارا .

    ئەۋلاد -ئەۋلاد قالار تارىلىپ .

    لېكىن راستىن كېتىشى يۈرەك

    مۈمكىنمىدۇر تاشقا ئايلنىپ .

    دەريا قىرغىقىنى بويلاپ سوزۇلغان

    جۇھار گۈلى ، بورجۇن تاشقىنى (1)

    يىڭى ئاسىيلقنى قىلماقتا دەۋەت .

    كۆز -كۆز بولۇپ ئىگىز قىيادا

    تۇرغىنىمدىن مىڭ يىللاپ ھەيۋەت ،

    يار يەلكىسىگە باش قويۇپ  بىر تۈن

    پەرىزات چوققىسى

     

    يىغلىغنىم ئۆزى كۆپ ھىممەت .

     

     

    بورجۇن (1)  - بىر خىل ئۆسۈملۈك

     

     

     

    1981-يىلى 6-ئاي چاڭجىياڭ دەرياسىدا

     

    يېزىلدى .

     

    (كومپيۇتېردا ئۇرۇپ تورىمىزغا تەييارلىغۇچى: يالقۇن ئەزىزى)

     






    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    يالقۇن ئەزىزى تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 20:02 05-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 23:05 23-05-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار