ئاپتورى: شياڭ بېنگۇي
پەتتارجان مۇھەممەت ئەرقۇت تەرجىمىسى
(ھېكايە)
1
داڭياڭپۇ كەنتىنىڭ مۇدىرى ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك نامراتلارنى يوقلاش رەھبەرلىرىنى باشلاپ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلە زۇداشۇنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلگەندە چۈش ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى. ھارارەتسىز بەد رەڭ قىش قۇياشى دېھقان كەپىسى ئۈستىدە ئېسىلىپ تۇراتتى. چاغان كېلەي دەپ قالغان بولسىمۇ، زۇداشۇ ئائىلىسى گۆش، بېلىق، گۈرۈچ ئېشى دېگەنلەرنى يېيىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا كۆممىقۇناق، تاتلىق ياڭيۇغىمۇ قازان ئاسالمايۋاتاتتى. زۇداشۇنىڭ تاڭ سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن خوتۇنى ئىشىك ئالدىدا ھاڭۋېقىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ كۆڭلىمۇ خۇددى ئاشۇ قىش قۇياشىدەك تۇتۇق، مىسكىن ئىدى. بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بەكلا خارابلىشىپ كەتتى، چوڭلار كېسەل سەۋەبىدىن خېلىدىن بېرى ئورنىدىن تۇرالماي ياتاتتى. ئېرى زۇداشۇنى 5-ئايدا تاغدا زەھەرلىك يىلان چېقىۋالدى، داۋالاشقا پۇل بولمىغاچقا پۇتىنىڭ ئالىقاندەك گۆشى سېسىپ، ئاپئاق ئۇستىخىنى كۆرۈنۈپ قالدى. ئۇ ئۈچ ئايغىچە كارىۋاتتىن تۇرالماي ياتتى، بىچارە ھازىرمۇ ئاقساپ ماڭىدۇ. ئىككى بالىسى مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، ئوبدان يېمىگەن، كىيمىگەن بىلەن، يەنە يىلدا نەچچە يۈز يۈەن ئوقۇش پۇلى تاپشۇرىدىغان گەپ. داڭياڭپو كەنتىنىڭ ئىقتىسادى ناچار، قاتنىشى قۇلايسىز بولۇپ، ناھىيە بويىچە داڭقى چىققان نامرات كەنت ئىدى. ئايال كىشى ھەر قانچە كۈچىگەن بىلەنمۇ بىر ئائىلىنى قامداپ كەتمىگى تەس بولىدىكەن. ھېلىمۇ ئۇرۇق-تۇغقان، قوشنا-قۇلۇملارغا بىر مۇنچە پۇل، گۈرۈچ قەرز بولۇپ كەتتى، ئەمدى ئۇلاردىن يەنە گۈرۈچكە سورايدىغانغا يۈزى قانداق چىدايدۇ. سەككىز ياشلىق ئوغلى ئاچلىققا چىدىماي، تاماق غەلۋىسى قىلغاچقىلا ئۇ ئامالسىز يەنە باشقىلاردىن ئىككى جىڭ تاتلىق ياڭيۇ ئۆتنە ئېلىپ كەلگەنىدى.
بۇ چاغدا كەنت مۇدىرى ناھىيە، يېزىدىكى نامراتلارنى يوقلايدىغان رەھبەرلەرنى باشلاپ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ قالغانىدى. يېزىلىق خەلق ئىشلىرى كومتېتىنىڭ مۇدىرى بىر كونا يوتقان ۋە ئىككى قۇر كونا كىيىم كۆتۈرۈۋالغان، ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىر كادىرى ئاران 20جىڭ كېلىدىغان بىر خالتا گۈرۈچنى ئۆشنىسىگە ئارتىۋالغان بولۇپ،چوپچوڭ بىر ئەر كىشى تۇرۇپ ئۆشنىسىگە خۇددى بىر خالتا ئالتۇننى يۈدۈۋالغاندەك پۇشۇلداپ كەتكەنىدى. ئەتلىرى يۇمران ۋە ئاپئاق كەلگەن، مودا كىيىنگەن يەنە بىر كادىر قىز ئۈچ جىڭ كېلىدىغان بىر ماي تۇڭىنى كۆتۈرۈۋالغان، خۇددى سۇلياۋ تۇڭ قولۇمنى ئۇپرىتىۋەتمىسۇن دېگەندەك قولىغا يەنە ئاپئاق پەلەي كىيىۋالغانىدى. ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بۇ قېتىمقى نامراتلارنى يوقلاش پائالىيىتىدىكى ئەڭ چوڭ رەھبەر بولۇپ، ئىككى قولىنى سېلىپ ئەڭ ئالدىدا كېلىۋاتاتتى. ئۇ بىر نەرسە كۆتۈرۈۋالسا بولمايتتى. چۈنكى ئۇ يوقلانغۇچىلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشى، يوليۇرۇق بېرىشى، يەنە تېخى ئۇلارنىڭ سەمىمىي رەھمىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىدى. يېزا باشلىقى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقىنىڭ قولىدىمۇ ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئېنىقكى ئۇلارغا كۆتۈرگىدەك نەرسە يوق ئىدى. چۈنكى بىر نامرات ئائىلىنى يوقلىغاندا ئۇنچىۋالا كۆپ نەرسە بېرىلمەيتتى. ئۇلار زوداشۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە كەنت مۇدىرى كانىيى يىرتىلغۇدەك ۋارقىرىدى:
— زۇداشۇ، ناھىيىدىن ساڭا قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى ئېلىپ كەلدى، گۈرۈچ، ماي، كىيىم، يوتقان-كۆرپە، يەنە تېخى پۇلمۇ ئەكەلدى.
زۇداشۇ ئۆيىدە پاخالدىن ئاياغ توقۇۋاتاتتى. ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، قىشتا زېرىنكە ياكى لاتا ئاياغ كىيەلمەيتتى. ئۇ ۋارقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئاقساقلاپ چىقىپ كەلدى. غىزا جېدىلى قىلىپ يىغلاۋاتقان بالىسىمۇ يىغىدىن توختىدى. ئۇ سالاپەتلىك كىيىنگەن بۇنچە كۆپ ناھىيە، يېزا رەھبەرلىرىنىڭ ئۆيىگە قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى ئەمەس، ھەتتا بىر كۆرۈۋېلىشنى چۈشىدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدى. ئۆزلىرىگە تېخى گۈرۈچ ئېلىپ كەپتۇ، ئەمدى ئۇلار ئاچ قالمايدىغان بولدى. 10 ياشلاردىكى قىزى سەل ئىش ئۇقۇپ قالغاچقىمۇ، سىرتقا بىر قاراپ قويۇپلا ئۆي ئىچىدە چوشقىغا يەم توغراپ ئولتۇرۇۋەردى.
— لەنشياڭ، ناھىيە رەھبەرلىرى بىزگە قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى ئېلىپ كەپتۇ.
ليۇ لەنشياڭ زۇداشۇنىڭ خوتۇنى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇلارنىڭ كۆتۈرۈۋالغان نەرسىلىرىنى كۆرگەنىدى. ئۇلارنىڭ ئۆيىنى دېھقان كەپىسى دېسە توغرا بولاتتى. ئۆينىڭ تاملىرى بارماقتەك توملۇقتىكى دەرەخ شاخلىرىدىن توقۇلغان، تۆت ئەتراپتىن شامال ۋە يورۇق ئۆتۈپ تۇراتتى. ليۇلەنشياڭ ئۆيدىن چىقمىدى، ئۇ كۆڭلىدە ئۇلار ئەكەلگەن نەرسىلەرنى ئېلىشنى ئەمەس، ئۇلارنى قانداق كۈتۈشنى ئويلاۋاتاتتى. داڭياڭپو كەنتى ئاتىقى چىققان نامرات كەنت، ھەر يىلى چاغان كېلەي دېگەندە ناھىيىدىن، يېزىدىن، ھەتتا شەھەردىن بىر مۇنچە ئادەملەر نامراتلارنى يوقلىغىلى كېلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە شەھەرلىكلەر كىيمەي تاشلاپ قويغان بىر قانچە قۇر كونا كىيىم-كېچەك ياكى بىرەر يۈز يۈەن پۇل دېگەندەكلەرنى بېرەتتى. ئاندىن ئولتۇرۇپ قۇرۇق پاراڭ سېلىشاتتى، كۆڭۈل بۆلگەن قاتاردا ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋاللىرىنى سوراپ قوياتتى. ئەگەر شەھەردىن رەھبەر كېلىدىغان بولسا، ئۆشنىسىگە تېلېكامىرا ئارتىۋالغان مۇخبىرلارنى چوقۇم بىللە ئېلىپ كېلەتتى. مۇخبىرلار ئۇلارنىڭ سۆزلىگەندىكى تۇرقىنى ئالدىراش سۈرەتكە ئېلىۋېلىپ، ئاپىرىپ تېلېۋىزوردا كۆرسىتەتتى. بۇنداق چاغدا بۇنداق ئائىلىنىڭ ئايالى ئادەم بولغانغا توياتتى. داڭياڭپو كەنتىنىڭ يېزا بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 نەچچە چاقىرىم بولۇپ، تاشيول يوق، پەقەت دۆڭلۈك، ئېگىزلىكلەردىن كېسىپ ئۆتىدىغان قومۇشلۇق چىغىر يوللا بار ئىدى. رەھبەرلەرنىڭ نەچچە ئون چاقىرىم تاغ يولىنى بېسىپ نامراتلارنى يوقلىشى ئالەمچە ساخاۋەت ھېسابلىناتتى. تېخى يەنە كىيىم-كېچەك، پۇلمۇ ئېلىپ كېلەتتى. كىيىم-كېچەك، پۇل-پىچەك كۆپ بولمىسىمۇ، نېمىلا دېگەنبىلەن بۇ رەھبەرلەرنىڭ غەمخورلۇقى، كاتتا شاپائىتى-دە. رەھبەرلەرنى يەنە ئاچ قورساق يولغا سېلىپ قويغىلى بولاتتىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن رەسمىيلەشمىگەن بىر قائىدە شەكىللىنەتتى. پۇل، ئاشلىق، كىيىملەر نامرات ئائىلىگە بېرىلەتتى، شۇ ئائىلە ئوتتۇرىغا چىقىپ رەھبەرلەرنى كۈتۈۋالاتتى. خوتۇنلار ئۇياق-بۇياقتىن ئۆتنە-يېرىم قىلىپ، رەھبەرلەرنى سالاھىيىتىگە يارىشا ئۇزىتىپ قوياتتى. ئۆزى بولسا رەھبەرلەر شۇنچە يىراقتىن ئېلىپ كەلگەن نەچچە قۇر كونا كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ قېلىپ كۆز ياشلىرىنى تۆكەتتى. ئۇلارنى مېھمان قىلىپ ئارتىۋالغان قەرزىنى قانداق قايتۇرۇش ھەققىدە غەمگە چۆكەتتى.
ليۇلەنشياڭ پىخسىق ئاياللاردىن ئەمەس ئىدى. رەھبەرلەر نەچچە ئون چاقىرىم يولنى بېسىپ بىزنى يوقلاپ كەپتۇ، بۇ رەھبەرلەرنىڭ يەنىلا بىزنى ئويلايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىر نەرسە كۆتۈرۈپ كەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى ئوبدان كۈتۈشۈم كېرەك، دەپ ئويلايتتى. بىراق ئۇلارنى قانداق مېھمان قىلسا بولار؟ گۈرۈچ ئىدىشى ئاللىقاچان قۇرۇپ كەتكەن، چوشقا ئۆلتۈرمىگەچكە، چوشقا گۆشىمۇ يوق. توخۇدىنغۇ بىرى بار، بىراق تازا تۇخۇم تۇغۇۋاتقان مېكىيان ئىدى. كارىۋاتتا ئاتا-ئانىسى ئورنىدىن تۇرالماي ياتىدۇ، ئۆيدە تۆت تامدىن باشقا ھېچنەرسە قالمىغان. كۈن ئارىلاپ ئىككى قېرىغا تۇخۇم شورپىسى سېلىپ بېرىشمۇ ئۇلار ئۈچۈن چوڭ ۋاپادارلىق كۆرسەتكەنلىك ھېسابلىناتتى. توخۇنى ئۆلتۈرۈۋەتسە، ئىككى قېرىدىنمۇ ئۈمىد قالمايدۇ. قوتاندىكى چوشقىمۇ ئاران نەچچە ئون جىڭ كېلىدىغان ئىنجىمەرۇق مېكىجىن. ئۇ تېخى كېلەر يىلى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئۈچۈن دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيىۋى ئوغۇت سېتىۋالىدىغان پۇلنىڭ مەنبەسى. ئۇنى ئۆلتۈرۈپ رەھبەرلەرنى كۈتسە، كېلەر يىللىق تېرىلغۇنى قىلمىسا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە رەھبەرلەرمۇ چوشقا بوغۇزلاپ تاماق پىشۇرۇشقا ساقلاپ تۇرالامدۇ.
ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كەپىگە كىرىپ كەلدى. ئېگىز بويلۇق كادىر بىلەن چىرايلىق كىيىنگەن كادىر قىزمۇ سوڭدىشىپلا كىردى ۋە قوللىرىدىكى نەرسىلەرنى يەرگە قويدى. قىز شەھەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، خىزمەتكە قاتناشقىنىغا ئۇزۇن بولمىغان ئىدى. سەھراغا نامراتلارنى يوقلاپ تۇنجى قېتىم كېلىشى بولغاچقا كەپىنىڭ شاماللىق ۋە يورۇقلىقى ئۇنى بەكلا قىزىقتۇردى. شەھەردىكى ئۆيلەر قەپەستەك تۇرسا نەدىمۇ بۇنچە چۈشۈپ تۇرىدىغان يورۇقلۇق، بۇنچە ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان شامال بولسۇن؟ ئۇنىڭ بىر جۈپ يوغان كۆزلىرى لاپ-لاپ قىلىپ ئەتراپقا نەزەر سېلىشقا باشلىدى. توساتتىن ئۇنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ، چىرايلىق يۈزىدە ھەيرانلىق ئالامەتلىرى ئەكس ئەتتى. ناھىيىدىكى ئىدارىلەردىن يىغىپ كەلگەن يوتقان-كۆرپىنى كۆتۈرۈپ ھۇجرا ئۆيگە كىردى. ئۇ چوڭ ئۆينىڭ كەينىدىكى ھۇجرا ئۆيدە ئۆچۈپ قالاي دېگەن شامدەك دۈگدىيىپ ياتقان ئىككى قېرىنى كۆرگەنىدى. قېرىلارنىڭ ئۈستىگە بىر پارچە ئەسكىرەپ كەتكەن پاخال يېپىنچا يېپىپ قويۇلغان، پاخال يېپىنچا توختىماستىن تىترەپ تۇراتتى. ئاستىدىن تۇرۇپ-تۇرۇپ ئاھ-ۋاھ قىلغان ئاۋاز كېلەتتى. بۇ چىرايلىق قىز ئىختىيارسىز ئۆزىنىڭ بوۋا-مومىسىنى ئەسكە ئېلىپ قالدى، ئۇنىڭ بوۋا-مومىسىمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ قۇراملىق ئىدى. بىراق ئۇلار ھاۋا تەڭشىگۈچ بېكىتىلگەن ئۆيلەردە تۇراتتى، ئەگەر تالا-تۈزگە چىقمىسا، نېمىنىڭ سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان سوغۇق، نېمىنىڭ جاننى قىينايدىغان تومۇز ئىسسىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇ يوتقاننى ئىككى قېرىغا يېپىپ قويغان چاغدا ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ئاققان مىننەتدارلىق يېشىنى ئېنىق كۆردى.
2
كەنت مۇدىرى سىرتتا تۇرۇپ يەنە ۋارقىرىدى:
— ليۇلەنشياڭ، قۇلىقىڭ گاس بولۇپ قالدىمۇ؟
كەنت مۇدىرىنىڭ تەلەپپۇزى ناھايىتى قوپال بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن دەپ سورىغىنى ئىدى.
ليۇلەنشياڭ ئاشخانىدىن چىقىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ يىرىك قوللىرىنى كونىراپ كەتكەن كۆك كىيىمىنىڭ پېشىگە ئېرتىپ تۇرۇپ دۇدۇقلىدى:
— كەنت مۇدىرى، رەھبەرلەرگە ھازىرلا چۈشلۈك تاماق تەييارلايمۇ؟
كەنت مۇدىرى ليۇلەنشياڭغا چەكچىيىپ:
— ناھىيىدىن ئۈچ رەھبەر كەلدى، يېزا باشلىقى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقىمۇ كەلدى. ئۇلار مەخسۇس سىلەرگە چاغانلىق نەرسە-كېرەك ئەكەلدى، نەچچە ئون چاقىرىم تاغ يولىنى بېسىپ بولغىچە بەك جاپا تارتىپ كەتتى جۇمۇ، — دېدى.
خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇلەنشياڭنىڭ تاماق تەييارلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ دەرھال توستى:
— تاماق قىلمىسۇن، بىز بىردەم ئولتۇرۇپلا تاماقنى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بېرىپ يەيمىز، — دېدى، ئاندىن باشلىقلىق كىبىرىنى كۆرسىتىپ ، — مەن ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن سىلەرنى يوقلاپ كەلدىم، سىلەرگە ئازراق چاغانلىق ئەكەلدۇق، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ سىلەرگە قىلغان غەمخورلۇقى. سىلەرنىڭ باياشات ھەم خۇشال چاغان ئۆتكۈزۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. سىلەرمۇ كۈتۈپ تۇرۇش، يۆلىنىۋېلىش ئىدىيىسىدە بولماي، ئۆز كۈچۈڭلارغا تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، ئۆزۈڭلارنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى بالدۇرراق چۆرۈپ تاشلاپ، ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تىرىشىڭلار، — دېدى.
يېزا باشلىقى كەنت مۇدىرىنى بىر چەتكە تارتىپ:
— چۈش بولۇپ قالغان تۇرسا، ھەممەيلەننىڭ قورسىقى كولدۇرلاپ كەتتى. چۈشلۈك تاماقنى يەنىلا ئۆزىڭىز بىر نېمە قىلىڭ، — دېدى.
خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يېزا باشلىقىنىڭ ئۆزلىرىنى كۈتكۈسى يوقلۇقىنى پەملەپ:
— ئۇنداق بولسا ئىككى خىل قورۇما بىلەن ئاددىيلا تاماقلىنايلى، — دېدى.
— تېز بېرىپ تامىقىڭىزنى ئېتىڭ، ئۇلار ۋاقىت بويىچە تاماق يەيدىغان ئادەملەر، قورسىقى ئېچىپ كەتتى، — دېدى كەنت مۇدىرى ليۇلەنشياڭغا پىچىرلاپ.
— نېمە قىلاي، بۈگۈن تېخى تاتلىق ياڭيۇنىمۇ خەقتىن ئۆتنە-يېرىم قىلغان، — دېدى ليۇلەنشياڭ.
كەنت مۇدىرى ئازراق خاپا بولغاندەك قىلىپ دېدى:
— ئۇلار ئېلىپ كەلگەن گۈرۈچنى يېگىلى بولمامدىكەن؟ مايمۇ ئېلىپ كەلدىغۇ. 20جىڭ گۈرۈچ بىلەن 3 جىڭ ماي ئۇلار ھەر قانچە قىلسىمۇ يەپ بولالمايدۇ.
— كۆكتاتچۇ؟
— مەندىن سوراۋاتامسىز؟ مەن سىزدىن ئۇلارنى قانداق كۈتىسىز دەپ سوراۋاتىمەن جۇمۇ، — كەنت مۇدىرىنىڭ بەكلا ئاچچىقى كەلگەنىدى. ئىچىدە بۇ ليۇلەنشياڭ نېمانداق كالۋا نېمىدۇر، بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، كەنتىمىزگە شەھەردىن، ناھىيىدىن، يېزىدىن نامراتلارنى يوقلاپ كەلگەن باشلىقلارنى قانداق كۈتۈۋاتقانلىقىمىزنى بىلمەمدىغاندۇ؟ كۈتۈپ باقمىغان بولسىمۇ ئاڭلاپ باققان بولغىيىدى، خۇپسەنلىك قىلىۋاتقانلىقىنى قارا، دېگەنلەرنى ئويلىدى.
— ئۆيۈڭلەردە ھاراق بولمىسا، مېنىڭ ئۆيۈمدە بار، بېرىپ ئىككى بوتۇلكا ئېلىپ كېلىڭلار. قورۇمىنىڭ ئىشى تەس كېلىۋاتامدۇ؟ چوشقا گۆشى بولمىسا، توخۇغۇ باردۇ؟ لالما ئىت ئېتىپ كەلسەڭلەرمۇ ئۈلگۈرىدۇ تېخى. ناھىيىدىن كەلگەن باشلىقلار سەھرانىڭ توخۇ، ئىتلىرىنى يېيىشكە ئامراق، ئۇ نەرسىلەر تەبىئىي نەرسىلەرنى يەپ چوڭ بولغاچقا، گۆشى تاتلىق، تېخى قۇۋۋەت بولىدۇ.
بۇ چاغدا ھېلىقى چىرايلىق كادىر قىز ئاشخانىغا كىرىپ:
— يەڭگە، تاماق قىلىمەن دېسىڭىز بولدى توسۇمايلى، شۇنچە يولنى بېسىپ كەلگۈچە راستتىنلا قورسىقىمىز ئېچىپ قاپتۇ. بىراق باشلىقىمىز دېدى، بىر نەچچە خىل قورۇما قورۇسىڭىزلا بولىدىكەن، — دېدى. لېكىن ئۇ كۆڭلىدە “چۈشلۈك تاماقنى بۇ يەردە يېمەيلىلا، بۇ خەق راستتىنلا نامراتكەن، دەپ ئويلىغانىدى.
كەنت مۇدىرى ئۇنىڭغا قاراپ ھىجىيىپ دېدى:
— بۇنىڭدىن سىز غەم قىلماڭ، كەنتىمىز نامرات بولغان بىلەن كۆڭلىمىز باردە. ليۇلەنشياڭ مېھماندوست، مەرد ئايال.
قىز ئاشخانىدىن چىقىپ كېتىشكە ئۇنىمىدى. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارغا ئاۋارىچىلىق سېلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگەنىدى.
— يەڭگە، بىز بېلىق، گۆش دېگەنلەرنى يېمەيمىز. سىلەر نامرات تۇرساڭلار، ئازراق بىر نېمە ئېلىپ كېلىپلا سىلەرنى ئاۋارە قىلىشقا كۆڭلىمىز ئۇنىمايدۇ، — ئۇنىڭ سۆزلىرى شۇ قەدەر ھېسسىياتلىق بولۇپ، كۆز جىيەكلىرى نەمدىلىشكە باشلىغانىدى.
كەنت مۇدىرى ليۇلەنشياڭغا شەرەت قىلىپ قويۇپ، كادىر قىزنى تارتىپ ئاشخانىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئاندىن كەلگەنلەر تاماق پىشقىچە زېرىكىپ قالمىسۇن دەپ بىر قول قارت تېپىپ كېلىپ، ئويۇنغا چۈشۈپ كەتتى.
ليۇلەنشياڭ چاققان ئايال ئىدى. ئۇ كۈل رەڭ قۇياش دېھقان كەپىسىنىڭ ئۈستىدىن قىيىلغاندا تاماقنى تەييار قىلىپ بولاي دەپ قالدى. بىراق قارت ئويناۋاتقان بىر نەچچەيلەن ئولتۇرالماي قالدى، تاغ تەرەپتىن سوققان قىش شامىلى ئۇلارنىڭ قېلىن كىيىملىرىدىن تېشىپ ئۆتۈپ، بەدەنلىرىنى مۇزلىتىشقا باشلىغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۇجرا تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئىككى قېرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقا ئىڭراشلىرى ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىۋاتاتتى. باشلىقلار شۇنچە يىراقتىن چاغانلىق ئېلىپ كەلسىمۇ، يەنە نېمانداق زارلايدىغاندۇ ئۇلار.
ليۇلەنشياڭ قۇرۇمىلارنى شىرەگە تىزىشقا باشلىدى. ئېرى زۇداشۇ راستتىنلا كەنت مۇدىرىنىڭ ئۆيىدىن ئىككى بوتۇلكا “كىچىك ھاماقەت ئەۋلىيا” ھارىقى ئېلىپ كەلگەنىدى. كەنت مۇدىرى قولىدىكى قارتنى تاشلاپ، كۆپچىلىكنى تاماققا تەكلىپ قىلدى.
— ناھىيە، يېزا رەھبەرلىرىنىڭ داڭياڭپو كەنتىمىزنى يوقلاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت، لايىقىڭلاردا بولمىسىمۇ ئاددىيغىنا غىزاغا مەرھەمەت، — دېدى ئۇ تۆۋەنچىلىك بىلەن.
شىرە ئالدىغا كېلىشى بىلەن كەنت مۇدىرىنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى. شىرەگە ساپلا ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرىدىغان گۆشسىز قۇرۇمىلار — يېسىۋىلەك، تۇرۇپ، پۇرچاق، كاۋا، پېدىگەن قورۇمىلىرى، يەنە ئاساسلىق قورۇما سۈپىتىدە يوغان بىر چىنە قۇرۇتۇلغان دۇفۇ قويۇلغانىدى. بۇ ليۇلەنشياڭ بالىلار ۋە قېرىلارغا تەييارلىغان چاغانلىق نېمەتلەر ئىدى. ئۇلار مۇشۇ بىر چىنە قۇرۇتۇلغان دۇفۇ بىلەن چاغان ئۆتكۈزمەكچى ئىدى. رەھبەرلەر كەلگەندىكىن، بالىلار بىلەن قېرىلار يېمىسىمۇ بولار. ئېسىلراق قورۇما بار دېيىلسە، ئاشۇ قۇرۇق مۇچ بىلەن قورۇلغان تۇخۇم ئىدى. بۇ تۇخۇمنىمۇ ئۇلار قېرىلارغا توخۇم شورپىسى قىلىپ بېرىشكە تەييارلاپ قويغانىدى. بۈگۈن قېرىلار تۇخۇم شورپىسى ئىچمىسىمۇ بولار. بىراق قورۇمىلار خېلى مايلىق قۇرۇلغان ئىدى. باشلىقلار ئەكەلگەن ماي تۇرسا، ئاز قويسا ئۇلارغا قانداق يۈز كېلەلەيدۇ. گۈرۈچ تامىقىنىمۇ باشلىقلار ئېلىپ كەلگەن گۈرۈچتە يېرىم قازاندىن كۆپرەك پىشۇرغانىدى.
— ئاران مۇشۇلىمۇ؟ — دەپ سورىدى كەنت مۇدىرى كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ.
— ئوبدانراق قورۇما قىلاي دېسەم ئۇلار يېمەيمىز دېدى، — دېدى ليۇلەنشياڭ ئۆزىنى ئاقلاپ.
— ئەجەب ياخشى، مەن مۇشۇنداق قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، — دەپ كەتتى كادىر قىز. ئۇ ھازىر مۇھەببەتلىشىۋاتقان بولغاچقا سەمرىپ كېتىشىدىن، يىگىتىنىڭ ئۆزىنى ئىسكەتسىز دېيىشىدىن قورقاتتى. ئۇ ئادەتتە گۆشلۈك تاماق يېمەيتتى.
— قورۇمىلار ئوخشىمىغان بولسىمۇ، ھاراقنى يەنىلا ئىچمىسەك بولمايدۇ، — يېزا باشلىقى بۇ ئاددىي قورۇمىلارغا قاراپ، يۈزى تۆكۈلگەندەك ھېس قىلدى. تۆۋەنگە چۈشكەندە ئوبدان قۇرۇما، ھاراققا ئېغىز تېگەلمىسە باشلىقلىقنىڭ نېمە كېرىكى.
ليۇلەنشياڭ كۆپچىلىككە رومكا تارقىتىپ بەردى. كەنت مۇدىرى ھاراق بوتۇلكىسىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ھەممەيلەننىڭ رومكىسىغا لىقلاپ ھاراق قۇيدى. ئارقىدىن خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىنىڭ ھاراق ئىچكەندىكى چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تىكىلدى. كەنت مۇدىرلىقى گەرچە جۇڭگودىكى ئەڭ كىچىك ئەمەل بولسىمۇ، ئاز-تولا نەپكە ئېرىشىدىغان گەپ. دېھقانلار گەرچە ئېتىزدا دۈم يېتىپ، دۈم قوپۇپ ئاشلىق تېرىسىمۇ، بەزى ۋاقىتلاردا يەنىلا كەنت مۇدىرىغا يېلىنىشى كېرەك. بىر پارچە ئۆيلۈك يەر ئۈچۈن، بىر نەچچە تۈپ تېرەك ئۈچۈن كەنت مۇدىرىنى ئىزدەيدۇ. قوشنىلار بىلەن جېدەللىشىپ قالسىمۇ كەنت مۇدىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ ياراشتۇرۇپ قويىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنئالا كەنت مۇدىرىغا “كۆڭۈل” سوۋغا قىلىشى كېرەك. بىراق دېھقانلار كادىرلارغا يەتمەيدۇ. ھازىر ھاراق، تاماكا سوۋغا قىلىش مودىدىن قالدى، ھازىر دېگەن بانكىدىن بىۋاسىتە پۇل ئالغىلى بولىدىغان كارتا سوۋغا قىلىدۇ. دېھقانلار كارتا سوۋغا قىلالمايدۇ، ھاراق، تاماكىمۇ سوۋغا قىلالمايدۇ. ناچار ھاراق، تاماكىنى كۆتۈرۈپ بارغىلى بولمايدۇ، ئاپارغان بىلەنمۇ كەنت مۇدىرى سېنىڭ ئىشىڭ ئۈچۈن چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ گەپ قىلىپ قويمايدۇ. داڭلىق ماركىلىق، لېكىن باھاسىنى دېيىشكىلى بولىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش كېرەك، لېكىن ئۇنداق نەرسىلەر ساپلا ساختا چىقىپ قېلىۋاتقان. كەنت مۇدىرى ئادەتتە بۇ خىل ھاراقنى ئىچمەيتتى. بىرەرسىنىڭ ئۆيىگە ئەزىز مېھمان كېلىپ قېلىپ، دۇكاندا ھاراق تۈگەپ قالغان، ئەمما ھاراق ئىچمىسە زادى بولمىغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ ئۆيىگە ھاراق سوراپ باراتتى، ئەلۋەتتە ھاراقنىڭ باھاسى ئادەتتىكى باھادىن خېلى يۇقىرى بولاتتى.
خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھاراقنى كۆتۈرۈۋېتىپ، ئېغىزىنى كېرىپ “O” ھەرىپى شەكلىگە كەلتۈردى. يېزا باشلىقىنىڭ قوشۇمىسىدا ئاللىبۇرۇنلا ئىككى تال تىك سىزىق پەيدا بولۇپ بولغانىدى. ھېلىمۇ كادىر قىزنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولغاچ، ھەدەپ تاماقلارنى ئوخشاپتۇ دەپ يەپ، باشقىلارنى ھاراق ئىچمەسلىككە دەۋەت قىلاتتى.
— تاماق يېسەڭلارچۇ، بۇ سەيلەر تاغدا ئۆسكەچكىمىكىن يېشىل يېمەكلىكلەرنىڭ تەمى بار ئىكەن.
يېزا باشلىقى بۇ كىشىلەرنىڭ بۇنداق ھەم قىرتاق، ھەم ئاچچىق ساختا ھاراقنى ئىچەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا نۆۋىتى كەلگەندە “تاماق يەپ بولۇپ يەنە 20 چاقىرىم تاغ يولىنى باسىدىغان گەپ، ھاراقنى كۆپ ئىچمەيلى، مۇشۇ رومكىنى كۆتۈرۈۋېتىپ توختاپ قالايلى” دەپ قوياتتى.
— مېنىڭ يۈرەك كېسلىم بار، ھاراق ئىچەلمەيمەن، تاماق يەي، — دېدى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.
باشقىلارمۇ “بۈگۈن قورسىقىمىز ئېچىپ قاپتۇ، ھاراق ئىچمەيلى” دەپ تۇرۇۋالدى. كۆپچىلىك تاماق يېيىشكە كىرىشىپ كەتتى. ئەزەلدىن تاغلىق كەنتنىڭ تۇزلىغان كۆكتات قۇرۇمىلىرىغا ئېغىز تېگىپ باقمىغان بۇ كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كەتكەنىدى. تاغ ئاتلاپ كەلگەچكە قورساقلىرىمۇ راسا ئاچقانىدى. يەنە كېلىپ كادىر قىزنىڭ ھەدەپ دەۋەت قىلىشى ئۇلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋەتتى. ئۇ بىر قاچا، بۇ بىر قاچىدىن يەپ يېرىم قازان ئاش پاك-پاكىز تۈگىدى. قۇرۇمىلارمۇ تالىشىپ يېيىلىپ تۈگىدى. بەزىلىرى تېخى تويمىغاندەك قىلاتتى. كادىر قىز تېخىچە “بۇنداق يېيىشلىك تاماقنى ئەزەلدىن يەپ باقمىغانىدىم” دەپ ۋىچىرلايتتى.
يېزا باشلىقىنىڭ چىرايى تۆمۈردەك قارىداپ كەتكەنىدى.
— تويمىغان بولساڭلار يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بېرىپ يەيلى، — دېدى ئۇ. ئاندىن كەنت مۇدىرىغا قاراپ، — يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئەتە كەنت مۇدىرلىرى يىغىنى بار، يىللىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىمىز، سىزمۇ بىز بىلەن بىللە مېڭىڭ، — دېدى.
3
ئەتىسى كۈن قارايغاندا كەنت مۇدىرى يېزىدىكى يىغىندىن قايتىپ كەلدى. كېلىپ ئۆيىگىمۇ كىرمەي ئۇدۇل زۇداشۇنىڭ ئۆيىگە باردى. زۇداشۇ ئۇنى ھېلىقى ئىككى بوتۇلكا ھاراقنىڭ پۇلىنى ئالغىلى كەلگەن چېغى دەپ ئويلاپ، دەرھال ليۇلەنشياڭغا پۇلنى بېرىشنى بۇيرىدى. ليۇلەنشياڭ دەرھال بىر قولىدا بىر بوتۇلكا ئاغزى ئېچىلمىغان “كىچىك ھاماقەت ئەۋلىيا”نى، بىر قولىدا يۈز يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ:
— مۇدىر، بۇ ھاراقنىڭ ئاغزىنى ئاچمىغان، سىزگە قايتۇرۇپ بېرەي، — دېدى.
كەنت مۇدىرىنىڭ چىرايى بۇلۇتتەك تۇتۇلۇپ كەتكەنىدى:
— سىلەر يېزا باشلىقىنىڭ بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان كەنت مۇدىرلىرى يىغىنىدا سىلەرنى نېمە دېگەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ — دەپ سورىدى ئۇ.
ليۇلەنشياڭ بىلەن ئېرى ھېچنېمىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ قالدى. ئۇلار يېزا باشلىقى بىلەن كەنت مۇدىرىنىڭ تۈنۈگۈن ئۆزلىرىنى تاماقنى ئوبدان تەييارلىماپسىلەر دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلسىمۇ، يېزا باشلىقىنىڭ كەنت مۇدىرلىرى يىغىنىدا ئۆزلىرىنى نېمە دېگەنلىكىنى پەرەز قىلالمىدى.
— ئۇ سىلەرنى يېزىمىزدىكى ئەڭ پىخسىق نېمىلەر ئىكەن، ئۇلارنىڭ پىخسىقلىقى ناھىيىدىن كەلگەن باشلىقنى رەنجىتىپ قويدى، شۇ سەۋەبتىن يېزىمىز مۆلچەرلىگۈسىز زىيان تارتتى، دېدى، يەنە تېخى بارلىق كەنت مۇدىرلىرىغا پۈتۈن يېزىدىكى ئاممىغا سىلەرنى ئىبرەت قىلدۇرۇشنى بۇيرۇدى، — كەنت مۇدىرى بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ۋارقىراپ-جارقىراشقا باشلىدى، — ئۆيۈڭلاردا چوشقا بولمىغان تەقدىردىمۇ توخۇ-تۇمان بار بولغىيتتى؟ ئۇلارغا توخۇ بوغۇزلاپ بېرىشكىمۇ كۆزۈڭلار قىيمىدى. سىلەرمۇ ئادەممۇ-ھە؟ ئۇلار سىلەرگە 200 كوي پۇل، 20 جىڭ گۈرۈچ، 3 جىڭ ماي، يەنە يوتقان، كىيىم-كېچەك ئەكىلىپ بەردىغۇ، ئۇلارغا ھەر قانچە قىلساڭلارمۇ ئەرزىيتتىغۇ؟
ليۇلەنشياڭ بىلەن زۇداشۇنىڭ چىرايلىرى تاتىرىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى نامرات بولسىمۇ، بىراق ھېچكىم ئۇلارنى پىخسىق دەپ باقمىغانىدى. ئۇلار پىخسىقلىقى سەۋەبىدىن ناھىيىدىن كەلگەن باشلىقنىڭ رەنجىپ قالغانلىقى قانداقسىگە پۈتۈن يېزىغا پۇر كەتكەندۇ. ئۇلار بۇندىن كېيىن يۈزىنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ؟ ليۇلەنشياڭ ھېلىقى ئاغزى ئېچىلمىغان ساختا ھاراقنى كەنت مۇدىرىغا قايتۇرۇپ بېرىشكە خىجىل بولۇپ، يانچۇقىدىن ناھىيىدىكىلەر ئېلىپ كەلگەن يەنە بىر يۈز يۈەنلىك پۇلنى چىقىرىپ كەنت مۇدىرىغا ئۇزاتتى:
— بۇ ھاراقنى بىز ئەپقالايلى، 200 يۈەن يېتەمدۇ؟
— ئارتۇقىنى ئالمايمەن، سىلەرنىڭ پۇلۇڭلارنى ئېلىۋېلىشنىمۇ خالىمايمەن، — كەنت مۇدىرى شۇنداق دەپ يانچۇقىدىن بىر مۇنچە پارچە پۇللارنى چىقىرىپ ليۇلەنشياڭغا تۇتقۇزۇپ قويدى ۋە ئۇنىڭ قولىدىن 200 يۈەننى سۇغۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
ھەش-پەش دېگۈچە چاغان يېتىپ كېلىپ كىشىلەرمۇ بىكار بولۇپ قالدى. داڭياڭپو كەنتى ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشاشلا داغدۇغىسىز چاغان ئۆتكۈزدى. ھېچكىممۇ چاغانلىق چوشقا سويمىدى، ھېچكىممۇ ھاراق بىلەن قوتۇرماچ پىشۇرمىدى. داڭياڭپو كەنتى نامرات بولغاچقا كىشىلەر چاغاندا قورسىقى تويغۇدەك بىر نەرسە يېيەلىسىلا شۈكۈر قىلاتتى. بىراق بۇ يىل بۇ كەنتتە چاغان ئۆتكەنكى يىللاردىكىدىن قىزىق ئۆتتى، چۈنكى كىشىلەر زۇداشۇ ئائىلىسىنىڭ چاغان ھارپىسىدا ناھىيىدىن شۇنچە كۆپ قۇتقۇزۇش بەرسىمۇ، رەھبەرلەرنى ياخشى مېھمان قىلمىغانلىقىدەك سۆز-چۆچەك تېمىسىغا ئىگە بولغانىدى. بولۇپمۇ ئىلگىرى بىر نەچچە قۇر كونا كىيىم-كېچەككە ئېرىشكەن، ئەمما رەھبەرلەرنى مېھمان قىلىش ئۈچۈن قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىگە قان تولدى، زۇداشۇلارغا قەبىھ سۆزلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ كىرمىدى، ھەتتا ئۇچرىتىپ قالسا تۈكۈرۈپ ئۆتۈپ كەتتى.
چاغاندىن كېيىنلا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىناتتى. يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى ئۆتكەن يىلى ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىغا ھەمراھ بولۇپ زۇداشۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەن بىر مۇئاۋىن يېزا باشلىقى داڭياڭپو كەنتىدە ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا سەپەرۋەر قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىنغا ھەممە ئائىلە باشلىقلىرى قاتناشتى. مۇئاۋىن يېزا باشلىقى زۇداشۇنى كۆرۈپلا قارىقويۇق تىللاپ كەتتى:
— زۇداشۇ، ساڭا يۈز كېرەك بولمىغان بىلەن بىزگە كېرەك. ناھىيە رەھبەرلىرى ساڭا چاغانلىق ئېلىپ كەلگەندىكىن ئۆيۈڭنى سېتىپ بولسىمۇ ياخشى مېھمان قىلساڭ بولمامدۇ؟ سەن ئاڭلىمىغىنىڭ بىلەن ھازىر ناھىيىدىكى ھەممە خەق سېنى پىخسىق دەپ تىللاۋاتىدۇ.
ئادەم تۇرماق ئىتمۇ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىسا ئادەم چىشلەيدۇ. ياۋاش، مۆمىن زۇداشۇ بۇ بىر ئايدىن بۇيان ئىشتكەن دەشنام ۋە باشقىلارنىڭ كۆز ئالايتىشلىرىدىن جاق تويغانىدى. ئەمدى ئاچچىقىنى زادىلا باسالماي مۇئاۋىن يېزا باشلىقىغا ھۆرپەيدى:
— مېنى پىخسىق دېسەڭ دە، ئېلىپ كەلگىنى ھۆكۈمەتنىڭ نەرسىلىرى، سېنىڭ ئۆيۈڭدىن ئەكەلمىگەندىكىن نېمىگە چالۋاقايسەن؟ جاۋاب قايتۇرۇشقا توغرا كەلسە سىلەرگە ئەمەس، ھۆكۈمەتكە قايتۇرىمەن.
مۇئاۋىن يېزا باشلىقىنىڭ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۇچتى:
— زوداشۇ، دەپ باقە، ھۆكۈمەت دېگەن زادى نېمە؟ ئاكاڭ قارىغاي ھۆكۈمەتمۇ ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئېنىقىنى دېمەيدىغان بولساڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ قەرز پۇلىنى بەرمەيمەنغۇ قانداق؟ نوچى بولساڭ ھۆكۈمەتنى ئىزدەپ بار!
مۇئاۋىن يېزا باشلىقىنىڭ بۇ پوپوزىسى ئەسقاتتى. ئۇ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ قەرز پۇلى، ئۇرۇقلۇق، دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيۋى ئوغۇت قاتارلىق نەرسىلەرنى باشقۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇنى رەنجىتىپ قويسا زۇداشۇ ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى قىلالمايتتى. زۇداشۇ يىغلامسىرىغان پېتى ئۈنىنىمۇ چىقىرالماي قالدى. مۇئاۋىن يېزا باشلىقىنىڭ پەيلى بەكلا يامان تۇراتتى، ئۇ ھەدەپ زۇداشۇغا ۋارقىرايتتى:
— دېگىنە قېنى، زادى كىم ھۆكۈمەت؟
زۇداشۇ ئامالسىز سەۋەنلىكىنى بوينىغا ئالدى ۋە ئېھتىيات بىلەن سورىدى:
— يېزا باشلىقى، سادىر قىلىپ قويغان خاتالىقىمىزنىڭ ئورنىنى ئەمدى تولدۇرۇۋالغىلى بولماسمۇ؟
— قانداق تولدۇراتتىڭ؟ خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەمدى بىزنىڭ داڭياڭپوغا كېلەمدۇ؟ مەن “ياخشى تەسىر قالدۇرماق تەس، ياخشى نام ئىشىكتىن چىقىپ بولغۇچە، يامان ئاتاق جاھاننى كېزىپ بولىدۇ” دەپ بۇرۇنلا ئېيتمىغانمىدىم،— دېدى بىر چەتتە تۇرغان كەنت مۇدىرى.
— بۈگۈن سىلەرنى ئۆيگە باشلاي، يۈزۈمنى قىلامسىلەر؟ — سورىدى زۇداشۇ يېلىنىپ.
كەنت مۇدىرى ئۇنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرۈۋەتكەندەك قىياپەتتە:
— بوپتۇ ئەمىسە، ھازىر قايتىپ كېتىپ، خوتۇنۇڭ تاماقنى تەييار قىلىپ بولغاندا بىزنى چاقىرغىلى كەل، — دېدى.
4
بۇ بىر يىلدا يۇقىرىدىن داڭياڭپوغا مەيلى ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى، مەيلى پىلانلىق تۇغۇت ئەھۋالىن تەكشۈرگىلى كەلگەنلەرنى بولسۇن ۋە ياكى ئاشلىق، قەرز سۈيلەپ كەلگەنلەرنى بولسۇن، ھەممىسىنى زۇداشۇ ئائىلىسى كۈتۈۋالدى. ئۇلار چوشقىسىنى سويۇۋەتتى، توخۇسىنىمۇ بوغۇزلىۋەتتى، ئىت ئېتىپمۇ ئەكەلدى. كەنت مۇدىرىغا ھاراق ئۈچۈن نەچچە يۈز يۈەن قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتى. بىراق ئۇلار زۇداشۇنىڭ ئۆيىدە گۆش، ھاراقلارغا ئېغىز تېگىپ ئولتۇرۇپمۇ زۇداشۇ ئائىلىسىنىڭ بۇلتۇر سادىر قىلىپ قويغان “نومۇسلۇق” ئىشىنى تەگەشنى ئۇنتۇمىدى.
10-ئايدا يېزا باشلىقى داڭياڭپو كەنتىگە ئاشلىق سېتىۋېلىپ يۇقىرىغا تاپشۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ كەلدى. يېزا باشلىقى بۇلتۇرقى شۇ ئىشتىن كېيىن داڭياڭپو كەنتىگە قەدەم بېسىپ باقمىغانىدى. كەنت مۇدىرى زۇداشۇغا يېزا باشلىقىنى ئوبدانراق مېھمان قىلىپ ئاچچىقىنى ياندۇرۇشنى بۇيرۇدى. كۈزلۈك يىغىم تۈگىگەن بولغاچقا، مېھمان قىلىشتا چاتاق يوق ئىدى. زۇداشۇ بىلەن خوتۇنى يامان ئاتاقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھاپىلا-شاپىلا بىر شىرەلىك مول زىياپەت تەييارلىدى. ئەپسۇسكى، كەنت مۇدىرىنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەلگەن ھاراق يەنە ساختا چىقىپ قالدى. بۇ ھاراق ئاچچىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە باشنىمۇ ئاغرىتاتتى. گالدىن ئۆتكەن ھامان باشنى ئېسىلدۇرۇۋېتەتتى. يېزا باشلىقى يەنە ئۇلارنى تىللاشقا باشلىدى، ئاخىرىدا زىياپەت شىرەسىنى ئۆرۈۋەتتى.
يېزا باشلىقى كەتكەن كۈنى ئاخشىمى مۆمىن زۇداشۇ خوتۇنى بىلەن جاھاننى تىترەتكۈدەك دەرىجىدە قاتتىق سوقۇشتى. يەنە تېخى ليۇلەنشياڭنى بىر شاپىلاق سېلىۋەتتى. ئۇنى بۇلتۇر چاغان ھارپىسىدا ھېلىقى كادىر قىزنىڭ گېپىگە كىرمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى، ئۇلارغا توخۇنى ئۆلتۈرۈپ بەرگەن بولساق ياكى ئىت ئېتىپ بەرگەن بولساق بۇنداق يامان ئاتاققا قالمىغان بولاتتۇق، ئەمدى بۇ ئاتاق پېشانىمىزدىن مەڭگۈ كەتمەيدىغان بولدى، — دەپ تىللىدى.
يېزىلاردا ئەر-خوتۇننىڭ سوقۇشۇشى ئادەتتىكى ئىش. نامرات ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئاش-تاماق، كىيىم-كېچەك سەۋەبىدىن سۇقۇشۇشىغا تېخىمۇ ھەيران قالغىلى بولمايتتى. بىراق، ليۇلەنشياڭنىڭ جېنىدىن تويۇپ قېلىشىنى كىممۇ ئويلىغان. يېرىم كېچىدە ئۇ لىمغا ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى داڭياڭپودا ھېچقانچە ئادەمنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشەلمىدى. كىم ئۇنى ئۇنچە پىخسىقلىق قىلسۇن دەپتۇ؟ زۇداشۇنىڭ ئائىلىسىدە ليۇلەنشياڭ بولمىسا بولمايتتى. زۇداشۇ ئاقساق پۇتى بىلەن ئېغىر ئىشلارنى قىلىشقا يارىمايتتى. كارىۋاتتا تېخى ئىككى كېسەلمەن قېرى ياتاتتى. ئىككى بالىسىنىڭ ئوقۇشتىن قېلىشىغا مەيلى دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار يەنە تاماق يېيىشى كېرەك-تە. زۇداشۇ كۈنبۇيى قاپىقىنى سېلىپ يۈرەتتى، ئۇچرىغان ئادەمگە “ئەينى چاغدا ئۇلار ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلمىساق بوپتىكەن، ئۇ نەرسىلەرگە ئېرىشكەن بىلەن قۇتۇلغۇسىز يامان ئاتاققا قالدۇق. مانا خوتۇنۇم ئۆلۈپ كەتتى، ئۆيدىكىلەرنىڭ قېرىسى قېرى، كىچىكى كىچىك، ئۆزۈم مېيىپ، ئەمدى قانداق ياشارمەن” دەپ دادلاپ بېرەتتى.
كەنتتىكىلەر ئەينى چاغدا ئۇلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىشتى. كېيىن تېخى پۇشايمانمۇ قىلىشتى. “شۇ ئەمەسمۇ، بىچارىلەر ئازغىنە نەرسىگە ئېرىشكەن بىلەن، خەققە زىياپەت بىلەن قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، تېخى ئۆيىدە ئۆلۈم كۆرۈلدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىزنى يوقلاپ كەلمىسۇن. ئۇلارنىڭ قىل چاغلىق نەرسىسىنى ئالمايلى. بىز دېھقانلار نامرات بولغان بىلەن غۇرۇرىمىز بار، نامراتلىققا، ئاچلىققا چىدايمىز. ئۇنداق دەردنى تارتقاندىن كۆرە ئۇلار بىلەن ئارىمىز ئوچۇق بولسۇن” دېيىشتى.
دېھقانلار دېگىنىنى قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن راستتىنلا ناھىيە، يېزا ئېلىپ كەلگەن كونا كىيىم، يوتقان-كۆرپىلەرنى، ھەتتا قۇتقۇزۇش ئاشلىقى، قۇتقۇزۇش پۇلى دېگەندەك نەرسىلەرنى قوبۇل قىلمىدى. يۇقىرىدىن كەلگەنلەر داڭياڭپودىكى ئاممىنىڭ ئۆيىدە بىرەر چىنە چاي ئىچىشكىمۇ مۇۋەپپەق بولالمىدى، ھەتتا ئۆيلىرىگىمۇ كىرەلمىدى. بۇنىڭدىن يېزىلىق ھۆكۈمەتمۇ خۇشال بولدى. دېھقانلار مەيلى نامرات بولسۇن ياكى جاپا تارتسۇن، ئىشقىلىپ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قۇلىقى خېلى تىنجىپ قالدى. لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇلارنىڭ بىر يەرلىرى قىچىشىپ ئولتۇرالمىدى. بىر يىلدىن بۇيان ئۇلار قانچىلىك زىياپەتتىن قۇرۇق قالدى-ھە؟ يېزا كادىرلىرى باشقىنى تەمە قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ تەمە قىلىدىغىنى پەقەت دېھقانلارنىڭ ئۆيىدە پات-پات زىياپەت يېيىش ئىدىغۇ!
(خەنزۇچە «بۈگۈنكى دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ 2004-يىللىق 1-سانىدىن)
|