يۈەنجى(ھېكايە)
يوللانغان ۋاقتى:24-06-2011
مەنبە: تارىم 2010-2-سان
مۇھەررىر: admin
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
جەنۇبىي جۇڭگودا لۇڭچىڭ دەيدىغان بىر قەدىمىي بىر شەھەر بار. بۇنىڭدىن تالاي يىللار ئىلگىرى جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ گۈللەنگەن،

ئاپتورى: دىئەن
ئابدۇسالام ئابلىز تەرجىمىسى
جەنۇبىي جۇڭگودا لۇڭچىڭ دەيدىغان بىر قەدىمىي بىر شەھەر بار. بۇنىڭدىن تالاي يىللار ئىلگىرى جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ گۈللەنگەن، ئاسايىشلىق ۋە سەلتەنەتلىك سۇلالىنىڭ تەزكىرە − تارىخى مۇشۇ شەھەردىن باشلانغان. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن لۇڭچىڭلىقلار بۇ ئىشتىن بىخەۋەر، شۇ تاپتا ئۇلار كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئېيتايلۇق، ئۆي باھاسى نېمىشقا ئۆسمۈر بالىلارنىڭ بويىدەك تېز ئۆسىدۇ؟ قوللىرىمىزدىكى پاي چېكىنى سېتىۋېتىش كېرەكمۇ - يوق؟ دېگەنلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشەتتى، يەنە تېخى بەزىلەرنىڭ بېنىس ۋە باۋما ماركىلىق ماشىنىلارنى بەھۇزۇر ھەيدەپ يۈرۈشكەنلىرىنى كۆرۈپ، ئەجەبا بىز شۇنچە جاپا تارتىپ ئىشلىسەكمۇ ئۇلار ئالغان ماشىنىلارنى نېمىشقا ئالالمايمىز؟ دەپ تەڭرىدىن ئاغزىنىشاتتى. قىسقىسى، ئۇلارغا شەھەر تارىخىغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن ئۆز ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش مۇھىم ئىدى.
ئەلۋەتتە بەزىلەر، ئېيتايلۇق، يۈەنجى بۇنىڭ سىرتىدا ئىدى. ئۇ كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇن ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمەيتتى، چۈنكى ئۇ بىر ھېچنېمىسى يوق تىلەمچى ئىدى. شۇڭا بىر نەرسىدىن قۇرۇق قېلىشتىن غەم يەپ كەتمەيتتى. ئەلۋەتتە، تامامەن بۇنداق دەپ كەتكىلىمۇ بولمايتتى. يۈەنجى شەھەرنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى چىن دىلىدىن ئارزۇلايتتى، ناۋادا شەھەر روناق تاپمىسا ئۇنىڭ كىرىمىگىمۇ دەخلىسى بولاتتى. مۇشۇلارنى ئويلىغان يۈەنجى ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ قويدى. مەن ھەقىقەتەن قالتىس جۇمۇ، قولۇمدىن باشقا ئىش كەلمىسىمۇ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىمەن − دە. يۈەنجى ئۆزىنى يۇمۇرلۇق دەپ ھېسابلىمايتتى، تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئۆزۈمنىڭ قارىشىم بار دەپ قارايتتى، خالاس.
يۈەنجى كونا تەجرىبىلىك تىلەمچى ئىدى، ئۇنىڭ بۇ كەسىپنى قىلىۋاتقىنىغا 20 يىلدىن ئاشتى. كىشىلەر دائىم تىلەمچىلەرنى كەمسىتىپ »پۇت - قولى بولغاندىكىن تىلەمچىلىكتىن باشقا نېمىلا قىلسا بولىۋېرىدىغۇ، خەقتىن تىلىگىلى خىجىل بولمايدىغانمىدۇ« دېيىشىدۇ، ئەمما بۇ گەپ يۈەنجى ئۈچۈن ئەھمىيەتسىز ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ راستتىنلا پۇت - قولى يوق ئىدى، ئۇنىڭ بىلىكى ۋە پاچىقى چىقىدىغان جايغا يۇمىلاق گۆش ئۆسۈپ توختاپ قالغانىدى. ئۇنىڭ زادى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى تەڭرىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى. ئۇنىڭ بويىمۇ تۆت ياشلىق بالىنىڭچىلىك بولۇپ، بېجىرىم ئادەمنىڭ يېرىمىچىلىك كېلەتتى، قىسقىسى ئۇ ئادەم ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە مېيىپ ئىدى. ئۇ كىچىك بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلاتتى. ئۇنىڭ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندىكى ھالەت - قىياپىتىنى كۆرگەن كىشى خۇددى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ قويغان بوۋاقنى كۆرۈۋاتقاندەك بولاتتى. ئۇنىڭ چاقلىق ئورۇندۇقىنىڭ يۆلەنچۈكى بولۇپ، يۆلەنچۈك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، ئۇنىڭ يەرگە دومىلاپ چۈشۈشىدىن توسۇپ تۇراتتى. خەقلەر ئۇنىڭغا قارايدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ كۆزىگە ئۇنىڭ قېرىغان قارا چىرايى بىلەن بالىلارنىڭكىدەك گەۋدىسى تاشلىناتتى. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان يۈەنجى ئۆزىگە سەپسېلىپ ئۆتكەن كىشىلەرنى كۆرۈۋەرگەچكە ئۇلار كۆزىگە سىڭىپ كەتكەنىدى. ئۇلارنىڭ گاھىلىرى ئۆزىگە ھەيران قېلىش نەزىرى بىلەن، گاھىلىرى ھېسداشلىق نەزىرى بىلەن، گاھىلىرى ئىچ ئاغرىتىش نەزىرى بىلەن، يەنە گاھىلىرى يىرگىنىش نەزىرى بىلەن بېقىشاتتى. دېمەك، كىشىلەر يۈەنجىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك ئۇنىڭغا خىلمۇخىل ۋە مۇرەككەپ نەزىرى بىلەن قارايتتى، چۈنكى كىشىلەرنىڭ مەسىلە - ھادىسىلەرنى كۆزىتىش مەۋقەسى، ئۇنىڭغا بولغان قارىشى ئوخشىمايدۇ − دە. ئۇلارنىڭ ماڭا ئاشۇنداق قاراشلىرىغا نېمە ئامال؟ −− دەپ ئاچچىق كۈلۈپ قوياتتى يۈەنجى، −− ئادەمنىڭ يا پۇتى، يا قولى بولمىغاندا، ئاشۇنداق يۈزى قېلىن بولۇپ قالىدىكەن ئەمەسمۇ.
بۇنىڭدىن نۇرغۇن يىل ئىلگىرى بىر قىز بالا بىلەن كۆرۈشكىنى يۈەنجىنىڭ ئېسىدە. قىز ئۇنى تۇنجى كۆرگىنىدە ھەيران قالغان، ھەتتا ئېيتقۇسىز خۇشاللىققا چۆمگىنىچە ئۇنىڭدىن:
−− سەن ئۆزگىرىشچان ماشىنا ئادەممۇ؟ −− دەپ سورىغانىدى.
−− شۇنداق، −− دېگەنىدى ئۇ ئالدىدا تۇرغان كۈلكىسى يېقىملىق قىزنىڭ گېپىنى تەستىقلاپ. ئېنىق ئېيتقاندا، ئۇ بۇنىڭدىن 19 يىل بۇرۇنقى مەلۇم بىر كۈنى بولۇنغان گەپ ئىدى. شۇ كۈنى يۈەنجىنىڭ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقىنىغا بەش يىل بولغان كۈن ئىدى. ۋاقىت يۈەنجى ئۈچۈن يادىدا تۇتۇش قىيىن نەرسە ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ زادى قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى دەپ بېرەلمەيتتى، ئەسلى ياش دېگەن نېمە يىلدا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمايدۇ. ئىشقىلىپ يۈەنجى ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا تۇغۇلغان يىلىنى دېيەلەيتتى، چۈنكى مەھەللە ئاھالە كومىتېتىدىكىلەر ئۇنىڭغا قۇتقۇزۇش پۇلى بەرگىلى كەلگەندە، ئۇ جەدۋەل - كاتەكچىلەردىن تۇغۇلغان يىلنى كۆرەتتى. دېمەك، ئۇ ئۆزىنىڭ زادى قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى بىلمەكچى بولسا، قوشۇش ئەمىلى بويىچە ھېسابلاپ باقسىلا چىقاتتى، ئۇ قوشۇش ئەمىلىنى بىلەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ مەكتەپ قارىسى كۆرمىگەنىدى. لېكىن ئانىسى رەھمەتلىك ھايات ۋاقتىدا ئاكىسىنىڭ دەرسلىك كىتابىنى ئۇنىڭغىمۇ ئۆگىتىپ قويغانىدى. ئانىسىمۇ مەكتەپ قارىسى كۆرمىگەن، شۇنداقتىمۇ ئۇ يۈەنجىگە تولىمۇ ئەستايىدىل ئۆگەتكەنىدى. ئۇلار ئۇنداق قىلىپ، بۇنداق قىلىپ باشلانغۇچ مەكتەپ 5 - يىللىقىنىڭ دەرسلىكىنى تۈگەتتى، كېيىن ئانىسى تۈگەپ كەتتى.
يۈەنجى كىچىك چېغىدا ئۆزىنىڭ مېيىپ بولۇپ قالغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ كەتمەيتتى. پەقەت شۇ بوۋاق مەزگىلىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق بىلىنگەنلىكىنىلا ھېس قىلدى. ئۇ بىر ئىشلارنى ئېنىق ئېسىگە ئالالىغۇدەك بولغان چېغىدا، ئەتىدىن - كەچكىچە سىرى چۈشۈپ كەتكەن چاقلىق ھارۋىدا ئولتۇرۇپ، ئىشىك ئالدىدا ئاپتاپسىنىشقا باشلىغانىدى. ئۇ ئاپتاپسىنغاچ مۈرىسى ۋە يوتىسى ئاستىدىكى يۇمىلاق گۆشكە سەپسالاتتى ۋە ئۇلارنى ناھايىتى يېقىملىق سېزەتتى. ئاپىسى ئۇنىڭغا بۇ يۇمىلاق تۆت گۆش بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆسىدۇ دېگەنىدى. ئۇنىڭ پۇت - قولى باشقا بالىلارنىڭكىدەك تېز ئۆسمىدى. ئەمما ھامان بىر كۈن ئۆسىدۇ - دە. يۈەنجى كىچىك چېغىدا پۇت − قولىنىڭ خۇددى سەھەردە بىخ ئۇرۇپ چىققان ئۆسۈملۈكتەك ئۆسۈپ چىقىدىغانلىقىغا قىلچە شەك كەلتۈرمەيتتى. چۈنكى ئالەمشۇمۇل قەھرىمان شاھزادە −− نېجانىڭمۇ گۆشتىن ئۆسۈپ چىققانلىقى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى. ئەمما ئۇ ئانىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى شەكلىگە قاراشلىرى ۋە گەپ ئۇرانىنى ئېسىگە ئالغىنىدا، ئانىسىنىڭ ئۆزىدەك ساددا - گۆدەك ئەمەسلىكىنى، پۇت - قولىنىڭ ئۆسۈپ چىقىدىغانلىقىغا ئۆزىگە ئوخشاش تولۇق ئىشىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى.
ئانىسى جان ئۈزۈش ئالدىدا گەپ قىلغۇدەك ماجالى قالمىغاچقا، چەكسىز مېھىر - مۇھەببەت ۋە قىيالماسلىق ئىلكىدە يۈەنجىنىڭ مۈرىلىرى ئاستىدىكى ئىككى گۆشنى بوشقىنە سىلىدى. شۇ چاغدا ئۇ 16 ياشقا كىرگەنىدى. يۈەنجى ئانىسىنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنگەن ئىدى. ئانىسىنىڭ پۇت - قولۇڭ ھامان بىر كۈنى ئۆسۈپ چىقىدۇ، دېمەكچى ئىكەنلىكى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى. ناۋادا ئانىسى تۈگەپ كەتسە ئۆزى بىلەن بىللە پۇت - قولىنىڭ چىقىشىنى كۈتىدىغان ئادەم قالمايتتى. ئەمما ئۇ پۇت − قولۇم ھامان بىر كۈنى ئۆسىدۇ دېگەننى ئېسىدىن چىقارمىدى. ئانىسى كۆز يۇمىدىغان چاغدا قولى ئۇنىڭ مۈرىسى ئاستىدىكى گۆشتە توختاپ قالغانىدى. شۇ چاغدا يۈەنجى ئانىسىنىڭ جان ئۈزگەنلىكىنى تۇيمىغانىدى، چۈنكى شۇ چاغدا ئانىسىنىڭ قولى ئىسسىق ئىدى.
يۈەنجىنىڭ ئاكىسى ئانىسىنىڭ ئاخىرەتلىكىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ ئېرى تۈگەپ كەتكەن، بىر قىزى بار تىككۈچى ئايالنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ بېرىۋالغانىدى. ئۇ ئۆيىدىن چىقىش ئالدىدا قولۇم − قوشنىلارغا »ئانام بۇ خالتا كوچىدىكى بۇ ئىككى ئېغىزلىق ئۆينى يۈەنجىگە قالدۇرغانىدى. يۈەنجى خاتىرجەم بولسۇن، بۇ ئىككى كاتەكتەك ئۆينى ئۇنىڭ بىلەن ھېچكىم تالاشمايدۇ، يۈەنجى ئۆزىگە ھېزى بولسۇن« دېگەننى تاپىلاپ قويغاندىن كېيىن كەتكەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئايدا بىر - ئىككى قېتىم كېلىپ يۈەنجىنىڭ ئۆيىنى تازىلاپ، كۆنەكسىمان كۆمۈر ئەكىلىپ قوياتتى ياكى بۇزۇلغان نەرسە - كېرەكلەرنى ئوڭشاپ قوياتتى، ئەمما يۈەنجىگە بىر سىنىتمۇ پۇل بەرمەيتتى. ئۇ ھەر قېتىم كېتىدىغان چاغدا يۈەنجىگە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش توغرىسىدا گەپ قىلىپ قوياتتى. يۈەنجىمۇ ئاكىسىدىن ھېچقانداق نەرسە تەلەپ قىلمايتتى، پۇلمۇ سورىمايتتى، ماڭا بىرسى قارىسا بولاتتى، دېگەندەك گەپلەرنىمۇ قىلمايتتى. ھەر قېتىم ئاكىسى بىلەن كۆرۈشكەندە كۈلۈپ تۇراتتى. ئاكىسى كېتىدىغان چاغدا يولدا ئاۋايلاپ ماڭارسەن، دەپ جېكىلەشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. ئۇ ئۆزىنى قالتىس چاغلايتتى، ئاكا - ئىنى ئارىسىدا تىلغا ئېلىنمىغان ئىش مەۋجۇت بولمىغان ئىش ھېسابلىناتتى. ئاكىسى بولسا يۈەنجى ياشىغانىكەن ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئېلىشى كېرەك، ئۆسۈملۈك ئۆزى ئۆسۈپ چىقىپ، ئۆزى يوقالغاندەك ياشىسا بولىۋېرىدىغۇ دەپ ئويلايتتى يۈەنجىنىڭ تۇرمۇشىنى ئېسىگە ئالغاندا.
بەزى ئىشلارنى ئاكىسى ئەلۋەتتە بىلمەيتتى. ئالايلۇق، ئاكىسى كېتىپ ئۈچىنچى كۈنى يۈەنجى كارىۋاتتىن دومىلاپ چۈشتى - دە، بىر غېرىچ، بىر غېرىچتىن سىلجىپ ئۇدۇل قوشنىسىنىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلدى، ئۇ بېشى بىلەن قوشنىسىنىڭ ئىشىكىنى خۇددى پۇتبولنى ئۈسكەندەك ئۈستى. قوشنىسى ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن:
−− چىن ئانا، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى، −− دېدى.
يۈەنجى ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ تىلەمچىگە ئايلاندى. خالتا كوچىدىكى قولۇم - قوشنىلار كۈندە ئىشقا ماڭغاچ ئۇنى چاقلىق ئورۇندۇق بىلەن كوچا دوقمۇشىغا ئەكىلىپ قوياتتى، ئىشتىن چۈشكىنىدە ئۇنى يەنە ئۆيىگە ئەكىرىپ قويۇشاتتى. دېمەك، ئۇ، ئۇزاق بىر كۈننى شاۋقۇن − سۈرەنلىك دوقمۇشتا تەنھا ئۆتكۈزەتتى. ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، تىلەمچىلىك قىلغان تۇنجى كۈندىكى ئەھۋال - كۆرۈنۈش ئۇنىڭ ئېنىق ئېسىدە ئىدى. ئۇ غۇۋا، تار خالتا كوچىدىكى كاتەكتەك ئۆيىدىن بىردىنلا كەڭ - كۇشادە كوچىغا چىقىپ قالغاچقا تازا كۆنەلمىدى. ئۇنىڭغا قانداقتۇر ئۈچەيدەك ئۇزاق كوچا ۋال - ۋۇل قىلىپ ۋالىلداپ تۇرغاندەك، ھېسابسىز تالا - تالا قۇياش نۇرى جىلۋىلىنىپ، كۆزلىرىنى چېقىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىۋالاتتى - دە، كۈنبويى ئۈستۈن قىلمايتتى. ئۆزىگە سەپسېلىپ قارىغانلارغىمۇ قارىمايتتى. كىشىلەر قاچىسىغا تەڭگە ياكى سىنىت − موچەنلەرنى تاشلىغاندىلا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا »رەھمەت« دەيتتى. ئۇ پۇل بەرگەنلەرگە »رەھمەت« دېگەندىن باشقا يەنە گەپ قىلىشىم كېرەك، دەپ ئويلايتتى. ئەمما ھېچ نېمە دېمەيتتى. ناۋادا ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ رەھمەت دەۋاتقىنىدا كىشىلەر كېتىپ قالغان بولسا يېنىكلەپ قالاتتى. ئەمما ئۇ رەسمىيەتچىلىك قىلغاندەك يىراقلاپ كەتكەن سېمالارغا قارىغىنىچە ئۆزىلا ئاڭلىيالىغۇدەك ئاۋازدا »رەھمەت« دەپ قوياتتى. ئارقىدىن سەل كۆڭلى غەش بولغاندەك بولاتتى، چۈنكى ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى كىشىلەرنىڭ ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. يۈەنجى گەرچە تىلەمچى بولسىمۇ، ئۇنىڭ كىشىلەرگە بولغان رەھمەت - مىننەتدارلىقى چىن − ھەقىقىي ئىدى.
بىر كۈنلۈك ئىش - ئوقىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، يۈەنجىنىڭ بويۇنلىرى ئاغرىپ كېتەتتى. كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن كۆزىنى ئالاچەكمەن قىلىدىغان ئۇزاق كوچا باشقىچە ئىللىق تۈس ئالاتتى. يۈەنجىنىڭ ئورۇندۇقى سۇ بېتىدىكى شەپەق ئىلكىدە لەيلىگەندەك كۆرۈنەتتى. يۈەنجى ئۆيىگە يېنىپ كىرگەندىن كېيىن كۈنبويى ئېڭىشىپ ئولتۇرۇپ قېتىپ كەتكەن بويۇنلىرىمنى ئانام تۇتۇپ قويىدۇ دەپ ئويلىدى. ئەمما ئۇ كۆزىنى يۇمۇپ - ئاچقىچە بولغان ئارىلىقتا نېمىنىدۇر ئېسىگە ئالغاندەك ئۆزىنى مازاق قىلىپ كۈلۈپ قويدى، ھەي دۆت، ئېسى قۇرغۇر. كوچىنىڭ نېرىقى بېشىدىن ئۇنى ئالغىلى كەلگەن قوشنىسىنىڭ قارىسى كۆرۈندى. يۈەنجى كۈلۈمسىرەپ قويدى.16 ياشلىق يۈەنجى مۇشۇ قىسقىغىنە ئۈچ كۈندە ئۆزىنى جىقلا قېرىپ كەتكەندەك سەزدى.
يۈەنجى ئۆيىگە يېنىپ كىرگەندىن كېيىن قوشنىسىنىڭ ئىشىكىنى بېشى بىلەن يەنە ئۈستى. خۇرسەن بولغىنىچە تۆمۈر قۇتىنى سول گۆش پۇتى بىلەن ئېچىپ شاراقلاتتى ۋە:
−− چېن ئانا، بۇ سىزگە بېرىدىغان تاماق پۇلۇم، −− دېدى. مۇشۇ تەرىقىدە نۇرغۇن يىللار ئۆتتى. يۈەنجى قايناق دوقمۇشقىمۇ كۆنۈپ كەتتى. ئەمدى كۆزىمۇ ئالاچەكمەن بولمايدىغان، دوقمۇش كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنىدىغان بولدى. ئۇ مەھەللىدىكىلەرگە ئوخشاش ئەتىسى ئىشقا چىقىپ، كەچتە يېنىپ كىرەتتى. خالتا كوچىدىكى قولۇم - قوشنىلار ئۇنى ئۆزلۈكىدىن خۇددى بىر خالتا ئۇننى كۆتۈرگەندەك ئورۇندۇقى بىلەن كۆتۈرۈپ كوچا دوقمۇشىغا ئەكىلىپ قوياتتى، كەچتە ئۆيىگە ئەكىرىپ قوياتتى. قولۇم − قوشنىلار ئۇنىڭغا ھەمىشە ئاش - غىزا سۇنۇپ، كىر - قاتلىرىنى يۇيۇپ بېرىپ تۇردى. كېيىن مەھەللە ئاھالە كومىتېتىدىكىلەر ئادەمنىڭ كۆزىنى ئىمىر - چىمىر قىلىدىغان جەدۋەللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ جەدۋەللەر يۈەنجىگە ياردەم بېرىدىغان جەدۋەللەر ئىدى. ئۇلار يۈەنجىدىن خەت يازالايدىغان − يازالمايدىغانلىقىنى سورىدى. يۈەنجى سەل ئوڭايسىزلاندى، چۈنكى خەت يازىدىغانلىقىغا كۆزى يېتەتتى، خەتلەر ئۇنىڭغا بەكلا تونۇشلۇق ئىدى. ئەمما خەت يازالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئامالسىز ئىدى، شۇڭا ئۇلار »ھېچقىسى يوق، سەن ئۈچۈن بىز تولدۇرۇپ بېرەيلى« دېدى كۈلۈشۈپ.
بىر كۈنى ئۇ ئۇشتۇمتۇت ئۆزىنىڭ مۇشۇ كەمگىچە ئەپلەپ - سەپلەپ ياشاپ كەلگەنلىكىنى سەزدى. ئۇ غىزانى ئىت ۋە مۈشۈكتەك قاچىغا ئېغىزىنى تىقىپلا يېيىشكە، گەۋدىسىنىڭ كۈچ - مادارى بىلەن سىلجىشقا، ھەرىكەتلىنىشكە كۆنۈپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ پۇت - قولسىز گەۋدىسى گويا يىلاندەك چاققان ئىدى، ھەتتا كىيىمىنى ئۆزى كىيەتتى، ئۇنىڭ تۆت پەسىللىك قېلىن - نېپىز كىيىملىرىنىڭ ھەممىسى خالتا ياقىلىق كۆڭلەكلەر ئىدى. قوشنىلارنىڭ بالىلىرى ئۇنىڭ كىيىمنى قانداق كىيىدىغانلىقىنى كۆرۈشكە ھېرىسمەن ئىدى. يۈەنجى خۇددى موللا قوپقاقتەك گەۋدىسىنى ئېگەتتى - دە، ئاغزى ۋە بىلىكى ئارقىلىق كىيىمنى بېشىغا قاپلايتتى، ئاندىن گەۋدىسىنى ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن بىردەم تولغىغاندىن كېيىن، كىيىم ئىختىيارسىز كىيىلەتتى. يۈەنجىنىڭ كىيىم كىيىشىگە قىزىقسىنىپ قاراپ تۇرغان بالىلار ئۇنىڭ قارا، قېرى چىرايى كىيىمنىڭ ياقىسىدىن كۆرۈنگەندە، خۇشاللىقىدىن چاۋاك چېلىشىپ كېتەتتى. سەبىيلەرنىڭ بۇ بىغۇبار ئالقىش سادالىرىدىن يۈەنجىنىڭ چېھرىگە مەمنۇنىيەت كۈلكىسى يۈگۈرەتتى.
يۈەنجى تىلەمچىلىك قىلىۋاتقىنىغا بەش يىل بولغان كۈنى پۇيۈننى تۇنجى قېتىم ئۇچراتتى. ئۇ باش يازنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرى پارلاپ تۇرغان بىر ئەتىگىنى ئىدى.
بۇلاقتەك كۆزلىرى ئويناپ تۇرغان قىزچاق ھەيران بولغىچە يۈەنجىنىڭ ئالدىغا كەلدى - دە،ئۇنىڭدىن:
−− سەن ئۆزگىرىشچان ماشىنا ئادەممۇ؟ −− دەپ سورىدى، قىزچاق تۆت - بەش ياشلاردا ئىدى. يۈەنجى بېشىنى كۆتۈرمىسىمۇ ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرەلەيتتى، بۇ دەل »ئۆزگىرىشچان ماشىنا ئادەم« ناملىق كارتون فىلىم بۇ شەھەرنىڭ ھەممە يېرىدە قويۇلۇۋاتقان مەزگىل بولۇپ، بۇ فىلىمنىڭ ئاساسىي مۇزىكىسى بۇ شەھەرنىڭ ھەممىلا بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدا ھەر كۈنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ياڭرايتتى. يۈەنجى قىزچاقنىڭ چىرايلىق، يۇمران، نازۇك جامالىغا قاراپ كۈلۈپ قويدى ۋە چورتلا قىلىپ:
−− شۇنداق، −− دەپ جاۋاب بەردى.
قىزچاق كۈلدى، كۈلگەندە ئىككى تال كىچىك قوزۇق چىشى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ قالدى. قىز ئارىسالدى بولغىنىچە يۈەنجىنىڭ ئالدىغا كەلدى، قىزنىڭ پۇتى بىخەستەلىكتىن يۈەنجىنىڭ ئالدىدىكى قۇتىغا تېگىپ كەتتى. قىز قۇتىدىكى بىر نەچچە تال تەڭگىگە سەپسسېلىپ قاراپ قويغاندىن كېيىن، يۈەنجىنىڭ كۆزلىرىگە قارىغىنىچە قەتئىي قىلىپ:
−− سەن پۇل ساتىسەن، شۇنداقمۇ؟ −− دەپ سورىدى.
پۇل سېتىش؟ يۈەنجى مەڭدەپ قالدى، ئەمما دەرھاللا ئۇنىڭ نېمە دېمەكچىلىكىنى چۈشەندى. قىزنىڭ ئويىچە بولغاندا، ماروژنى ساتىدىغانلار، خېمىردىن ئادەمنىڭ سىن - سېماسىنى ياساپ ساتىدىغانلار، ئالما ساتىدىغانلار بولغان ئىكەن، تەڭگە پۇل، قەغەز پۇل ساتىدىغانلارنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال ئىدى.
−− شۇنداق دېسىمۇ بولىدۇ، −− دېدى يۈەنجى باشقىچە جاۋاب بەرگۈسى كەلمەي.
قىزچاق يۈەنجىنىڭ بۇ جاۋابىدىن مەمنۇن بولدى، چۈنكى شۇ تاپتا ئۇنىڭ بارلىق گۇمانلىرى يېشىلگەنىدى. قىزچاق نازۇك قوللىرىنى يۈەنجىنىڭ كۆڭلىكىدىن چىقىپ تۇرغان گۆش بىلىكىگە تەگكۈزدى ۋە:
−− بۇ نېمە؟ −− دەپ سورىدى، ئەمما قىزچاق يەنە بىردىنلا سوئالىغا جاۋاب تاپتى:
−− قولۇڭنى ئىشلەتمەكچى بولغىنىڭدا، مۇشۇ يەردىن چىقىرىسەن، شۇنداقمۇ؟
يۈەنجى بېشىنى چايقىدى، ئۇنىڭ بىردىنلا كۆڭلى غەش بولدى ۋە:
−− قولۇم ئەزەلدىن بۇ يەردىن چىقىپ باققان ئەمەس. قولۇمنىڭ زادى قانداقلىقىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىدىم، −− دېدى.
−− نېمىشقا ئەمدى؟ −− دېدى قىزچاق بېشىنى سىڭايان قىلغىنىچە، −− بەلكىم بىرەر كاشىلا بولسا كېرەك، دوختۇرخانىغا بېرىپ باققىن.
قىزچاق يۇمشاق، نازۇك قوللىرى بىلەن يۈەنجىنىڭ مۈرىسى ئاستىدىكى گۆشنى ئاستاغىنە سىلىدى، قىزچاقنىڭ سىلىشىدىن پەيدا بولغان بىر خىل سىرلىق، نازۇك راھەتلىنىش بىردىنلا يۈەنجىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلدى. يۈەنجى بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە قىزنىڭ نازۇك قوللىرىغا ئىنچىكە سەپسالدى. قىزنىڭ قوللىرى ئاپپاق، يۇمران بولۇپ،كىچىك - كىچىك تىرناقلىرىغا سۇس خېنە قويۇۋالغانىدى. يۈەنجىنىڭ تۇغۇلغاندىن بېرى باشقىلارنىڭ قولىغا خاتىرجەم ھالدا يۈرەكلىك سەپسېلىپ بېقىشى مۇشۇ تۇنجى قېتىم ئىدى. باشقىلار ئۇنىڭ پۇت - قولى بېجىرىم ئادەملەرگە ئىنتايىن قىزىقىدىغانلىقىنى، ھەۋەسلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئەمما ئۇ ھازىرغىچە بىرەر ئادەمگە »قولىڭىزنى ئوبدان بىر كۆرۈپ باقاي بولامدۇ؟« دەپ باقمىدى. ئۇ بۇنداق دېيىشكە ئەسلا جۈرئەت قىلالمايتتى. ئۇ ھازىرغىچە كۆڭلىدىكى ئارزۇ − ئارمانلىرىنى باشقىلارغا خاتىرجەم، يۈرەكلىك ھالدا ئېيتىشقا جۈرئەت قىلىپ باقمىدى.
−− ئېتىڭ نېمە؟ −− سورىدى يۈەنجى قىزدىن.
−− ئېتىم جاڭ پۇيۈن، −− قىزچاقنىڭ ئىسمىنى دانە − دانە قىلىپ دەپ بېرىۋاتقان چاغدىكى تەق - تۇرقى تولىمۇ ئۇماق ئىدى.
−− ئۆيۈڭلەر نەدە؟
−− پۇيۈن كوچىسىدا، −− قىزچاق ئۆز ئىشىغا قىلچە قىزىقمايدىغاندەك گەپ تېمىسىنى يۆتكىدى، −− قولۇڭ بۇنداق تۇرسا قانداق تاماق يەيسەن؟
−− ھايۋانلارغا ئوخشاش ئاغزىم بىلەنلا يەيمەن.
−− ناۋادا دۈمبەڭ قىچىشسا قانداق قاشلايسەن؟ −− سورىدى پۇيۈن سەل ھەيران بولغىنىچە.
−− چىدايمەن - دە، −− دېدى يۈەنجى كۈلۈپ.
−− چىدايمەن؟ −− دېدى پۇيۈن بېشىنى گىلدىڭلىتىپ، −− قالتىسكەنسەن جۇمۇ.
−− ئامال قانچە نۇرغۇن ئىشلارغا چىدىماقتىن باشقا چارەم يوق، −− دېدى يۈەنجى چۈشەندۈرۈپ.
−− ئەمىسە، −− پۇيۈننىڭ چىرايىدا ئوڭايسىزلىق ئەكس ئەتتى، ئۇ ئاغزىنى يۈەنجىنىڭ قۇلىقىغا يېقىن قىلىپ پىچىرلىدى، −− كۆتۈڭنى قانداق ئېرتىسەن؟
−− بۇ مېنىڭ مەخپىيەتلىكىم، باشقىلارغا دېيىشكە بولمايدۇ، −− دېدى يۈەنجى جىددىي يوسۇندا، شۇنىڭ بىلەن پۇيۈن ئىختىيارسىز جىمىپ قالدى.
ئىككىيلەن مۇشۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالغان بولدى.
پۇيۈننىڭ ئۆيى يۈەنجى تىلەمچىلىك قىلىدىغان جايدىن يىراق ئەمەس ئىدى.
پۇيۈننىڭ ئۆيىمۇ يۈەنجىنىڭ ئۆيى بار خالتا كوچىغا ئوخشاش نۇرغۇن بىر قەۋەت ئۆيلەر بار خالتا كوچىدا ئىدى. ئۇ كوچا پۇيۈن كوچىسى دېيىلەتتى. ئۇ كوچىدا لۇڭچىڭ شەھىرىگە مەشھۇر بولغان پۇيۈن ئىبادەتخانىسى بولغاچقا، بۇ قەدىمىي ئىبادەتخانىغا كېلىپ، كۈجە كۆيدۈرۈپ تائەت − ئىبادەت قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. بىراق بۇلارنى يۈەنجى كېيىن بىلگەنىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن پۇيۈن ھەمىشە يۈەنجىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئوينايدىغان بولدى، ئۇ كۈندە كەلمىسىمۇ ئىككى - ئۈچ كۈندە بىر كېلىپ تۇراتتى. بىر كۈنلەرگە كەلگەندە، يۈەنجى تىلەمچىلىك قىلىدىغان ئەسلىي ئورنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇ چاغدا ئۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا ئەمدى پۇيۈننى كۆرەلمەيدىغان بولدۇم، دەپ ئويلاپ ئۈمىدسىزلەندى.
ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق ئىدى: شۇ كۈنى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر توپ مۇتتەھەم بالىلار يۈەنجىنىڭ بېشىغا تۈكۈرۈشۈپ، ياقىسىدىن ئىچىگە گازىر شۆپۈكى تىقىۋېتىشىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ قۇتىسىدىكى تەڭگە پۇللىرىنى ئېلىپ كېتىشىدۇ. يۈەنجى بولسا كۆزلىرىنى يۇمغىنىچە ئۈندىمەستىن جىممىدە ئولتۇرىدۇ. ئۇ، بۇ ئازابمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئۇلار قىلىدىغان ئەسكىلىكلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن كېتىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. لېكىن ئۇلار كېتىدىغان چاغدا يۈەنجىنىڭ ئورۇندۇقىنى تېپىپ ئۆرۈۋېتىدۇ، ئۇلار يۈەنجىنىڭ يەردە تىركىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇياقتىن - بۇياققا دومىلاپ دېگۈدەك تۇرۇش ئۈچۈن تېپىرلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈشۈپ، بىر ھازا قاقاھلاپ كۈلۈشكىنىچە مەھەللىنى بېشىغا كىيىشىدۇ.
بالىلار كەتكەندىن كېيىن يۈەنجى يىقىلغان جايىدىن تۇرۇشقا تىركەشتى. بۇ چاغدا ئەتراپ جىمجىتلىققا چۆمگەنىدى. جىمى ئالەم ئېيتقۇسىز مىسكىنلىك ۋە جىمجىتلىققا غەرق بولغانىدى. ئۇنىڭ چاقلىق ئورۇندۇقى يېنىدىلا ئىدى. ئەمما ئۇ ئورۇندۇقنىڭ يېنىغا بېرىش ئۈچۈن نەچچە قېتىم ئۆرە بولدى، يىقىلدى، ئۆرە بولدى، يەنە يىقىلدى، ئەمما ئورۇندۇقنىڭ يېنىغا يېقىن كېلەلمىدى. ئۇنىڭ چاقلىق ئورۇندۇقى گويا مۇردىدەك جايىدا مىدىر - سىدىر قىلماي تۇراتتى، لېكىن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىش بەسى مۈشكۈل ۋە ئەھمىيەتسىز ئىدى. مانا مۇشۇ چاغدا يۈەنجى بۇ ئۆمرىدە ئۆزىدىن تۇنجى قېتىم بۇ دۇنيادا نېمىشقا ياشايمەن؟ دەپ سورىدى.
ئاشۇ كۈنى يۈەنجىنىڭ ھاياتىدا بۇرۇلۇش بولدى. چۈنكى شۇ كۈنى ئۇنىڭغا جىڭتۇڭ ھەزرەت ئۇچرىغانىدى. بىر نەچچە شاگىرتى بىلەن بۇ كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان جىڭتۇڭ ھەزرەت ئۇستبېشى مەينەت، يۈز - كۆزى پۈتۈنلەي چاقا - يارا بولۇپ كەتكەن يۈەنجىنى كۆردى. ھەزرەتنىڭ شاگىرتلىرى يۈەنجىنى يۆلەشتۈرۈپ ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغۇزدى. جىڭتۇڭ ھەزرەت يۈەنجىگە قاراپ كۈلۈمسىرىدى، يۈەنجى ھەزرەتنىڭ كۈلۈمسىرىشىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. ھەزرەت يۈەنجىدىن ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىشنى خالايدىغان − خالىمايدىغانلىقىنى، ئىبادەتخانىدا ئادەم كۆپلۈكىنى، ئۇ يەردە بىرەرسىنىڭ ئۇنى بوزەك قىلىشقا پېتىنسا ئەدىپىنى يەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. جىڭتۇڭ ھەزرەت گەپ قىلىۋاتقاندا ئۇنىڭ كۆزلىرى گويا ئۇچىسىدىكى قىزىل كاسايادەك ئىللىق، مېھرىبان كۆرۈنەتتى. ھەزرەتنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسىدىن خىجالەت بولۇپ كەتكەن يۈەنجى:
−− ھەزرىتىم بارمىغىنىم تۈزۈكمىكىن، بۇ ئەپتىم بەئەينى تۇزلۇق قاپىقىدەك تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەينەتلىكىمنى دېمەملا تېخى، −− دېدى بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە تىلىنى چايناپ.
−− بۇ دۇنيادا پاكىز ئادەم يوق، −− دېدى ھەزرەت كۈلۈپ قويۇپ.
كىشىنىڭ دىلىنى يورۇتىدىغان بۇ گەپلەر بىلەن ھەممە ئىش ھەل بولدى. ھەزرەتنىڭ شاگىرتلىرى يۈنجىنى ئورۇندۇقى بىلەن كۆتۈرۈپ ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. يۈەنجى شۇندىلا بۇ يەرنىڭ نۇرغۇن لۇڭچىڭلىقلار ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان پۇيۈن ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدى.
پۇيۈن ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشىك ئالدى ياپيېشىل دەل - دەرەخلەر بىلەن قاپلانغانىدى.
ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ يۈەنجى ئىبادەتخانىنىڭ دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان ئىشىكى ئالدىدا كۈنبويى ئولتۇرىدىغان بولدى. ئۇ ئىبادەتخانىغا كىرىپ - چىقىۋاتقان راھىبلارغا »ئامىتوفۇ« دەيتتى. بەزىلەر ئۇنىڭ تۆمۈر قۇتىسىغا پۇل تاشلىغاندا »رەھمەت« دېيىشنىڭ ئورنىغا »ئامىتوفۇ« دەيتتى. يۈەنجى بۇ ئىككىسى ئوخشاش گەپ دەپ قارايتتى.
نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن »لۇڭچىڭ كەچلىك گېزىتى«گە بىر پارچە ماقالە بېسىلدى، ماقالىدە پۇيۈن ئىبادەتخانىسى ئالدىدىكى »مېيىپ تىلەمچىلەر«، شۇنداقلا بۇ تىلەمچىلەرنىڭ ئىبادەتخانا ئىشىكى ئالدىدا ھەمىشە تىلەمچىلىك قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغانىدى. ئەمما ماقالىدە يۈەنجىدىن ئىبارەت بۇ مېيىپ تىلەمچىنىڭ تىلەمچىلەر ئىچىدىكى بىرىنچى تىلەمچى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغانىدى. ئەلۋەتتە بۇ كېيىنكى گەپ.
پۇيۈن ئىبادەتخانىسى ئىشىكى ئالدىغا دەسلەپتە كېلىپ تىلەمچىلىك قىلغان يۈەنجىنىڭ بۇ يەردە ئىچى پۇشۇپ كەتكەنىدى. ئىشىك ئالدىدا ئىبادەتخانىدا كۆيدۈرۈلگەن كۈجىلەرنىڭ پۇراقلىرىنى پۇراپ كۈنبويى ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇش يۈەنجى ئۈچۈن ھەقىقەتەن زېرىكىشلىك ئىدى. بۇ خىل زېرىكىشلىك ئىچىدە ئۇ پۇيۈننى سېغىندى، پۇيۈننى ئەمدى كۆرەلمەسمەنمىكىن دەپ ئەنسىرىدى. لېكىن ئۇنىڭ خىيالىغا پۇيۈننىڭ ئۆيىمىز پۇيۈن كوچىسىدا دېگەن گېپى گەلدى، دېمەك، پۇيۈننىڭ ئۆيى مۇشۇ يېقىندىلا ئىدى. شۇ تاپتا ئىككىسى ناھايىتى يېقىنلا تۇرۇۋاتقاچقا، ئۇ پۇيۈننى چوقۇم كۆرەلەيتتى. مۇشۇ خىيال بىلەن يۈەنجىنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت كۈتتى. كۈنلەرمۇ ئانچە بىلىنمەستىن ئۆتمەكتە ئىدى. يۈەنجىنىڭ ۋاقتى، سەۋر - تاقىتى يېتەرلىك ئىدى. ئۇ پۇيۈن بىلەن ھامان بىر كۈنى كۆرۈشىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. يۈەنجى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر ھەپتىدىن كېيىن كۆرۈشسىمۇ، بىر يىلدىن كېيىن كۆرۈشسىمۇ، ئۈچ يىلدىن كېيىن كۆرۈشسىمۇ بەرىبىر ئوخشاش ئىدى.
لېكىن يۈەنجى پۇيۈن بىلەن كۆرۈشمەستىنلا ئاكىسى ئۇنى ئىزدەپ كەلدى. ئاكىسى ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن كۈنى ئىبادەتخانىدا قاندۇقتۇر بىرەر ئىبادەت پائالىيىتى بولسا كېرەك، ھەممە يەرنى نوم ئوقۇغا ن ئاۋاز بىر ئالغانىدى، شۇ ئەسنادا يۈەنجىنىڭ ئاكىسى كەلدى. ئۇ ئاكىسىنى كۆرمىگىلى ناھايىتى ئۇزاق بولغانىدى. ئاكىسى قولۇم - قوشنىلارنىڭ يۈەنجىگە ئوبدان قاراۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، يۈەنجىنى يوقلىغىلى بارغانسېرى ئاز كېلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئاكىسى يۈەنجىنىڭ ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئۇزاققىچە گەپ - سۆز قىلمىدى، يۈەنجىمۇ ئۈندىمىدى، يۈەنجى ئەسلىدىمۇ كەم سۆز ئىدى.
−− ئۆيگە كېتەيلى، −− دېدى ئاكىسى ئاخىر ئېغىز ئېچىپ، −− ئورۇندۇقۇڭغا تۆت چاق ئورنىتىپ بېرەي، شۇنداق قىلساق كىشىلەرنىڭ سېنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىشىمۇ ئاسان بولىدۇ.
−− ماقۇل، −− دېدى يۈەنجى كۈلۈپ قويۇپ.
كېيىن ئىككىيلەن يۈەنجىنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئاكىسى بارغانسېرى كونىراپ كېتىۋاتقان تۆت تامغا سەپسالدى ۋە:
−− خەۋىرىڭ بارمۇ − يوق، بۇ خالتا كوچىدىكى ئۆيلەرنى چاقىدىكەن، −− دېدى يۈەنجىگە.
يۈەنجىمۇ شۇنداق بىر گەپنى، خەقلەرنىڭ بۇ خالتا كوچىدىكى ئۆيلەرنى چاققاندىن كېيىن، بۇ يەردىكىلەرنى شەھەر مەركىزىدىن بىر بىناغا كۆچۈرىدىكەن. دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدى.
قائىدە بويىچە يۈەنجىگىمۇ بىر يۈرۈش −− 50 نەچچە كىۋادراتلىق ئۆي بېرىلگەن ئىدى. بۇ ئىشقا مەسئۇل كىشىلەر ئۇنى 1 - قەۋەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا قوشۇلغان ئىدى.
−− ئاڭلىغانىتىم. ھەممىمىز بىنا ئۆيگە كۆچىدىكەنمىز، لېكىن شۇ سەل يىراقكەن، −− دېدى يۈەنجى بېشىنى لىڭشىتىپ.
−− ئۇنىڭ قورسىقىدا بار، −− دېدى ئاكىسى، ئاكىسى يۈەنجىنىڭ گەپنى ئاڭقىرالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، −− يەڭگەڭ ئېغىر ئاياغ، −− دەپ قوشۇپ قويدى.
−− ھە، −− دېدى يۈەنجى ئاكىسىنىڭ گېپىنى چۈشىنىپ.
−− ئىلگىرى ئۇنىڭ بىر بالىسى بار ئىكەن، ھازىر يەنە قورسىقىدا بار، ھازىر تۇرۇۋاتقان ئۆيىمىز تارچىلىق قىلىپ قالدى. سەن ئۆيىمىزنى كۆرمىدىڭ، بىز بىر ئېغىزلىق تىككۈچىلىك دۇكىنىدا تۇرۇۋاتىمىز، ئۇ كاتەكتەك بىر ئېغىزلىق ئۆي. ھازىر ساڭا ئۆي بەردى، مەن سەن بىلەن بىر ئىشنى مەسلىھەتلەشكىلى كەلدىم، بىز بىللە تۇرايلى، يېڭى بەرگەن ئۆي ئىككى ئېغىزلىق ئەمەسمۇ، سەن بىر ئادەم ئىككى ئېغىزلىق ئۆيدە تۇرۇپ بولالمايسەن. بىرگە تۇرساق بىزمۇ ھالىڭدىن خەۋەر ئالالايمىز، بىز بىلەن بىرگە تۇرۇشنى خالامسەن؟ −− دېدى ئاكىسى.
−− بولىدۇ، −− دېدى يۈەنجى.
يۈەنجىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان ئاكىسى مەڭدەپ قالدى. ئۇ ناھايىتى تەس بىر ئىشنىڭ شۇنداق ئاسان ھەل بولىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدى. شۇڭا بىر ھازادىن كېيىن:
−− ئاھالىلەر كومىتېتى ساڭا ئايدا نەچچە پۇل بېرىدۇ؟ بەرگەن پۇلى يېتەمدۇ؟ −− دەپ سورىدى:
−− يەتمەيدۇ، −− دېدى يۈەنجى بىرئاز خىجىل بولۇپ، −− يەتسە كوچىدا تىلەمچىلىك قىلمايتتىم.
−− بىز بىللە تۇرساق تىلەمچىلىك قىلمىساڭمۇ بولىدۇ، −− دېدى ئاكىسى.
−− ياق، −− دېدى يۈەنجى بېشىنى چايقاپ، −− بۇرۇنقىدەك ئۆتۈۋېرەي، سىلەر مېنى كۈندە ئەتىگەن ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويساڭلار، كەچتە ئېلىپ كەتسەڭلارلا بولدى.
−− بولدىلا، −− دېدى ئاكىسى، −− مەن ئاكاڭ بولغان ئادەم يېنىڭدا تۇرسام يەنە تىلەمچىلىك قىلساڭ، كىشىلەر مېنى نېمە دەيدۇ.
−− ئەمىسە مۇنداق قىلايلى، سىلەر يېڭى ئۆيدە تۇرۇڭلار، مەن تىككۈچىلىك دۇكىنىدا تۇراي، مەن يېرىم - يارتا ئادەم بولغاندىن كېيىن چوڭ ئۆينىڭمۇ كېرىكى يوققۇ، لېكىن تىككۈچىلىك دۇكىنىغا بارسام قوشنىلاردىن ئايرىلىپ قالىمەن، ئۇ چاغدا ماڭا سىلەر ئاش - تاماق ئېتىپ، كىر - قاتلىرىمنى يۇيۇپ بېرىشىڭلار، مېنى ئىبادەتخانىغا ئاپىرىپ قويۇشۇڭلار كېرەك، قانداق دېدىم؟ −− دېدى يۈەنجى.
−− بىلىمەن، مەن ساڭا يۈزكېلەلمەيمەن، −− دېدى ئاكىسى خېلى ۋاقىتلاردىن كېيىن.
−− ئۇنداق دېمە، ساڭىمۇ ئاسان ئەمەس، −− دېدى يۈەنجى.
شۇنداق قىلىپ يۈەنجىنىڭ ئورۇندۇقىغا تۆت چاق بېكىتىلدى، يۆلەنچۈكىگە تانىمۇ بېكىتىلدى. ئۇنىڭ ئورۇندۇقى چانىغا ئۆزگەرتىلدى. مانا بۇ ئاكىسىنىڭ شۇنچە ئۇزاق يىللاردىن بېرى يۈەنجىگە قىلىپ بەرگەن بىردىنبىر ئىشى ئىدى.
يۈەنجى تىككۈچىلىك دۇكىنىنىڭ بالىخانىسىغا كۆچۈپ باردى. ئۇكۆچۈپ بارغان بىرىنچى كۈنى بىر تۇلۇمچاشقان تۆت - بەش كىچىك چاشقاننى ئەگەشتۈرۈپ، ئۆينىڭ ئۇ بۇلۇڭىدىن بۇ بۇلۇڭىغا قاتارلىشىپ ئۆتۈپ كەتتى. چاشقانلار يۈەنجىنىڭ مۈرىسىنى سىيپاپ ئۆتكەندە ئۇ: بىز ئەمدى بىر ئۆينىڭ ئەزالىرى بولۇپ قالدۇق، دەپ ئويلىدى.
ئەمەلىيەتتە يۈەنجى قەيەردىلا تۇرسا ئۇنىڭغا ئېرەن قىلىپ كەتمەيتتى، پۇيۈن ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى دەرەخ سايىلىرى ئۇنىڭ ھەقىقىي ئۆيى بولۇپ قالغانىدى. بۇنىڭغا ئۆزىمۇ ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيتتى. ئۆگزە، تام - تورۇس، ئىشىك دېگەنلەر بولمىغان ئۇ يەردە يۈەنجىنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپاتتى. ئۇ يەر يۈەنجىنى بۇ دۇنيا بىلەن باغلاپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئىش - ئوقىتى، دوست - بۇرادەرلىرى، شەپقەتچىلىرى، ھال - مۇڭ بولۇپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان سىرداشلىرى، كۆنۈپ كەتكەن پۇراقلار، تارتىشىدىغانلىرى پۇيۈن ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ئاشۇ دەرەخ سايىسى ئاستىدا ئىدى.
يۈەنجى بىر كۈنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىنى تازىلايدىغان راھىبچاق بىلەن پاراڭلىشىپ قالىدۇ. راھىب پۇيۈن ئىسىملىك ئوماققىنە بىر قىزچاقنى كۆرگەنلىكىنى ئېتىدۇ ۋە يۈەنجىدىن پۇيۈن كوچىسىدا ئولتۇرىدىغان ھېلىقى قىزچاق شۇمۇ، دەپ سورايدۇ. راھىبچاق يۈەنجىدىن ئېنىق جاۋاب ئالغاندىن كېيىن يەنە »ئۇ قىزچاقنىڭ ئىسمىنى بىزنىڭ باش شەيخ قويغان« دەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن يۈەنجى دوستى پۇيۈننىڭ بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا پۇيۈن ئىبادەتخانىسىغا تاشلىۋېتىلگەن بوۋاق ئىكەنلىكىنى، جىڭتوڭ باش راھىبنىڭ ئۇنىڭغا ئىسىم قويۇپ قويغانلىقىنى، كېيىن پۇيۈن كوچىسىدىكى بىر ئەر - ئايالنىڭ بېقىۋالغانلىقىنى بىلىدۇ. راھىبچاق ئاخىردا:
−− ئۇلار كۆچۈپ كەتتىغۇ دەيمەن، −− دېدى يۈەنجىگە. بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالغان يۈەنجى:
−− نەگە كۆچۈپ كەتتى؟ −− دەپ سورىدى.
−− بىلمەيمەن، −− دېدى راھىبچاق بېشىنى چايقاپ.
شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى. بۇ يىللاردا پۇيۈن ئىبادەتخانىسى ئىشىكى ئالدىغا مەجرۇھ - مېيىپلەر يىغىلدى. دەسلەپتە بىر ئەما پالچى كەلدى. ئۇ يۈەنجىنىڭ تۇنجى ئىشدىشى بولۇپ، ئۇ يۈەنجىگە ناھايىتى قىزغىن ھالدا ھەقسىز پال ئېچىپ قويماقچى بولدى. يۈەنجى بولسا رەھمەت ئېيتىپ رەت قىلدى. چۈنكى ئۇ ماڭا ئاچقان پال بەرىبىر ياخشى چىقمايدۇ، دەپ قارايتتى. كېيىن يەنە پۇتى يوق بىرەيلەن ۋە بەللىرى يادەك ئېگىلگەن بىرەيلەن كەلدى. ئۇلار يۈەنجىدەك تىلەمچىلەر ئىدى. دېمەك، يۈەنجىگە ھال - مۇڭ بولىدىغان ھەمراھ قوشۇلغانىدى. يۈەنجى ئەسلىدىمۇ كەم سۆز ئىدى. لېكىن نېمىشقىدۇ كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ مېيىپ - مەجرۇھلار ئارىسىدىكى مۇھىم ئادەملىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ موللا قوپقاقتەك بەدىنى ۋە سالماق مىجەزى بىلەن ئەما، توكۇر، دوك تىلەمچىلەرنى خۇددى ماگنىتقا ئوخشاش ئۆزىگە قارىتىۋالغانىدى.
1999 - يىلىنىڭ ئاخىرى، 1000 يىلدىن كېيىن كېلىدىغان يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن ئېتىلغان پوجاڭزىلار لۇڭچىڭنىڭ كېچە ئاسمىنىنى رەڭگارەڭ يورۇتۇپ تۇراتتى. يۈەنجىدە يېڭى يىلغا نىسبەتەن ھېچقانداق چۈشەنچە - قىزىقىش يوق ئىدى. ئەمما ئۇ خۇشال ئىدى، نېمىلا دېگەنبىلەن ئۇ بۇنىڭ بىر بايرام ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.
بىر كۈنى چۈشتە پۇيۈن ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدا تاتلىقياڭيۇ ساتىدىغان بىرى ئۇنىڭغا يوغان، يۇمشاق ۋە مەززىلىك تاتلىقياڭيۇدىن بىرنى بېرىۋېتىپ:
−− ساڭا يېڭى يىللىق بېرەي دېسەم پۇلۇم يوق، مۇشۇ تاتلىقياڭيۇ بىلەن يېڭى يىل قىلغىن، ئىلاھىم ساڭا ياخشىلىق ئاتا قىلغاي، −− دېدى. يۈەنجى بۇ ئىشتىن بىر كۈن خۇشال يۈردى.
يۈەنجى شۇ كۈنى پۇيۈن ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا خېلى كەچكىچە تۇردى. ئەما، توكۇر، دوك تىلەمچىلەر كەتكەن، ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىكى تاقالغانىدى. لېكىن ئاكىسى يۈەنجىنى ئالغىلى كەلمىدى. بەلكىم يېڭى يىل سەۋەبى بىلەن دۇكاندىكى ئىشلار بەك بېسىق بولۇپ كېتىپ ئاكىسى ئۇنى ئۇنتۇپ قالغاندۇ.
−− ئۇستاز سېنى بەك كەچكە قالسا ئىبادەتخانىدا قونۇپ قالسۇن دەپ ماڭا تاپىلىغانىدى، −− دېدى راھىبچاق.
−− يەنە ساقلاپ باقاي، −− دېدى يۈەنجى راھىبچاقنىڭ گېپى تۈگىشى بىلەنلا ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ.
تۈن نىسپى، ھەممە يەردە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە. يۈەنجى توڭغاندەك قىلدى. شۇ ئەسنادا جىمجىت كوچىدىن بىر ئايال كىشىنىڭ ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى. يول ياقىسىدىكى چىراغ يورۇقىدا بىر ئايالنىڭ چىرايى غۇۋا كۆرۈندى. يۈەنجى بۇ چىراينى تونۇدى، بۇ ئايال پۇيۈن ئىدى. ئارىدىن قانچە يىللار ئۆتۈپ كەتكىنى يۈەنجىنىڭ ئېسىدە يوق ئىدى. يۈەنجى پۇيۈننى بىر كۆرۈپلا تونۇدى - يۇ، ئەمما پۇيۈننىڭ چوڭلا بىر ئايال بولۇپ قالغانلىقنى كۆرۈپ ۋاقىتنىڭ ئېقىن سۇدەك ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھەيرانلىق ئىلكىدە ھېس قىلدى.
پۇيۈن چوڭلا بىر ئايال بولۇپ قالغانىدى. ئۇ چىرايلىق ھەم قويۇق پەرداز قىلغان بولۇپ، قىسقا خۇرۇم يوپكا، ئۇزۇن قونچلۇق ئۆتۈك كىيگەنىدى. سېرىق رەڭدە بويىۋالغان چاچلىرى يەلكىسىگە يېيىلىپ تۇراتتى. چىرايىدا سولغۇنلۇق ئەلەڭلەيتتى. لېكىن كۆزى بۇرۇنقىدەكلا تىنىق ئىدى. يۈەنجى توساتتىن قورقتى، ئۇ پۇيۈننىڭ يات يولۇچىلاردەك ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىشىدىن قورقتى، پۇيۈننىڭ ئۆزىنى تونۇۋېلىشىدىن تېخىمۇ قورقتى.
−− سەن؟ −− دېدى يۈەنجىنى كۆرگەن پۇيۈن دەرگۇماندا بولغىنىچە كۆزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ سەپسالغان ھالدا، شۇ تاپتا پۇيۈننىڭ ۋۇجۇدىدىن ناز - جىلۋە يېغىپ تۇراتتى، −− سەن بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشنى خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىكەن، −− پۇيۈن كۈلدى.
يۈەنجى »مەن سىزنى ئۇزاق يىل ساقلىدىم« دېمەكچى بولدى - يۇ، ئەمما ئېغىزىدىن چىقىرالمىدى، ئۇ پەقەت:
−− ئەجەب ئۇچرىشىپ قالدۇق - ھە، −− دەپ قويدى.
پۇيۈن خۇرۇم يوپكىسىنى يىغىپ يۈەنجىنىڭ ئالدىغا كېلىپ زوڭزايدى، ئۇنىڭ چىرايلىق تىزلىرى يۈەنجىنىڭ كۆزىگە تاشلىنىپ تۇراتتى.
−− شۇنچە يىللاردىن بېرى تىلەمچىلىك قىلىپ كەلدىڭمۇ؟ −− سورىدى پۇيۈن.
يۈەنجى بېشىنى لىڭشىتتى. پۇيۈنمۇ بېشىنى لىڭشىتقىنىچە:
−− رىيازەت چېكىپسەن، −− دېدى پەس ئاۋازدا، −− مەن سېنى تۇنجى قېتىم كۆرگىنىمدە بەش ياشتا ئىدىم. ھازىر 17 ياشقا كىردىم.
−− دېمەك، كۆرۈشمىگىنىمىزگە 12 يىل بولدى دېگەن گەپ، −− دېدى يۈەنجى كۆرۈشمىگىلى شۇنچە ئۇزاق يىل بولغىنىغا ئىشەنگۈسى كەلمەي.
−− شۇنداق، 12 يىل بولدى، −− دېدى پۇيۈن، ئۇنىڭ چىرايىدىن ناز - خۇلق يېغىپ تۇراتتى.
−− ئېسىڭىزدىمۇ؟ −− دېدى يۈەنجى، −− مېنى بىرىنچى قېتىم كۆرگىنىڭىزدە مېنى پۇل ساتىدىكەن دەپ قاپتىكەنسىز.
−− ئېسىمدە، −− دېدى پۇيۈن، −− سەن ھازىرمۇ پۇل ساتىدىكەنسەن، ئەمما مەن تېنىمنى ساتىمەن.
−− ھەممىمىزگە ئاسان ئەمەس، −− دېدى يۈەنجى مۇنداقلا كۈلۈمسىرەپ قويۇپ.
−− سەن بىلەن پاراڭلىشىش نېمىدېگەن كۆڭۈللۈك، −− دېدى پۇيۈن يۈەنجىنىڭ بېشىغا بوش ئۇرۇپ قويۇپ، −− مەن ساڭا نېمە گېپىم بولسا دېيەلەيدىكەنمەن، سەن ھەممە ئىسسىق - سوغۇقنى كۆردۈڭ، ھەممىگە كۆنۈپ كەتتىڭ.
−− ئۇنچىمۇ ئەمەس، −− دېدى يۈەنجى سەل خىجىل بولۇپ، −− مەن دېگەن يېرىم ئادەم، خەقلەرنىڭ مەن بىلەن خۇشى يوق، كۆنمەسلىككە ئامالىممۇ يوق.
پۇيۈن گۆدەكلەرچە كۆككە باقتى. ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئاپپاق ھور جىمجىت كوچا بوشلۇقىغا تارقالدى.
−− توڭمۇدۇڭمۇ؟ مەن توڭۇۋاتىمەن، قورسىقىممۇ ئاچتى، −− دېدى پۇيۈن، ئۇ ئارقىدىنلا يۈەنجىنىڭ تۆمۈر قاچىسىنىڭ ئۈستىدىكى تاتلىقياڭيۇنى كۆرۈپ:
−− بۇ يەردە ئوبدان نەرسە بار ئىكەنغۇ، بالدۇرراق دېسەڭ بولمامدۇ، −− دېدى خۇشال بولغىنىچە.
−− يەۋېرىڭ، −− دېدى يۈەنجى ھاياجانلىنىپ، ئۇ ئۆزىنىڭ نېمىشقا بۇنداق ھاياجانلانغانلىقىنى بىلمەيتتى، ھەتتا ئۇنىڭ گەپ - سۆزىمۇ تازا قولاشمايۋاتاتتى، −− ھەي سوۋۇپ قالدى - دە.
−− بىللە يەيلىچۇ؟ −− دېدى پۇيۈن كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، −− مەن بۇ يەرگە يېقىنلا بىر يەردە تۇرۇۋاتىمەن، مەن بىلەن بىللە ئۆيۈمگە كەتكىن، تاتلىقياڭيۇنى ئىسسىتاي، تەڭ يەيلى، −− پۇيۈن چېچىنى كەينىگە تاشلىغاندىن كېيىن ئۆزىنى مازاق قىلغىنىچە، −− مەن تىلەمچىنىڭ نەرسىسىنى يەيدىغان كۈنگە قالغاندىن كېيىن راستتىنلا يارامسىز ئىكەنمەن، −− دېگەننى قوشۇپ قويدى.
−− ھېچقىسى يوق، −− دېدى يۈەنجى ئۈنلۈك قىلىپ.
1999- يىلىنىڭ ئاخىرى، كۈندۈزدىكى قاتار - قاتار سەرەڭگە قېپىسمان ئىمارەتلەر كۆزگە چېلىقمايتتى. كوچا شۇنداق رەتلىك ۋە پاكىز، تۈز - تەكشى، كۆز يەتكۈسىز بولۇپ، پايانسىز ئاسمان بوشلۇقى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەنىدى. پۇيۈن يۈەنجىنىڭ غالتەكلىك ئورۇندۇقىنىڭ يىپىدىن تارتىپ، قاراڭغۇ پۇيۈن كوچىسىدا خۇشال يۈگۈردى، ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان يۈەنجى سەل قورقتى. ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق تېز مېڭىپ باقمىغانىدى. ئۇ ئورۇندۇقنىڭ غالتىكىنىڭ غاچۇر - غۇچۇر قىلغان ئاۋازىنى، پۇيۈننىڭ ئۆتۈكىنىڭ ئاۋازىنى ناھايىتى ئېنىق ئاڭلىدى. پۇيۈن يۈگۈرەيتتى، كۈلەتتى، شۇ تاپتا ئۇ بەش ياشلىق بالىنىڭ ئۆزىلا ئىدى. يۈەنجى قورققىنىدىن كۆزلىرىنى يۇمۇۋالغانىدى. ئۇ قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىمۇ ئاسانغا توختىمامدۇ نېمە؟ دەپ ئويلاپ قالدى.
پۇيۈننىڭ ئۆيىمۇ يۈەنجىنىڭ تىككۈچىلىك ئۆيىدەكلا ۋەيرانە ۋە تار ئىدى. بۇ كاتەكتەك ئۆي ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى ئېسىل كىيىملەر بىلەن ماسلىشالمىغانىدى. ئۇ مۇزلاپ كەتكەن قوللىرىنى يۈزىگە يېقىپ ئىسسىتىپ، پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويغاندىن كېيىن مەشكە ئوت ياقتى. لۇڭچىڭ شەھىرىدە 1999- يىللىرى كۆنەكسىمان كۆمۈر قالايدىغان مەش قالمىغانىدى. لېكىن بۇ مەشنىڭ تاتلىقياڭيۇنى شۇنداق تاتلىق، مەززىلىك پىشۇرغىلى بولىدىغان ئالاھىدىلىكى بار ئىدى. پۇيۈن مەشكە ئوت ياققاچ يۈەنجى بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇيۈەنجىنى ئۆيىگە دائىم كېلىپ تۇرىدىغان يېقىن كىشىسىدەكلا ھېس قىلغانىدى.
−− ئىسسىدى، −− دېدى پۇيۈن تاتلىقياڭيۇنى ئىككىگە بۆلگەندىن كېيىن قىپقىزىل يېرىم ياڭيۇنى يۈەنجىنىڭ ئاغزىغا تەڭلەپ:
−− ئىسسىقىدا يېگىن، نېمىدېگەن مەززىلىك، −− دېدى:
−− ياق، يېمەيمەن، −− دېدى يۈەنجى ھودۇققىنىچە، −− سىز ئاۋۋال يېرىمىنى يەڭ، مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، ئۆزۈم يېيەلەيمەن، مەن ئۆزۈم يەي.
−− ئاز گەپ قىل، −− دېدى پۇيۈن يۈەنجىگە ئالىيىپ، −− قولۇڭمۇ بولمىسا قانداق يەيسەن؟ مەن ئېلىپ بېرەي، چاققان يە، بولمىسا مېنىڭمۇ سوۋۇپ قالىدۇ.
يۈەنجى پۇيۈننىڭ دېگىنىدەك قىلدى، ئۇ پۇيۈننىڭ ئاپپاق قولىدىكى تاتلىقياڭيۇنى ئېچىرقاپ كەتكەندەك يېدى.
−− ھەي ئالدىرىماي يېگىن، بىر كىم تارتىۋالمايدۇ. توختا، پوستىنىمۇ قوشۇپ يەۋەتتىڭ. توختا، سويۇۋېتەي، ھەي ئەخمەق، قولۇمنى چىشلىۋالدىڭ، −− دېدى پۇيۈن يۈەنجىنىڭ قۇلاق تۈۋىگە ئاغزىنى يېقىن قىلىپ.
تاتلىقياڭيۇ ناھايىتى ئىسسىق ۋە تاتلىق ئىدى. ياڭيۇدىن ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. يۈەنجى ئۆزىنىڭ ياڭيۇنى يالماپ يۇتۇپ يېگەچ، كۆز يېشى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇۋاتاتتى. ئۇ، بۇ جاھاندا ئاپىسىدىن باشقا ئۆزىگە بۇنداق كۆيۈنىدىغاان بىرسىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتى. بەزىلەر يۈەنجىنىڭ پۇت - قولى بولمىغاچقا ئاش - غىزا يېگەندە ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئويلايتتى، يەنە بەزىلەر يۈەنجىنىڭ ئاش - غىزانى ئىت - مۈشۈكتەك يېيىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئاش - غىزانىڭ تەمىنى بېجىرىم ئادەملەردەك تېتىپ تۇرۇپ راۋۇرۇس يېيىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. يۈەنجى بۇ ئارزۇيىنى ھازىرغىچە بىرەرسىگە ئېيتمىدى. چۈنكى ئۇ باشقىلارنى ئاۋارە قىلىشنى خالىمايتتى. بىراق بۇلارنى پۇيۈن بىلەتتى. ئۇ ئىككىيلەن كۆرۈشمىگىلى شۇنچە يىل بولغان تۇرسا پۇيۈن بۇلارنى قانداق بىلىدىغاندۇ، لېكىن پۇيۈن ھەممىنى بىلىدىغاندەك قىلاتتى.
پۇيۈن يۈەنجىنىڭ كۆزىگە سەپسېلىپ قارىدى، تاتلىقياڭيۇنىڭ پوستىنى سويدى. يۈەنجىنىڭ ياشلىرىنى بارماقلىرى بىلەن سۈرتتى.
−− بىچارە، −− دېدى پۇيۈن خورسىنغىنىچە پىچىرلىغاندەك قىلىپ، −− ھەي بىچارە، بىراق سېنىڭ پۇت - قولۇڭدىن باشقا يېرىڭ بېجىرىم شۇنداقمۇ؟ −− پۇيۈن كۈلدى، ئۇنىڭ مەڭزىلىرى بىلىنەر - بىلىنمەس قىزاردى، كۆز نۇرى چاقنىدى، لەۋلىرى قىزاردى.
−− سەن ھازىرغىچە ئەر بولۇشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىدىڭغۇ دەيمەن؟ −− سورىدى پۇيۈن يۈەنجىدىن.
−− ياق، بولمايدۇ −− دېدى ھودۇقۇپ كەتكەن يۈەنجى باشلىرىنى چايقىغىنىچە.
−− مەن، مېنىڭ پۇلۇم يوق.
−− ماڭا سېنىڭ پۇلۇڭ كېرەك ئەمەس، −− دېدى پۇيۈن كۈلۈپ تۇرۇپ، −− سەن دېگەن مېنىڭ يېقىن دوستۇم. سەن تېخى ماڭا تاتلىقياڭيۇ بەردىڭ، مەن ساڭا پۇل دېمەيمەن.
−− سىزمۇ پۇلنى مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتتە تاپىسىز، −− دېدى يۈەنجى گېپىدە چىڭ تۇرۇپ.
−− بولدى، بولدى، كوتۇلداۋەرمىگىن، −− دېدى پۇيۈن گېپىدە چىڭ تۇرغىنىچە يۈەنجىگە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ، −− گېپىمنى ئاڭلا كۆزۈڭنى يۇم، قالغان ئىش بىلەن سېنىڭ كارىڭ بولمىسۇن.
−− لېكىن بولمايدۇ، مەن پاسكىنا، −− دېدى يۈەنجى قىزارغىنىچە، −− مەن بىر يىلدا بىر قېتىممۇ يۇيۇنمايمەن، مەن سىزنى مەينەت قىلىۋەتسەم بولمايدۇ. مەن...
−− بولدى قىلە، −− دېدى پۇيۈن بىتاقەت بولغىنىچە كۈلۈمسىرەپ، −− دېدىمغۇ، كۆزۈڭنى يۇمە.
سىرتتا شىمال شامىلى ھۇشقۇيتماقتا. ئەمما يۈەنجى مەشنىڭ ئوتىنىڭ بارغانسېرى ئۇلغىيىپ، ئۆزىنىڭ ھاياجانلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا. ئىللىقلىق، ئۇ ئىلگىرى ھېس قىلىپ باققان بىر خىل ئىللىقلىق ئۇنى تىلەمچىلىك قىلغىلى چىققان تۇنجى كۈندىكى كەچكى شەپەققە ئوخشاش ئۆز قۇچىقىدا ئەللەيلىمەكتە ئىدى. بۇ خىل ئىللىقلىق يۈەنجىگە بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلەتتى. ئۇ بالا چاغلىرىدا ئانىسى ئۇنىڭغا چۆچەك ئېيتىپ بېرەتتى. بۇ چۆچەكلەردىكى »بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا« دېگەن سۆز ئۇنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەنىدى.
يۈەنجى شۇ دەقىقىدە پۇت - قولىنىڭ لۆڭڭىدە ئۆسۈپ چىقىدىغاندەك ھېس قىلاتتى. خۇدايىم، بۇرۇننىڭ - بۇرۇنىسىدا... يۈەنجى چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمۈلگىنىچە كۆزىنى ئاچتى.
−− ھازىردىن باشلاپ ھەقىقىي ئەركەك بولدۇڭ، −− دېدى پۇيۈن يۈەنجىگە خاتىرجەم ھالدا. يۈەنجى ئاشۇ كېچىدىن كېيىن پۇيۈننى كۆرمىدى.
ھەش - پەش دېگۈچە خېلى يىللار ئۆتۈپ كەتتى. بۇ يىللاردا پۇيۈن لۇڭچىڭ شەھىرىدىن ئۇن - تىنسىز غايىب بولدى. پۇيۈن كوچىسى ئاۋۋالقىدەكلا شاۋقۇن - سۈرەنلىك ئىدى. پۇيۈن ئىبادەتخانىسىدا كۈجە كۆيدۈرىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىدى. بېيىغانلار، باي بولۇشنى تىلەۋاتقانلار بارغانسېرى كۆپەيگەنىدى. پۇيۈن ئىبادەتخانىسى كۈنبويى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمەتتى، راھىبچاقلارمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى. شۇڭا بۇ يىللاردا يۈەنجىنىڭ تاپاۋىتىمۇ ئوبدان بولۇپ كەلدى. ئەلۋەتتە كىشىلەر دېيىشكەندەك »تىلەمچىلەرنىڭ كاتتىبېشى«دەك قالتىس بېيىپ كەتمىسىمۇ، لېكىن قورسىقى توق، ئۇچىسى ئىللىق، خاتىرجەم ئۆتۈۋاتاتتى.
پۇيۈن ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرىدىغان بىر نەچچە مەجرۇھ تىلەمچى بۇ ئىبادەتخانىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى بولۇپ قالدى. بۇ يىللاردا تۆت ئەزاسى بېجىرىم تىلەمچىلەر پۇيۈن ئىبادەتخانىسىدىن ئىبارەت ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۆكسۈمەيدىغان بۇ گۆھەر جايغا كۆزى چۈشمىدىمۇ ئەمەس، لېكىن تۆت ئەزاسى بېجىرىم تىلەمچىلەر بۇ يەردە ھامان ئۇزاق تۇرالمايتتى. ئۇلارنى يۈەنجى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قوينىغا ئالغان ھالەتتىمۇ، ئىبادەتخانا ئەتراپىدىكى دۇكاندارلار ئۇلارغا ئىللىق چىراي ئاچمايتتى. ئۇنىڭدىن باشقا پۇيۈن ئىبادەتخانىسىغا يېقىن جايدىكى ساقچىخانىنىڭ قاسقان شەپكىلىك ساقچىلىرى ئۇلارنى بۇ يەردىن قوغلاپ كەتكۈزۈۋېتەتتى. نېمە ئۈچۈندۇركىن تاڭ، يۈەنجى بۇ يەرگە يىلتىز تارتىپ كەتكەنىدى.
يۈەنجى ئاۋۋالقىدەكلا كەم سۆز ئىدى. ئاۋۋالقىدەكلا مېيىپ ھەمراھلىرى ئىچىدىكى مۇھىم شەخس ئىدى. مۇشۇ يىللاردا ئۇ ئانچە - مۇنچە سەمرىپ قالدى. ئازراق قورساق سالدى، ئۇنىڭ چېھرىدىن خاتىرجەملىك ئەكس ئېتەتتى، ئۇ ھەرقانداق ئىشقا ئانچە خاپا بولۇپمۇ ھەم ئەجەبلىنىپمۇ كەتمەيتتى. يامغۇر ياغسا يامغۇرغا چىلانغىنىچە خاتىرجەم تۇرۇۋېرەتتى. ئۇ ھاۋا ھامان ئېچىلىدىغۇ دەپ ئويلاتتى. يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان قىلىقسىز بالىلار ئۇنىڭ ياقىسىدىن ئىچىگە ئالما شۆپۈكى تىقىۋەتسىمۇ پەرۋا قىلماي جىممىدە ئولتۇراتتى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئوغىسى قايناپ بۇ بەتقىلىق بالىلارنى تىللىسا يۈەنجى كۈلۈپ تۇرۇپ: »بولدىلا تىللىماڭلار، بالا ئەمەسمۇ، چۈشەنمەيدۇ« دەيتتى. بەزىلەر ئۇنىڭ داتلىشىپ كەتكەن تۆمۈر قاچىسىغا پۇل تاشلىغاندا ئۇ خۇشاللىق ئىلكىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ، »رەھمەت« دەپ قوياتتى. يۈەنجى قايناق بازاردەك بولۇپ كېتىدىغان پۇيۈن ئىبادەتخانىسىدا بارغانسېرى مۇھىم ئادەم بولۇپ قالدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا گۆشسىز تائاملار ئاشخانىسى ئاچقان خوجايىن دائىم ئۇنىڭغا تاماق ئەكىلىپ بېرەتتى. چۈنكى بۇ خوجايىن پۇت - قولى يوق، قورساقلىرى تومپىيىپ چىقىپ تۇرغان يۈەنجى قارىماققا ئارخاتغا ياكى ۋاجراغا ئوخشايدىكەن دەپ قارايتتى. يۈەنجى ئىچىدە كۈلۈپ تۇرۇپ »شۇنداق، مەن ئۆزگىرىشچان ماشىنا ئادەم« مەن دەيتتى.
2008- يىل. چاشقان يىلى، چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى، قۇتلۇق كۈن.
پۇيۈن ئىبادەتخانىسى ھەر يىلى چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى ئاۋاتلىشىپ كېتەتتى. بۇ يىل تېخىمۇ ئاۋاتلىشىپ كەتتى. چۈنكى كىشىلەر چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى ئىبادەتخانىدا دەرمە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئاللاھتىن جەنۇبنى قار ئاپىتىدىن ساقلاشنى تىلەشتى، شۇنداقلا ساخاۋەتچىلەر بۇددا دىنىنىڭ ئىجادكارى ساكيامۇنىنىڭ پۇتىنى رېمونت قىلىشقا پۇل ئىئانە قىلىشتى. ساۋابلىق ئىشنىڭ چېكى يوق، باغلام - باغلام كۈجىلەر چاغانلىق مالغا ئوخشاش ئىبادەتخانىغا كىرمەكتە ۋە چىقماقتا ئىدى. ئىبادەتخانا ئالدىدا پارقىراپ تۇرغان نۇرغۇن ماشىنا تۇراتتى. يەنە نۇرغۇن كىشى ئىبادەتخانىغا بالىۋاقىلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىشكەنىدى. قېرى - ياش، ئەر - ئاياللارنىڭ چىرايىدا ئۈمىد - ئارزۇ جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ئىچىدە جاپا - مۇشەققەت ۋە گاڭگىراش ئىچىدە تىركىشىۋاتقانلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار ساكيامۇنى ۋە بۇدساتۋانىڭ بۇتى ئالدىدا بىچارە بالىلارغا ئوخشاش ئۇزاققىچە تىزلىنىپ ئۆز دەردلىرىنى تۆكۈشەتتى.
نوم ئوقۇۋاتقان ئاۋاز ئاڭلاندى. كىشىلەر ساكيامۇنىنىڭ قار - شىۋىرغاندا جان تالىشىۋاتقان كىشىلەرنى، قار - مۇز ئاپىتىگە ئۇچرىغان جەنۇبىي جۇڭگونى ئۆز پاناھىدا ساقلىشى، ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە تىركىشىۋاتقان بارلىق جانلىقلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلىشى ئۈچۈن ئىلتىجا قىلىشىۋاتاتتى.
پەقەت يۈەنجىلا بۇلارنى بىر چەتتە ئولتۇرۇپ كۆرۈپ تۇراتتى.
چۈش بولاي دېگەندە بىر بوۋما730 تىپلىق ماشىنا ئىبادەتخانا ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ماشىنىدىن تۈلكە تېرىسىدىن تىكىلگەن سۈررەڭ پەلتو كىيگەن ياش ئايال چۈشتى. ئۇنىڭ چىرايى سۈرلۈك بولۇپ، قەددى - قامىتى تولىمۇ كېلىشكەنىدى. يۈەنجى ئايالنىڭ بۇتخانىنىڭ ئوچۇق قىزىل دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەتكەنلىكىگە، ئۇنىڭ ئىئانە پۇلىنى يىغىشقا مەسئۇل راھىبچاققا قىزىل بولاق بەرگەنلىكىگە، ئاندىن ئۇنىڭغا ئىسمىنى ئەستايىدىل يېزىپ قويغانلىقىغا، ئۇنىڭ ئادەتتىكى كۈجىدىن بىر نەچچە تال كۆيدۈرۈپ، ساكيامۇنى بۇتىغا چوڭقۇر ئىخلاس بىلەن سەجدە قىلغانلىقىغا قاراپ تۇردى.
ئايال سەجدە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىبادەتخانىدىن قايتىپ چىقتى. ئۇ يۈەنجىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپ، بىر تىزىنى ئۇنىڭ قۇتىسىغا سالدى، يۈەنجى بېشىنى كۆتۈردى. شۇ دەقىقىدە ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇچراشتى. بىر - بىرىنى تونۇدى. يۈەنجى كۈلۈمسىرىدى، ئۇ ئادەتتىكى چاغلاردىكىدەك »رەھمەت« دېمەستىن، »يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن« دېدى.
−− يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، −− دېدى ئايالمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۇ گېپىنى دەپ بولۇپلا ماشىنىغا چىقتى - دە، بۇ يەردىن مەڭگۈگە ئايرىلدى.
بوۋما 730تىپلىق ماشىنىدىكى جاڭ پۇيۈننىڭ ياشلىرى ئىختىيارسىز مەڭزىگە سىرغىدى. ئۇنىڭ سەككىز يىلدىن بېرى ھەم چوڭقۇر سۆيىدىغان، ھەم ئىنتايىن ئۆچ بولۇپ كەتكەن لۇڭچىڭ شەھىرىگە تۇنجى قېتىم كېلىشى ئىدى، سەككىز يىل ئۆتۈپ كەتتى. پۇيۈن ھازىر بېيىدى. كاتتا باي بولدى. ئۇنىڭ بۇ پۇللىرى بۇنىڭدىن سەككىز يىل ئىلگىرىكى تېخى 17ياشتىكى، يېرىم كېچىدە بىر تال تاتلىقياڭيۇنى بۆلۈپ يېگەن ياش پاھىشەنى كاتتا خېنىمغا ئايلاندۇردى. ئۇنىڭ مۇشۇ پۇلنى تېپىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ھازىر پۇيۈن قىلچە ئالدى - كەينىگە قاراپ ئولتۇرمايلا پۇلنى غازاڭدەك سورۇپ چاچالايدۇ. لېكىن شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇ مۇشۇ يىللاردا قەلبىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە ئورناپ كەتكەن خورلۇق ۋە ئار - نومۇسنى ئۇنتۇپ كەتكىنى يوق، ئۇنتۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ھازىر ئۇ بۇلارنى ئويلاپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇ شۇ تاپتا تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈپ باقايمىكىن دېگەن ئويغا كەلدى. چۈنكى ئۇ ئۆزى بىلەن جاپا - مۇشەققەت ۋە ھالاۋەتنى تەڭ كۆرگەن يېقىن دوستى يۈەنجىنىڭ شۇ تاپتا بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدى.
( <<2008-يىللىق جۇڭگو ھېكايىلىرى>> ناملىق كىتابتىن)
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------